سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

ئىسلام دىنىغا كىرىشنىڭ ئاسانلىقى توغرىسىدا

سۇئال

دادام ئافرىقىدىن كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئامېرىكىلىق، ئاپام ئاق تەنلىك، مەن ئون ئالتە ياشقا كىردىم، ئىسلام دىنى توغرىسىدا كۆپ ئىزدىنىش ئىلىپ باردىم، مەن ھەقىقى مۇسۇلمان بولۇشنى ئارزۇ قىلىمەن، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن قانداق قىلىشىم كېرەك؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ئىسلام دىنىدا بەندە بىلەن ئاللاھ تائالا ئارىسىدىكى ئالاقىگە ۋاسىتە كەتمەيدۇ، شۇنىڭدەك ئىسلام دىنىغا كېرىش ئۈچۈنمۇ ھېچ قانداق رەسمىيەت ياكى تەلەپ ۋە مەلۇم كىشىلەرنىڭ ماقۇللىقىنى ئىلىش كېرەك بولمايدۇ. بەلكى ئىسلام دىنىغا كېرىش بەك ئاسان بولۇپ، ئىنسان زېمىن ۋە ۋاقىت چەكلىمىسىگە ئۇچرىماستىن ئىسلام دىنىغا كىرەلەيدۇ. ئىسلام دىنىغا كېرىش: پەقەت ئىسلامنىڭ مەنىسىنىڭ ھەممىسىنى، ئىنساننىڭ ئۆز پەرۋەردىگارىغا بولغان قۇللىقىنى، ئاللاھ تائالاغا تولۇق بويسۇنۇشنى، ئاللاھ تائالانىڭ ئىبادەتكە لايىق ھەقىقى ئىلاھى مەبۇد ئىكەنلىكىنى، ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىنىڭ ئىگىسى ۋە ئىشلارغا خالىغانچە ھۆكۈم قىلىدىغانلىقىنى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىنى، ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئۇنىڭغا ۋەھى قىلىنغان نەرسىلەرگە ئەگىشىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى، ئۇنىڭغا ئەگىشىشنىڭ ۋە ئىتائەت قىلىشنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىش ئىكەنلىكىنىئۆز ئىچىگە ئالغان، (ئاللاھدىن باشقا ھەقىقى ئىلاھى مەبۇد يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە پەيغەمبىرى) دېگەن ئىككى شاھادەت كەلىمىسىنى ئېيتىش بىلەنبولىدۇ. بۇ ئىككى شاھادەت كەلىمىسىنى چىن قەلبىدىن ئىشەنچ قىلىپ ئېيتقان كىشى مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ بىر ئەزاسى بولىدۇ، مۇسۇلمانلار بەھرىمان بولىدىغان بارلىق ھەق-ھوقۇقلاردىن بەھرىمان بولىدۇ ۋە مۇسۇلمانلار ئۆتەشكە تېگىشلىك بولغان مەجبۇرىيەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئادا قىلىدۇ. شاھادەت كەلىمىسىنى كەلتۈرۈپ بولغاندىن كىيىنلا ئاللاھ تائالا ئادا قىلىشقا بۇيرىغان شەرىئەت بەلگىلىمىلىرىنى ئادا قىلىدۇ. ھەر كۈنى بەش ۋاقىت نامازنى ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇيدۇ، رامىزان ئېيىدا روزا تۇتىدۇ باشقا ئادا قىلىشقا تىگىشلىك بولغان ئىبادەتلەرنى تولۇق ئادا قىلىدۇ.

سوئال سورىغۇچى ھەمشىرەم! يۇقىرىدا سۆزلەنگەن بايانلارغا كۆرە، سىز ھازىرلا مۇسۇلمان بولۇشقا قادىر بولالايسىز: ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ يۇيۇنۇپ، "ئاللاھدىن باشقا ھەقىقى ئىلاھى مەبۇد يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە پەيغەمبىرى دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن" دېگەن شاھادەت كەلىمىسىنى ئېيتسىڭىز مۇسۇلمان بولىسىز. بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن، مۇشۇ تور بەتتىن (ئىسلامغا كىرىش) دېگەن تېمىنى كۆرسىڭىز بولىدۇ.

ئاللاھ تائالا سىزنى ياخشىلىققا مۇۋەپپەق قىلسۇن، توغرا يولغا ھىدايەت قىلسۇن، ئىككى دۇنيادا بەخت-سائادەتمەنلەردىن قىلسۇن. توغرا يولغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد