سەيشەنبە 7 شەۋۋال 1445 - 16 ئاپرىل 2024
Uygur

سالىھ-ياخشى ئايالنىڭ سۈپەتلىرى

سۇئال

سالىھ- ياخشى ئايالنىڭ سۈپەتلىرى قانداق بولىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق سۈپەتتىكى ئاياللار بىلەن توي قىلىمىز؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     دۇنيا بولسا ئاخىرەتكە يىتىپ بارىدىغان بىر باسقۇچ بولۇپ، ئىنسان دۇنيادا قىلغان ئەمەللىرىگە قاراش ئۈچۈن تۈرلۈك سىناقلارغا ئۇچرايدۇ، قىيامەت كۈنىدە شۇنىڭغا ئاساسەن جازا-مۇكاپاتلىنىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئەقىللىق مۇسۇلمان كىشى دۇنيادا ئۆزىنىڭ ئاخىرەتتىكى بەخت-سائادىتىنى ھاسىل قىلىشقا ياردىمى بولىدىغان ئىشلارنى تاللاپ قىلىشى كېرەك، ئۇنىڭغا ياردەم بېرىدىغان ئەڭ مۇھىم ياردەمچى ئۇ بولسىمۇ ياخشى ھەمراھ بولۇپ، بۇ ھەمراھلار مۇسۇلمان كىشى ياشاۋاتقان جەمئىيەتتە بولىدۇ، مۇسۇلمان كىشى تەقۋادار ھەمراھنى تاللايدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:پەقەت مۆمىنگە ھەمراھ بولغىن [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى4832-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ "سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا" ھەسەن دېگەن].

    ئاندىن مۇسۇلماننىڭ ئىشى ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا جەننەتتىكى ئەبەدىيلىك بەخت-سائادەتتە ئۆزىگە ھەمراھ بولىدىغان ۋە دۇنيادا ياخشى ياردەمچى بولىدۇ دەپ قارىغان ياخشى ئايالنى تاللاش بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

     ياخشى ئايالدىن كۈتىلىنىدىغان سالاھىيەت ھاياتلىقنىڭ ھەممە تەرەپلىرىدە نامايەندە بولىدۇ. ئۇ بولسىمۇ ئۇ ئايال ئېرى يېنىدا بولسۇن ياكى بولمىسۇن چوڭ-كېچىك بارلىق ئىشلاردا ئۆزىنىڭ يۈز-ئابرۇيىنى ۋە نەپسىنى مۇھاپىزەت قىلىدىغان ياخشى ئايال بولىشى كېرەك. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا  مۇنداق دەيدۇ: َفالصَّالِحَاتُ قَانِتَاتٌ حَافِظَاتٌ لِّلْغَيْبِ بِمَا حَفِظَ اللّهُ تەرجىمىسى: ياخشى ئاياللار ئىتائەت قىلغۇچىلاردۇر، ئەرلىرى يېنىدا بولمىغان چاغلاردا ئاللاھنىڭ پاناھىدا ئەرلىرىنىڭ ھەقلىرىنى ساقلىغۇچىلاردۇر. [سۈرە نىسا 34-ئايەت].

    ياخشى-سالىھ ئايال دېگەن گۈزەل ئەخلاق ۋە يۈكسەك ئەدەپلەر بىلەن سۈپەتلىنىدۇ، ئۇ ئايالنىڭ تىلىدىن ئۇياتسىز سۆز، قەلبىدىن رەزىللىك، مۇئامىلىسىدە ناچارلىق كۆرۈلمەيدۇ، بەلكى، ئېسىللىك، پاكىزلىق ۋە ساپلىق بىلەن، چىرايلىق سۆز قىلىش، ياخشى مۇئامىلە قىلىش بىلەن سۈپەتلىنىدۇ، ھەممىدىن مۇھىم بولغىنى، ئۇ ئايال نەسىھەتنى قوبۇل قىلىدۇ، نەسىھەتنى قەلبى ۋە ئەقلى بىلەن ئاڭلايدۇ، ھەرگىزمۇ چوڭچىلىق، كۆز بويامچىلىق ۋە ئۇرۇش-جېدەلگە ئادەتلەنگەن ئاياللاردىن بولمايدۇ.

     ئەسمەئى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: بەنى ئەنبەر قەبىلىسىدىن بولغان بىر شەيخ بىزگە خەۋەر بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: ئاياللار ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ دېيىلىدۇ: "ئوڭاي، مۇلايىم، ئىپپەتلىك مۇسلىمە بولۇپ، ئۇ ئائىلە تۇرمۇشىنىڭ ياخشى بولىشىغا ياردەم بېرىدۇ، ئائىلە تۇرمۇشىنى قىيىنلاشتۇرمايدۇ، ئىككىنچى بىرى بولسا تۇغۇمچان ئايالدۇر، ئۈچىنچى بىرى بولسا، ھەددىدىن ئاشقۇچى، كانىدەك چاپلىشىدىغان پەس ئايال بولۇپ، ئۇنى ئاللاھ تائالا ئۆزى خالىغان كىشىنىڭ يېنىدا قىلىدۇ ۋە خالىغان كىشىدىن يىراق قىلىدۇ. بەزى ئۆلىمالار مۇنداق دەيدۇ: ئاياللارنىڭ ياخشىسى بىر نەرسە بەرسىڭىز رەھمەت ئېيتىدۇ، مەھرۇم قىلسىڭىز سەبىر قىلىدۇ، قارىسىڭىز خۇرسەن قىلىدۇ، سۆزىڭىزگە ئىتائەت قىلىدۇ.

    ياخشى ئايال ئۆز پەرۋەردىگارى بىلەن بولغان ئالاقىنى مۇھاپىزەت قىلىدۇ، داۋاملىق ئىمان ۋە تەقۋادارلىق بىلەن ئاللاھ بىلەن بولغان ئالاقىنى يۇقىرى چەككە يەتكۈزۈشكە تېرىشىدۇ، ھېچ بىر پەرز ئەمەلنى تەرك قىلمايدۇ، نەپلە ئەمەللەرنى كۆپ قىلىشقا تېرىشىدۇ، ئومۇمەن ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى ھەممىدىن ئىلگىرى قىلىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: دىندار ئايال بىلەن توي قىلساڭ ئۇتۇق قازىنىسەن [بۇخارى رىۋايىتى 4802 –ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1466-ھەدىس].

    ياخشى ئايالدا بولسا پەرزەنتىڭىز ئۈچۈن سەمىمى تەربىيلەر نامايەندە بولىدۇ، ئۇلارغا ئىسلامنى، قۇرئاننى ۋە گۈزەل ئەخلاقنى تەلىم بېرىدۇ، ئۇلارنى قەلبىدە ئاللاھنى، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى سۆيىدىغان، ئىنسانلارغا ياخشىلىقنى سۆيىدىغان سۆيگۈ-مۇھەببەتنى بىخلىتىدۇ، ئۇ ئايالنىڭ مەخسىدى ئۇ پەرزەنتلەرنى دۇنيادا شان-شەرەپ، مال-دۇنيا ۋە دىپلوم-گۇۋانامىلەرگە ئېرىشتۈرۈش ئەمەس بەلكى ئۇلارنى ئىلىم-مەرىپەت، گۇزەل-ئەخلاق، دىن-دىيانەت جەھەتتە ھەقىقى تەقۋادارلىق دەرىجىسىگە يەتكۈزۈشتۇر،

     ئاشۇنىڭ ھەممىسى بىلەن بىرگە، مۇسۇلمان كۆرۈش بىلەن كۆڭلى ئارام تاپىدىغان، يېنىدا بولسا كۆڭلى خۇرسەن بولىدىغان، ئائىلىسى، ھايات يۆلىنىشىنى كەڭرىچىلىك، خۇرسەنلىككە تولدۇرىدىغان ياخشى ئايالنى تاللىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

     ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئاياللارنىڭ قايسىسى ياخشى؟ دەپ سورالغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: قارىسا خۇرسەن قىلىدىغان، بۇيرۇلسا ئىتائەت قىلىدىغان، يولدىشىغا قارشى ئىش قىلمايدىغان ۋە يولدىشىنىڭ مال-دۇنياسىنى ياقتۇرمايدىغان ئىشلارغا سەرپ قىلمايدىغان ئايالدۇر، دېدى. [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى2-توم 251-بەت. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ"سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا"1838- نومۇرلۇق ھەدىستە ھەسەن دەپ كەلتۈرگەن].

    ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن: ئاياللارنىڭ قايسىسى ئەڭ پەزىلەتلىك؟ دەپ سورالغاندا، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: سۆزلىنىدىغان ئەيىبى يوق، ئەرلەرنى ئازدۇرۇشقا يول كۆرسەتمەيدىغان، قەلبىدە پەقەت ئېرى ئۈچۈنلا گۈزەللىك ئىپادىلىنىدىغان ئايالدۇر دېدى. [راغىپ ئىسپاھانىينىڭ: "ئەدىپلەر سورۇنى"ناملىق ئەسىرى 1-توم 410-بەت، ئىبنى قۇتەيبىنىڭ:"ئۇيۇنۇل ئەخبار" ناملىق ئەسىرى 1-توم 375-بەتكە قارالسۇن].

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى