پەيشەنبە 9 شەۋۋال 1445 - 18 ئاپرىل 2024
Uygur

ئاياللارنىڭ قەبرى زىيارەت قىلىشىنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

ھاممامنىڭ دادىسى ۋاپات بولۇپ كەتكەندە، ھاممام دادىسىنىڭ قەبرىسىنى بىر قېتىم زىيارەت قىلغان، ئۇ يەنە بىر قېتىم زىيارەت قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ، مەن ئاياللارنىڭ قەبىر زىيارەت قىلىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكى توغرىسىدكى بىر ھەدىسنى ئاڭلىغان ئىدىم، بۇ ھەدىس سەھىھمۇ؟، سەھىھ بولسا ھاممامنىڭ قەبرە زىيارەت قىلغان خاتالىقى ئۈچۈن كاپارەت كېرەك بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھەدىسنىڭ ھۆكمى بويىچە ئاياللارنىڭ قەبرە زىيارەت قىلىشى توغرا بولمايدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قەبرە زىيارەت قىلغان ئاياللارغا لەنەت قىلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاياللارنىڭ قەبرىنى زىيارەت قىلماسلىقى زۆرۈر بولىدۇ، ئەگەر بىلمەسلىكتىن زىيارەت قىلغان بولسا، بۇنىڭغا گۇناھ بولمايدۇ. ھۆكۈمنى بىلگەندىن كېيىن قايتا زىيارەت قىلماسلىق كېرەك، ئەگەر يەنە قايتا زىيارەت قىلىپ قالسا، تەۋبە قىلىپ ئاللاھدىن مەغپىرەت تىلىشى كېرەك. چۈنكى تەۋبە ئىلگىرىكى گۇناھلارنى ئۆچۈرىدۇ، قەبرە زىيارەت قىلىش بولسا ئەرلەرگە خاس بولىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: قەبىرنى زىيارەت قىلىڭلار، قەبرىنى زىيارەت قىلىش سىلەرگە ئاخىرەتنى ئەسلىتىدۇ. ئىسلامنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدە ئەر ۋە ئاياللار قەبرە زىيارەت قىلىشتىن بىردەكلا چەكلەنگەن، چۈنكى ئۇ ۋاقىتتا مۇسۇلمانلار ئۆلۈكلەرگە تېۋىنىش ۋە قەبرىگە چوقۇنۇشتىن يېڭىدىن قول ئۈزگەن بولغانلىقى ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شېرىككە ئىلىپ بارىدىغان ۋاسىتىلارنى تۈپ يىلتىزىدىن يوق قىلىش ۋە يامانلىقنىڭ يولىنى ئۈزۈش ئۈچۈن قەبرە زىيارەت قىلىشتىن چەكلىگەن، ئىسلام ئۇلارنىڭ قەلبىگە يىلتىز تارتىپ، ئۇلار ئاللاھنىڭ دىنىنى تونۇغان ۋاقىتىدا، ئاللاھ تائالا ئۇلار ئۈچۈن قەبرە زىيارەت قىلىشنى يولغا قويدى، قەبرە زىيارەت قىلىشنىڭ نۇرغۇن پايدىلىق تەرەپلىرى بولۇپ: ۋەز-نەسىھەت ئىلىش، ئۆلۈمنى ۋە ئاخىرەتنى ئەسلەش، ۋاپات بولغانلار ئۈچۈن رەھمەت-مەغپىرەت تىلەپ دۇئا قىلىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت، كىيىن ئۆلىمالارنىڭ كۈچلۈك قارىشى بويىچە ئاياللار قەبرە زىيارەت قىلىشتىن چەكلەنگەن، چۈنكى ئۇلار ئەرلەرنى پىتنىگە تاشلايدۇ، ھەتتا سەۋرسىزلىك ۋە كۆپ پەرھات چىكىش سەۋەبىدىن ئۆزىنىمۇ ھالاكەت پىتنىسىگە تاشلايدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇلارغا رەھمەت قىلىپ، ئېھسان قىلىپ ئۇلارنىڭ قەبرە زىيارەت قىلىشىنى چەكلىدى، بۇنىڭدا ھەم ئەرلەر ئۈچۈنمۇ رەھمەت بولۇپ، ئەر-ئاياللار ھەممىسى قەبرىستانلىقتا توپلاشقاندا بەزى بىر پىتنىلەرنى سەۋەپ بولىشى مۇمكىن شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئۇلارغا رەھمەت قىلىپ ئۇلارنى قەبرە زىيارەت قىلىشتىن چەكلىدى.

     ئاياللار جىنازا نامىزى ئوقۇسا بولىدۇ، ئاياللارنىڭ قەبرە زىيارەت قىلىشى چەكلەنگەنلىكى توغرىسىدىكى ھەدىسلەرنىڭ ھۆكمى بىلەن ئۆلىمالارنىڭ كۈچلۈك قارىشىدا ئاياللارنىڭ قەبرە زىيارەت قىلىشى چەكلەنگەن، ئەگەر زىيارەت قىلىپ قالسا كاپارەت لازىم بولمايدۇ، ئەمما قىلمىشىغا تەۋبە قىلىشى كېرەك بولىدۇ.

مەنبە: "شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھنىڭ تۈرلۈك ماقالە ۋە پەتىۋالار توپلىمى" 9-28-بەت