پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ئايال كىشى نىپاستىن قىرىق كۈندىن بۇرۇن پاك بولسا، يۇيۇنۇپ ناماز ئوقۇيدىغانلىقى ۋە روزا تۇتىدىغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال

ئايالىم شەئبان ئېيىدىن ئون بەش كۈن بۇرۇن تۇغدى، ئەگەر نىپاسنىڭ قېنى توختىغانلىقى تەكىتلەنسە، ئۇ ناماز، روزا، قۇرئان تىلاۋەت، ئۆمرە قىلىش قاتارلىق شەرئى ئىبادەتلەرنى ئادا قىلسا توغرا بولامدۇ؟ ياكى بەزى كىشىلەرنىڭ قارىشى بويىچە قىرىق كۈن كۈتۈشى كېرەكمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ "ئەلمۇغنى" 1-توم 428-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "كۆپچىلىك ئۆلىمالار ۋە تۆت مەزھەب ئىماملىرى ھەممىسى بىردەك نىپاسنىڭ ئەڭ ئاز ۋاقتىنىڭ بەلگىلىمىسى يوق دېگەن قاراشتا بولۇپ، ئايال قاچان نىپاستىن پاك بولسا يۇيۇنۇپ، ناماز ئوقۇش ۋە روزا تۇتۇشى كېرەك بولىدۇ، گەرچە يەڭگىگەن ۋاقتىغا قىرىق كۈن توشمىسىمۇ بولىدۇ، چۈنكى شەرىئەتتە ئۇنى ئېنىق بەلگىلىگەنلىك توغرىسىدا دەلىل كەلمىگەن، ئاز ۋاقىت ئۆتسۇن ياكى كۆپ ۋاقىت ئۆتسۈن قاچان نىپاس توختىسا شۇ ۋاقىتتا پاك بولىدۇ دېگەن.

    بەزى ئۆلىمالار بۇ مەسىلىدە ئالىملارنىڭ بىرلىككە كەلگەنلىكىنى نەقل قىلغان. ئىمام تىرمىزى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن، ئۇلاردىن كېيىنكى تابىئىنلاردىن ۋە ئۇلاردىن كېيىنكى ئۆلىمالارنىڭ ھەممىسى: نىپاسدار ئايال قىرىق كۈنگىچە ناماز ئوقۇمايدۇ، لېكىن قىرىق كۈن توشۇشتىن ئىلگىرى پاك بولسا يۇيۇنۇپ ناماز ئوقۇيدۇ دېگەن قاراشتا بىرلىككە كەلگەن. [ئىمام نەۋەۋىينىڭ"ئەلمەجمۇئ"2-توم 541-بەت].

     پەتىۋالار مەجمۇئەسى 15-توم 195-بەتتە: شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھدىن: ئايال كىشى تۇغۇتتىن كېيىن نىپاستىن قىرىق كۈندىن بۇرۇن پاك بولسا يۇيۇنۇپ ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش ۋە ھەج قىلىشى توغرا بولامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "شۇنداق، ئايال قىرىق كۈندىن بۇرۇن ياكى يىگىرمە كۈندە بولسىمۇ نىپاستىن پاك بولسا، ئۇ ئايالنىڭ يۇيۇنۇپ ناماز ئوقۇشى، روزا تۇتۇشى، ھەج قىلىشى ۋە يولدىشى بىلەن ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەت قىلىشى توغرا بولىدۇ، ئەمما ساھابىلاردىن ئوسمان ئىبنى ئەبىل ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىرىق كۈندىن بۇرۇن يۇيۇنۇپ نامازنى ئوقۇشنى (مەكرۇھ دەپ)ياخشى كۆرمىگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان بولسىمۇ، بۇ ئۇ كىشىنىڭ ئىجتىھادى بولۇپ، بۇنىڭدىن چەكلەيدىغانغا دەلىل بايان قىلىنمىغان.

    توغىرسى: ئۇ ئايال قىرىق كۈندىن ئىلگىرى پاك بولغان بولسا يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىشلارنى قىلسا توغرا بولىدۇ. ئەگەر قىرىق كۈن توشۇشتىن ئىلگىرى يەنە قان كەلسە، توغرا قاراشتا قىرىق كۈن ئىچىدە كەلگىنى نىپاستىن ھېسابلىنىدۇ، قىرىق كۈندىن بۇرۇنقى پاك ۋاقتىدا ئوقۇغان نامىزى ۋە تۇتقان روزىسى، قىلغان ھەججى توغرا بولىدۇ، بۇ ئىبادەتلەرنى پاك بولدۇم دېگەن ھالەتتە قىلغان بولسا ئۇنى قايتىدىن قىلىش كېرەك بولمايدۇ.

   دائىمىي كومىتېتى پەتىۋاسى 5-توم 458-بەتتە: بىر ئايال تۇغۇپ قىرىق كۈندىن بۇرۇن پاك بولغانلىقىنى كۆرسە يۇيۇنۇپ ناماز ئوقۇيدۇ، روزا تۇتىدۇ ۋە يولدىشى بىلەن ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەت قىلسا بولىدۇ دەپ كەلگەن. 

   دائىمىي كومىتېتى ئالىملىرىدىن: بىر ئايال رامزاندىن يەتتە كۈن بۇرۇن تۇغۇپتۇ، ئاندىن پاك بولۇپ رامىزان روزىسىنى تۇتقان بولسا قانداق بولىدۇ؟ دەپ سورالغاندا، ئۇلار جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "ئەگەر ئىش سوئالدا بايان قىلىنغاندەك بولسا، ئۇ ئايالنىڭ پاك بولغاندىن كېيىن تۇتقان رامىزان روزىسى توغرا بولىدۇ، ئۇنى قايتىدىن تۇتۇش كېرەك بولمايدۇ". [دائىمىي كومىتېتى پەتىۋاسى 5-توم 458-بەت].

    ئاللاھ ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى