جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

ھەيزدىن پاك بولغانلىقىغا ئىشەنچ قىلالماستىن ناماز ئوقۇپ، روزا تۇتقان ئايال توغرىسىدا

سۇئال

بىر كېچىسى سۇھۇر ۋاقتى بىلەن يۇيۇندۇم، چۈنكى مېنىڭ ئايلىق ئادىتىم بۈگۈن ئاخىرلىشاتتى، سۇھۇرلۇق يېدىم، روزا تۇتتۇم، ناماز ئوقۇدۇم،  بامدات ۋاقتىدىن باشلاپ شام نامىزىغا ئەزەن چىققان ۋاقىتقىچىلىك ھېچ نەرسە كەلمىدى، شام نامىزى ئوقۇشنى مەقسەت قىلغان ۋاقتىمدا ئايلىق ئادىتىمنىڭ تولۇق ئاخىرلاشقانلىقى ئوچۇق بولدى، مېنىڭ شۇ كۈنلۈك تۇتقان روزا ۋە ئوقۇغان نامىزىم توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ھەيزدار ئايالنىڭ ھەيزدىن پاك بولغانلىقىغا تولۇق ئىشەنچ قىلالماي تۇرۇپ، ئۇنىڭ ناماز ئوقۇپ، روزا تۇتۇشى توغرا بولمايدۇ.

ئاياللار ئاق سۇيۇقلۇق كېلىش بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ھەيزىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلىدۇ، بەزى ئاياللار ھەيز قېنىنىڭ قۇرىغانلىقىدىن ئۆزىنىڭ پاك بولغانلىقىنى بىلىدۇ. ئاياللار ھەيزدىن پاك بولغانلىقىغا تولۇق ئىشەنچ قىلمىغۇچە يۇيۇنماسلىقى كېرەك.

ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ "ھەيزنىڭ باشلىنىشى ۋە ئاخىرلىشىشى" دېگەن بابتا مۇنداق دەيدۇ: ئاياللار ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يېنىغا ئۆزلىرى ھەيز ۋاقتىدا ئىشلەتكەن ساغۇچ بولغان پاختىلارنى قاپقا سىلپ ئەۋەتەتتى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇلارغا: سېرىقلىق يوقاپ ئاقلىقنى كۆرمىگۈچە ئالدىرماڭلار دەيتتى، بۇنىڭدىن ھەيزدىن پاك بولۇشىنى مەقسەت قىلاتتى. زەيد ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىزى: ئاياللارنىڭ ھەيزدىن پاك بولغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن كېچىدە چىراق يورۇتۇپ قارايدىغانلىقىنى ئاڭلىغاندا، ئۇلارنى ئەيىبلەپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە ئاياللار ئۇنداق قىلمايتتى، دېگەن".

ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئۆلىمالار ھەيزنىڭ باشلانغانلىقى ھەيز كىلىدىغان ۋاقىتتا قاننىڭ ئېتىلىپ چېقىدىغانلىقىدىن بىلىنىدىغانلىقىغا ئىتتىپاق كەلگەن بولسىمۇ ھەيزنىڭ ئاخىرلاشقان ۋاقتىنى بىلىشتە ئىختىلاپ قىلىشتى، بەزىلەر: قاننىڭ قۇرىغانلىقى بىلەن بىلىنىدۇ دىسە، يەنە بەزىلەر: ئىمام بۇخارىنىڭ مايىللىقى بويىچە ئاق سۇيۇقلۇق كېلىش بىلەن بىلىنىدۇ، دېدى.

ئاق سۇيۇقلۇقنىڭ كېلىشى ھەيزنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنىڭ ئالامىتى بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن پاكلىقنىڭ باشلانغانلىقى ئاشكارا بولىدۇ. بۇ سۆز ھەيزنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى قاننىڭ قۇرغانلىقى بىلەن بىلىنىدۇ دېگەن قاراشتىكى كىشىلەرگە ئىتىراز بولىدۇ. چۈنكى بەزى ۋاقىتتاھەيز ئارىسىدا پاختىنى كىرگۈزسە پاختا قۇرۇق ھالەتتە چىقىدۇ، بۇ ھەيزنىڭ ئۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ، ئەمما ئاق سۇيۇقلۇق بولسا، ھەيز ئۈزۈلگەندە بالىياتقۇ ئىتتىرىپ چىقىرىدىغان سۇدىن ئىبارەت. ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مەن بۇ ئىشنى ئاياللاردىن سورىدىم، بۇ ئىش ئاياللارغا مەلۇملۇق بولۇپ، ئۇلار پاكىز بولغاندا بۇنى بىلىدىكەن." ["پەتھۇل بارى"1-توم 420-بەت].

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھدىن: "ئايال كىشى تاڭ يورۇشتىن ئىلگىرى ھەيزدىن پاك بولغان بولسا، تاڭ يورۇغاندىن كېيىن يۇيۇنسا، بۇنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟ دەپ سورىغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: "تاڭ يورۇشتىن ئىلگىرى پاك بولغانلىقىغا ئىشەنچ قىلسا تۇتقان روزىسى توغرا بولىدۇ، مۇھىمى ئايال كىشى ئۆزىنىڭ پاك بولغانلىقىغا ئىشەنچ قىلىشى كېرەك. چۈنكى بەزى ئاياللار ھەيىزدىن پاك بولماي تۇرۇپ، ئۆزىنى پاك بولدۇم دەپ قارايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەينى زاماندا ئاياللار ئۆزلىرى ئىشلەتكەن پاختىلىرىنى ئىلىپ كېلىپ ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھاغاپاكىز بولغانلىقىنىڭ بەلگىلىرىنى كۆرسىتەتتى،ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇلارغا: ئاق سۇيۇقلۇقنى كۆرمىگۈچە پاكىز بولۇشقا ئالدىرماڭلار دەيتتى.

قىز-خانىملار ئۆزلىرىنىڭ تولۇق پاك بولغانلىقىغا ئىشەنچ قىلمىغۇچە قەدەر ئىبادەتكە ئالدىرىماسلىقى كېرەك. تاڭ يورۇشتىن ئىلگىرى ھەيزدىن پاك بولغان بولسا، روزىنى نىيەت قىلىپ تاڭ يورۇغاندىن كېيىنيۇيۇنسىمۇ بولىدۇ، شۇنداقتىمۇ ناماز ۋاقتىغا رېئايە قىلىپ، بامداتنى ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇش ئۈچۈن يۇيۇنۇشقا ئالدىرىشى لازىم. ["شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين پەتىۋالار توپلىمى" 17-توم 53-نومۇرلۇق سوئال].

سوئال سورىغان ھەمشىرەم، ئۆزىنىڭ ھەيزدىن پاك بولغانلىقىغا تولۇق ئىشەنچ قىلالمىغان بىر ۋاقىتتا يۇيۇنۇپتۇ، ھەيزدىن ھەقىقى پاك بولغانلىقىغا كېچىكىپ ئىشەنچ قىلىپتۇ. يەنى ئۆزىنىڭ سۆزى بويىچە كۈن ئولتۇرغاندىن كېيىن بىلىنىپتۇ. مۇشۇنىڭغا ئاساسەن، سوئال سورىغۇچى ھەمشىرەمنىڭ قىلغان ئىشى توغرا بولماپتۇ. بۇ كۈندە تۇتقان روزىسىمۇ توغرا ئەمەس. شۇ كۈندىكى روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلىشى كېرەك بولىدۇ. ئاللاھ تائالادىن ئۇنى مەنپەئەتلىك ئىلىم ۋە ياخشى ئەمەللەرگە مۇۋەپپەق قىلىشىنى سورايمىز.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى