بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
كېسەل يوقلاش دېگەن: ئۇنى زىيارەت قىلىشتىن ئىبارەتتۇر، يوقلاش دەپ ئاتىلىشى كىشىلەرنىڭ كېسەلنى تەكرار زىيارەت قىلىدىغانلىقى سەۋەبىدىندۇر.
كېسەل يوقلاشنىڭ ھۆكمى: بەزى ئالىملار كېسەل يوقلاشنى تەكىتلەنگەن سۈننەت دېگەن. ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ "ئىختىيارات" ناملىق ئەسىرىنىڭ 85-بىتىدە: "كېسەل يوقلاشنى پەرز كۇپايە دېگەن بۇ توغرا قاراشتۇر".
بۇخارى ۋە مۇسلىمدە بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلمان ئۈچۈن مۇسۇلمان قېرىندىشىغا بەش تۈرلۈك ئىش ۋاجىپ بولىدۇ... كېسەل بولۇپ قالسا يوقلاش».
يەنە بىر ھەدىستە: «مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلماننىڭ ئۈستىدىكى ھەققى.... كېسەل بولۇپ قالسا يوقلاش» دەپ كەلگەن.
ئىمام بۇخارى كىتابىدا: " كېسەل يوقلاشنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكىنىڭ بابى" دەپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاچ كىشىلەرگە تاماق بېرىڭلار، كېسەللەرنى يوقلاڭلار ۋە ئەسىرلەرنى قۇتقۇزۇڭلار» دېگەن، دەپ بۇ ھەدىسنى باپ قىلىپ كەلتۈرگەن.
بۇ ھەدىس كېسەل يوقلاشنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، شۇنداقلا بۇ ھەدىستىن ئاچ قالغانلارغا تاماق بېرىش ۋە ئەسىرلەرنى قۇتقۇزۇشنىڭ پەرز كۇپايە ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى ئېلىنىدۇ.
ئىمام نەۋەۋىي: كېسەل يوقلاشنىڭ ۋاجىپ ئەمەس ئىكەنلىكىگە ئىجمانى نەقىل قىلىدۇ. ھاپىز ئىبنى ھەجەر: "پەتھۇل بارى" 10-توم 117-بەتتە: ھەر بىر كىشىگە ۋاجىپ بولمايدۇ، دەيدۇ.
شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ: "شەرھىل مۇمتى" 5-توم 173-بەتتە: "توغرا قاراشتا: كېسەل يوقلاش پەرز كۇپايە، مۇسۇلمانلارغا كېسەللەرنى يوقلاش ۋاجىپ بولىدۇ دەيدۇ".
كېسەل يوقلاشنىڭ پەزىلىتى: بۇ توغرىدا نۇرغۇن ھەدىسلەر بايان قىلىندى. بۇ ھەقتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشىنى يوقلىغان ۋاقتىدا، كېسەلنىڭ يېنىدىن قايتقىچە جەننەتنىڭ باغچىلىرىدا بولىدۇ». [مۇسلىم رىۋايىتى 2568-ھەدىس]. كېسەل يوقلىغان كىشىنىڭ ئېرىشىدىغان ساۋابى باغدىن مېۋە ئۈزۈپ قايتقان كىشىگە ئوخشىتىلدى.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كېمكى كېسەلنى يوقلىسا ياكى ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن بىر قىرىندىشىنى زىيارەت قىلسا، بىر چاقىرغۇچى مۇنداق نىدا قىلىدۇ: ياخشى ئىش قىلدىڭ، ماڭغان قەدىمىڭ ياخشى بولدى، جەننەتتىن بىر ئورۇن تەييار قىلدىڭ». [تىرمىزى رىۋايىتى 2008 -ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ "سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى" دا 2504-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].
ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئېدىم: ھەر قانداق بىر مۇسۇلمان ئەتتىگەن تەرەپتە بىر كېسەلنى يوقلايدىكەن، يەتمىش مىڭ پەرىشتە ئۇ كىشى ئۈچۈن كەچ كېرگىچە ئاللاھتىن رەھمەت-مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ، ئەگەر كەچ تەرەپتە بىر كېسەلنى يوقلايدىكەن، يەتمىش مىڭ پەرىشتە ئۇ كىشى ئۈچۈن تاڭ يورىغىچە ئاللاھتىن رەھمەت-مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ، ئۇ كىشى ئۈچۈن جەننەتتە بىر باغچا ھازىرلىنىدۇ». [تىرمىزى رىۋايىتى 969-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].
كېسەل يوقلاش پەقەت تونىيدىغان كىشىگىلا خاس ئەمەس بەلكى تونىغان ۋە تونىمىغان ھەر قانداق كېسەلنى يوقلىسا بولىدۇ.
ئىمام نەۋەۋىيمۇ"مۇسلىمنىڭ شەرھىسىدە" شۇنداق دېگەن. قانداق ھالەتتىكى كېسەلنى يوقلاش ۋاجىپ بولىدۇ دېگەندە: جامائەتكە چېقىشقا قادىر بولالمايدىغان كېسەلنى يوقلاش ۋاجىپ بولىدۇ، ئەمما جامائەتكە چېقالايدىغان نورمال كېسەللەرنى يوقلاش ۋاجىپ بولمايدۇ. ["شەرھىل مۇمتى" 5-توم 171-بەت].
بىر-بىرىگە يات بولغان ئەر-ئاياللارنى يوقلاش مەسىلىسىدە: يات بىر ئەر يات بىر ئايالنى ياكى يات بىر ئايال يات بىر ئەرنى يوقلىسا تۆۋەندىكى شەرتلەر بىلەن توغرا بولىدۇ: تولۇق ئورۇنۇش، پىتنە-پاساتتىن خاتىرجەم بولۇش ۋە ئىككەيلەن يالغۇز قالماس قاتارلىقلار.
ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئاياللارنىڭ ئەرلەرنى يوقلىشى توغرىسىدىكى باب، ئۇممۇ دەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھا مەسچىتنىڭ جامائەتلىرىدىن بىرى بولغان ئەنسارىيلاردىن بولغان بىر كىشىنى يوقلىدى" دەپ، ئاندىن ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھانىڭ ساھابىلار مەدىنىگە دەسلەپتە ھىجرەت قىلىپ كەلگەندە ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئاغرىپ قالغاندا ئۇلارنى يوقلىغانلىقىنى توغرىسىدىكى ھەدىسنى كەلتۈرگەن.
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن، بىر كۈنى ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: بىز بىرلىكتە ئۇممۇ ئەيمەننى زىيارەت قىلىپ كېلەيلى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ھايات ۋاقتىدا شۇنداق قىلاتتى دەپ، ئۇ ئىككەيلەن ئۇممۇ ئەيمەن رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئۆيىگە بېرىپ زىيارەت قىلىپ كەلدى».
ئىبنى جەۋزى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىسنى پىتنىدىن ئەنسىرىمەيدىغان ياشانغان ئاياللارنى يوقلاشقا قارىتىش ياخشى بولىدۇ".
كاپىرنى يوقلاش: ئەگەر مەلۇم تەرەپتىن پايدىسى بولىدۇ دەپ قارالسا، مۇشرىك-كاپىر ئاغرىپ قالسا، ئۇنىمۇ يوقلاپ قويسا بولىدۇ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يەھۇدى خىزمەتچى ئاغرىپ قالغاندا ئۇنى يوقلىغان ۋە دىنغا دەۋەت قىلغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ خىزمەتچى مۇسۇلمان بولغان». [بۇخارى رىۋايىتى 1356-ھەدىس].
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تاغىسى ئەبۇ تالىپنى يوقلاپ بېرىپ دىنغا دەۋەت قىلغاندا، تاغىسى ئىسلامنى قوبۇل قىلماي ۋاپات بولغان. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].
بۇنىڭدىكى پايدا: ئۇ كىشىنى يوقلاش ئارقىلىق دىنغا دەۋەت قىلىش ياكى ئۇنى يامانلىقتىن چەكلەش ياكى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ["پەتھۇلبارى" 10-توم 125-بەت].
كېسەل تەكرار يوقلىنامدۇ؟، بەزى ئۆلىمالار كېسەلگە ئېغىرچىلىق بولماسلىق ئۈچۈن ئۇنى ھەر كۈنى يوقلىماسلىق كېرەك دەپ قارايدۇ، سۆزنىڭ توغرىسى: كېسەل يوقلاشمۇ ئەھۋاللارنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى بىلەن پەرقلىق بولىدۇ، بەزى كىشىلەر كېسەل بىلەن مۇڭدىشىپ، دەرتلىشىدۇ، كېسەل كىشى ئۆزىنى يوقلاپ كېلىدىغان بۇنداق ئۈلپەتلەرنى بىر كۈن كۆرمىسە تۇرالمايدۇ، ئۇلارغا نىسبەتەن كېسەلدە زىيارەتكە كەلگەنلەرنى ياقتۇرماسلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلمىسە، ھەر ۋاقىت يوقلاپ تۇرسا ياخشى بولىدۇ. ["ھاشىيەتى ئىبنى قاسىم" 3-توم 12-بەت].
كېسەلنىڭ يېنىدا ئۇزۇن ئولتۇرماسلىق كېرەك، بەلكى زىيارەت دېگەن كېسەلگە ياكى ئۇنىڭغا قاراۋاتقان كىشىگە ئېغىر كەلمەيدىغان ھالەتتە يەڭگىل بولىشى لازىم. كېسەل بەزى ۋاقىت ياكى ھالەتلەردە تۇيۇقسىز ئۆزگىرىپ قالىدۇ، كىشىلەرنىڭ بىلىپ قىلىشىنى خالىمايدىغان ئىشلىرى بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن كېسەلنىڭ يېنىدا ئۈزۈن ئولتۇرۇش كېسەلنى بىئارام قىلىپ قويىدۇ.
كېسەلنىڭ يېنىدا ئۇزۇن ئولتۇرۇش ياكى ئەھۋال سوراپلا قايتىش مەسىلىسى كېسەلنىڭ ئەھۋالىغا كۆرە بولىدۇ، كېسەل بەزى كىشىلەرنىڭ ئۇزۇن ئولتۇرىشىنى ياقتۇرىدۇ، بۇنداق كىشىلەر ئولتۇرسا بولىدۇ". ["ھاشىيەتى ئىبنى قاسىم" 3-توم 12-بەت. "شەرھىل مۇمتى" 5-توم 174-بەت].
كېسەلنى زىيارەت قىلىشنىڭ ۋاقتى: ھەدىسلەردە كېسەل زىيارەت قىلىشنىڭ مەلۇم ۋاقىتلىرى بېكىتىلمىگەن ۋە بايان قىلىنمىغان، ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كېسەل يوقلاش ئۈچۈن مەلۇم بىر كۈننى ياكى بىر ۋاقىتنى بەلگىلەپ بەرمىگەن، بەلكى ئۈممىتى ئۈچۈن كېسەل يوقلاشنى كېچە-كۈندۈزدە ۋە باشقا ھەممە ۋاقىتتا يولغا قويغان". ["زادىل مىئاد"1-توم 497-بەت].
سەلەپلەرنىڭ بەزىسى كېسەلنى ئەتتىگەندە ۋە كەچ كىرگەندە يوقلايتتى، ئۇلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «ھەر قانداق بىر مۇسۇلمان ئەتتىگەندە ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان قىرىندىشىنى يوقلىسا، كەچكىچە ئۇ كىشىگە يەتمىشمىڭ پەرىشتە ئاللاھ تائالادىن رەھمەت-مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ، كەچ بولغاندا يوقلىسا، ئەتىسى تاڭ يورىغۇچە ئۇ كىشىگە يەتمىشمىڭ پەرىشتە ئاللاھ تائالادىن رەھمەت-مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ» دېگەن ھەدىسگە كۆرە، پەرىشتىلەرنىڭ رەھمەت-مەغپىرەتلىرىگە كۆپرەك نائىل بولۇش ئۈچۈن شۇنداق قىلغان.
لېكىن كېسەلنى يوقلاش: كېسەل ۋە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولغان كىشىنىڭ ئەھۋالىغا كۆرە بولىشى زۆرۈر، زىيارەتچىنىڭ كېسەلگە ياكى ئۇنىڭ ئەھلىگە مۇشەققەت بولىدىغان ۋاقىتتا زىيارەت قىلماسلىقى لازىم. لېكىن ئۆزىگە مۇناسىپ بولىدىغان ۋاقىتنى تاللاپ كېسەل زىيارەت قىلىشى توغرا بولمايدۇ بەلكى، كېسەلنىڭ ئۆزى بىلەن ياكى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئۇچۇرلىشىپ مۇناسىپ ۋاقىتنى تاللاپ زىيارەت قىلىش ياخشى بولىدۇ.
بەزى ۋاقىتتا كېسەلنى زىيارەت قىلىدىغانلارنىڭ كۆپ بولىشى، كېسەلنىڭ ئەھۋالىغا رىئايە قىلماسلىقى ۋە مۇناسىپ ۋاقىتنى تاللىماسلىقى كېسەلنىڭ ئەھۋالىنىڭ تېخىمۇ ناچارلىشىپ قىلىشىغا سەۋەپ بولۇپ قالىدۇ.
كېسەل ئۈچۈن دۇئا قىلىش: كېسەلنى يوقلىغاندا ھەدىستە بايان قىلىنغان بويۇنچە كېسەلگە: «ھېچ گەپ يوق، ئاللاھ تائالا خالىسا بۇ سىلە ئۈچۈن پاكلىقتۇر، سەۋېر قىلسا» دېگەندەك ھەدىستە بايان قىلىنغان سۆزلەر بىلەن دۇئا قىلىش كېرەك. [بۇخارى رىۋايىتى].
دۇئانى كېسەلگە شىپالىق تېلەپ ئۈچ قېتىم قىلىش كېرەك. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سەئەد ئىبنى ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى يوقلىغاندا، ئۇنىڭغا مۇنداق دۇئا قىلغان: «ئى ئاللاھ! سەئەدنىڭ كېسىلىگە شىپالىق ئاتا قىلسىلا دەپ ئۈچ قېتىم تەكرارلىغان» [بۇخارى رىۋايىتى5659 -ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1628-ھەدىس].
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئوڭ قولى بىلەن كېسەلنى ياكى ئاغرىغان ئورۇننى قولى بىلەن سېلاپ تۇرۇپ مۇنداق دەيتتى: «ئىنسانلارنىڭ رەببى بولغان ئاللاھ! ئۇ كىشىنىڭ كېسەللىكىنى يوق قىلسىلا، كېسىلىگە شىپالىق ئاتا قىلسىلا، ئۇ كىشىنىڭ كېسىلىگە سىلىنىڭ: تەكرار كېسەل بولمايدىغان شىپالىقلىرى بىلەن شىپالىق ئاتا قىلسىلا». [مۇسلىم رىۋايىتى 2191-ھەدىس].
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئەجىلى توشمىغان بىر كېسەلنى يوقلاپ، ئۇنىڭ يېنىدا تۇرۇپ يەتتە قېتىم: ھەممىدىن ئۇلۇغ، كاتتا ئەرشنىڭ رەببى بولغان ئاللاھدىن: سىزگە شىپالىق ئاتا قىلىشنى سورايمەن دېسە، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە ئاشۇ كېسەلدىن شىپالىق ئاتا قىلىدۇ». [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى. ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 3106- ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].
كېسەلنى يوقلىغان ئۇنىڭدىن: ئەھۋاللىرى قانداق؟، قانداقراق تۇرىۋاتىلا؟ خىلى ياخشى بولۇپ قالدىلىمۇ؟ دېگەن گەپلەرنى سۆراش لازىم. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىنمۇ ھەدىس بايان قىلىنغان. [تىرمىزى رىۋايىتى 983-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى ھەسەن دېگەن].
سەھىھ بۇخارىدا بايان قىلىنىشچە: ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھامۇ ئەبۇ بەكىر ۋە بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى يوقلىغاندا ئۇلاردىنمۇ شۇنداق ئەھۋال سورىغان.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «ھېچ گەپ يوق، ئاللاھ تائالا خالىسا بۇ سىلە ئۈچۈن پاكلىقتۇر، سەۋېر قىلىسا» دېگەن بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسىگە كۆرە، ئۇ كىشى ئۈچۈن مۇشۇ مۇددەتتە ئەركىن نەپەس ئىلىش بولىدۇ، ئۇ كىشىگە تارتقان دەرت-ئەلەملىرىنى يەڭگىللىتىش، ئاللاھ تائالانىڭ پات-پۇرسەتتە شىپالىق ئاتا قىلىدىغانلىقى بىلەن خۇشخەۋەر بېرىش لازىم، بۇنداق سۆزلەر كېسەلنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىدۇ. ["شەرھىل مۇمتى" 5-توم 171-176-بەت].
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.