پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ناماز ئوقۇشتىن توسۇلغان ۋاقىتلار

48998

تارقاتقان ۋاقىت : 15-02-2007

كۆرگۈچىلەر : 11859

سۇئال

بىر كۈن جەريانىدا ناماز ئوقۇشتىن توسۇلغان ۋاقىتلار قايسى ؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن .
قىسقىچە قىلىپ ئېيىتقاندا ، توسۇلغان ۋاقىت ئۈچ ، كىڭەيتىپ ئېيىتقاندا بەش . ئۇلار :
تاڭ ئاتقاندىن كۈن چىققۇچە .
كۈن چىققاندىن باشلاپ ، ئۇ نەيزە بويى كۆتۈرۈلگىچە ، ھەمدە بۇ ۋاقىت 12 مىنۇت دەپ پەرەز قىلىنىدۇ ، ئىھتىيات يۈزسىدىن 15 مىنۇت قىلىنىدۇ .
چۈشتە كۈن تىكلىشىپ ، ئاسماننىڭ ئەڭ ئىگىز نۇقتىسىدىن ئۆتككچە .
ئەسىر نامىزىدىن كۈن ئولتۇرغۇچە .
كۈن ئولتۇرۇشقا باشلىغاندىن باشلاپ ، ئۇ تولۇق ئولتۇرۇپ بولغۇچە .
بۇ ۋاقىتلار قىسقىچە قىلىپ ئېيىتقاندا ، تۆۋەندىكىچە بولىدۇ :
تاڭ ئاتقاندىن باشلاپ ، كۈن نەيزە بويى كۆتۈرۈلگىچە .
كۈن چۈشتە تىكلەشكەندىن باشلاپ ، ئاسماننىڭ ئەڭ ئىگىز نۇقتىسىدىن ئۆتكىچە .
ئەسىر نامىزىدىن كۈن تولۇق ئولتۇرغىچە .
تاڭ ئاتقاندىن باشلاپ دىگىنىمىز ، يەنى بامداتنىڭ ئەزىنىدىن كىيىن بامداتنىڭ سۈننىتىدىن باشقا نەپلە نامازنى مەنئىي قىلىش بولۇپ ، بۇ ھەبەلىيلەرنىڭ قارىشى .
شافىئېيلەر بولسا چەكلەش بامدات نامىزىنىڭ ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ، ئەزان بىلەن ئىقامەتنىڭ ئارىسىدا نەپلە ناماز ئوقۇش چەكلەنمەيدۇ ، ھەمدە چەكلەش بامداتنىڭ پەرىزىنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كىيىنلىسىگە قارىتىلغان .
ھەمدە بۇ بولسا بەكرەك توغرا قاراش ، بىراق كىشى تاڭ ئاتقاندىن كىيىن بامداتنىڭ ئىككى رەلىتىدىن باشقا نەپلە ناماز ئوقۇماسلىقى كىرەك .چۈنكى پەيغەمبەر ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن .) تاڭ ئاتقاندىن كىيىن پەقەت يەڭگىل ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇيىتتى .
[ الشرح الممتع للشيخ ابن عثيمين رحمه الله 4/160] كە قاراڭ .
يۇقۇردا دىيىلگەننىڭ دەلىلى بولسا : بۇخارىي( 547) ، مۇسلىم(1367) نەقىل قىلدىكى ، ئىبنۇ ئەبباس مۇنداق دىگەن : " بەزى ئىشەنچىلىك كىشىلەر مىنىڭ قېشىمدا گۇۋاھلىق بەردىكى ، مىنىڭ قارىشىمدا ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئىشەنچىلىكى بولسا ئۇمەر ئىدى ، پەيغەمبەر( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن .) بامداتتىن كىيىن كۈن چىققۇچە ، ئەسىردىن كىيىن كۇن ئولتۇرغۇچە ناماز ئوقۇشتىن چەكلىدى . "
بۇخارىي( 548) ، مۇسلىم ( 1371) نەقىل قىلدىكى ، ئىبنۇ ئۇمەر مۇنداق دىگەن : " ئاللاھ ئەلچىسى ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن .) مۇنداق دىگەن : قۇياشنىڭ ئۈستۈنكى قېشى كۆرۈنگەندە ، ئۇ تاكى ئۇپۇقتىن كۆتۈرۈلگىچە ناماز ئوقۇشنى كەينىگە سۈرۈڭلار . ھەمدە قۇياشنىڭ ئاستىنقى قېشى يوقالغاندا ، ئۇ تاكى تولۇق ئولتۇرغىچە ناماز ئوقۇشنى كەينىگە سۈرۈڭلار .
بۇخارىي( 551) نەقىل قىلدىكى ، ئەبۇ سەئېيىد خۇدرىي مۇنداق دىگەن : " مەن ئاللاھ ئەلچىسىنىڭ ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن .)مۇنداق دىگەنلىكىنى ئاڭلىدىم : بامداتتىن كىيىن كۈن تولۇق كۆتۈرۈلگىچە ناماز يوق ، ھەمدە ئەسىردىن كىيىن كۈن ئولتۇرغۇچە ناماز يوق .
مۇسلىم ( 1373) نەقىل قىلدىكى ، ئۇقبە بىن ئامىر جۇھەنىي مۇنداق دىگەن : " ئۈچ ۋاقىت بار ، ئاللاھ ئەلچىسى( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن .) بىزنى ئۇنىڭدا ناماز ئوقۇش ۋە مىيىتلىرىمىزنى دەپنە قىلىشتىن توسۇغان : قۇياش ئىنىق كۆتۈرلۈشكە باشلاپ ، تاكى ئۇ تولۇق كۆتۈرلۈپ بولغىچە ، چۈشتە قۇياش تىكلىشىپ ، ئاسماننىڭ يۇقۇرى نۇقتىسىدىن ئۆتكىچە ، قۇياش ئولتۇرۇشقا باشلاپ ، تاكى ئۇ تولۇق ئولتۇرۇپ بولغىچە ."
ھەمدە ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ .

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى