شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

گۇناھ مەسىيەتنىڭ ئەقىدە-ئەخلاق بىلەن بولغان ئالاقىسى

84299

تارقاتقان ۋاقىت : 19-10-2019

كۆرگۈچىلەر : 4936

سۇئال

گۇناھ-مەسىيەتكە چۈشۈپ قىلىش، ئەقىدىسى بۇزۇلغانلىق ياكى ئەقىدىدە شەك-شۈبھە پەيدا بولغانلىقنىڭ ئالامىتى ھېسابلىنامدۇ؟، بۇ ھەقتە تەپسىلى چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيە ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگار بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

گۈزەل ئەخلاقنىڭ ئۆزى، ئىتائەتمەنلىك ياكى دىندىن ھېسابلىنىدىغان ئىتائەتمەنلككە ئىلىپ بارغۇچى بەلكى ئۇ دىندىن ئىبارەتتۇر. ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى بۈيۈك ئەخلاققا ئىگە دەپ مەدھىلىيىدى. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَإِنَّكَ لَعَلَىٰ خُلُقٍ عَظِيمٍ تەرجىمىسى: ئى مۇھەممەد! سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك ئەخلاققا ئېگىسەن. [سۈرە قەلەم 4-ئايەت].

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئايەتتە بايان قىلىنغان بۈيۈك ئەخلاقنى ئىسلام دەپ تەپسىرلىگەن.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ "بۈيۈك ئەخلاق" دېگەن سۆزنى مۇنداق تەپسىرلىگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ: ھەقىقەتەن سەن كاتتا دىندا، ئۇ بولسىمۇ ئىسلام دىنىدۇر. [ئىمام تەبەرىي تەپسىرى 12-توم 179-بىتىگە مۇراجىئەت قىلىنسۇن].

توغرا قاراشتا گۈزەل ئەخلاق دىندىن ئايرىلالمايدۇ. پىيرۇز ئابادىي "بەسائىر زەۋىي ئەتتەمييىز" ناملىق ئەسىرى 2-توم 568-بەتتە مۇنداق بايان قىلغان: "بىلگىنكى، دىننىڭ ھەممىسى ئەخلاقتۇر، گۈزەل ئەخلاقتا سەندىن ئۈستۈن بولغان كىشى دىندىمۇ سەندىن ئۈستۈن بولىدۇ".

شەك-شۈبھىسىزكى، ئەقىدىنىڭ گۈزەل-ئەخلاق بىلەن سەلبى ۋە ئىجابىي تەرەپتىن بولغان ئالاقىسى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، بۇنى تۆۋەندە تەپسىلى بايان قىلىمىز:

1-مۇسۇلمان ئۆز ئەقىدىسىدە، ئاللاھ تائالانىڭ ھەممىنى ئاڭلايدىغانلىقى، كۆرىدىغانلىقى، ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن سىرلىرىنىمۇ بىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلىدۇ، بۇ قاراش كۈچلانغاندا ئۇنىڭدىن ئىمان ۋە ئەقىدىسى سۇسلاشقان ۋاقىتتا يۈز بېرىدىغان گۈزەل-ئەخلاق پەزىلەتلەرگە زىت كېلىدىغان ئىشلار سادىر بولمايدۇ. بۇنىڭ دەلىلى تۆۋەندىكىدىن ئىبارەت:

ئا- ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:وَإِن تُحْسِنُوا وَتَتَّقُوا فَإِنَّ اللَّـهَ كَانَ بِمَا تَعْمَلُونَ خَبِيرًا تەرجىمىسى: ئەگەر (ئاياللىرىڭلارغا) ياخشىلىق قىلساڭلار، (ئۇلارغا زۇلۇم قىلىشتىن) ساقلانساڭلار (ئاللاھ سىلەرنى مۇكاپاتلايدۇ). ئاللاھ ھەقىقەتەن قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر. [سۈرە نىسا 128-ئايەت].

ب- ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا كُونُوا قَوَّامِينَ بِالْقِسْطِ شُهَدَاءَ لِلَّـهِ وَلَوْ عَلَىٰ أَنفُسِكُمْ أَوِ الْوَالِدَيْنِ وَالْأَقْرَبِينَۚ إِن يَكُنْ غَنِيًّا أَوْ فَقِيرًا فَاللَّـهُ أَوْلَىٰ بِهِمَاۖ فَلَا تَتَّبِعُوا الْهَوَىٰ أَن تَعْدِلُوا ۚ وَإِن تَلْوُوا أَوْ تُعْرِضُوا فَإِنَّ اللَّـهَ كَانَ بِمَا تَعْمَلُونَ خَبِيرًا تەرجىمىسى: ئى مۆمىنلەر! خۇدالىق ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىشتە، ئۆزۈڭلارنىڭ ياكى ئاتا-ئاناڭلارنىڭ ياكى تۇغقانلىرىڭلارنىڭ زىيىنىغا (گۇۋاھلىق بېرىشكە) توغرا كەلگەن تەقدىردىمۇ، ئادالەتنى بەرپا قىلىشقا تىرىشىڭلار، (گۇۋاھلىق بېرىلگۈچى) باي بولسا (ئۇنىڭغا رىئايە قىلماستىن)، ياكى پېقىر بولسا (ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتماستىن) ھامان ئادىل گۇۋاھ بولۇڭلار، ئاللاھ سىلەردىن ئۇلارغا يېقىندۇر (يەنى ئۇلارنىڭ مەنپەئىتىنىڭ نېمىدە بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ)، نەپسى خاھىشىڭلارغا ئەگىشىپ (ھەقىقەتتىن) بۇرۇلۇپ كەتمەڭلار. ئەگەر تىلىڭلارنى تولغۇساڭلار (يەنى گۇۋاھلىقتىكى پاكىتنى بۇرمىلىساڭلار)، ياكى گۇۋاھلىقتىن باش تارتساڭلار، مۇنداقتا ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرغۇچىدۇر. [سۈرە نىسا 135-ئايەت].

د- ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: إِنَّ اللَّـهَ يَأْمُرُكُمْ أَن تُؤَدُّوا الْأَمَانَاتِ إِلَىٰ أَهْلِهَا وَإِذَا حَكَمْتُم بَيْنَ النَّاسِ أَن تَحْكُمُوا بِالْعَدْلِ ۚ إِنَّ اللَّـهَ نِعِمَّا يَعِظُكُم بِهِ ۗ إِنَّ اللَّـهَ كَانَ سَمِيعًا بَصِيرًا تەرجىمىسى: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەرنى ئامانەتلەرنى ئىگىسىگە قايتۇرۇشقا، كىشىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم قىلغاندا ئادىل ھۆكۈم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، ئاللاھ سىلەرگە نەسىھەت قىلغان ئىشلار نېمىدېگەن ياخشى، ئاللاھ ھەقىقەتەن (سۆزۈڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر [سۈرە نىسا 58-ئايەت].

2-مۇسۇلمان ئاللاھ تائالانىڭ جازا-مۇكاپات توغرىسىدىكى ۋەدىسىگە ئىشىنىدۇ، بۇ ئىشەنچ ئۇ كىشىنى ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارنى ئادا قىلىشقا، ياقتۇرمايدىغان-ئۆچ كۆرىدىغان ئىشلاردىن يىراق بولۇشتا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئەخلاقى ئەڭ گۈزەل بولغان كىشى ئىمانى كامىل مۆمىن ھېسابلىنىدۇ. [تىرمىزى رىۋايىتى 1162-ھەدىس. ئەبۇ داۋۇت رىۋايىتى 4682-ھەدىس].

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە مۇنداق دېگەن: "ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، ئاللاھنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك بەندىلىرى مۆمىنلەردۇر، ئىمانى كامىل بولغانلارنىڭ ئەخلاقى گۈزەل بولىدۇ،ئۇلارنىڭ ئىمانى كامىل، ئەخلاقى گۈزەل بولغانلىرى ئاللاھ تائالاغا ئەڭ ياخشى كۆرەلگۈچىلىرىدۇر، ئەخلاق دېگەن دىندۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: وَإِنَّكَ لَعَلَىٰ خُلُقٍ عَظِيمٍ تەرجىمىسى: ئى مۇھەممەد! سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك ئەخلاققا ئىگىسەن. [سۈرە قەلەم 4-ئايەت].

ئەخلاق دېگەن سۆزنى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىسلام دىنى دەپ چۈشەندۈرگەن،سۇپيان ئىبنى ئۇيەينە، ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل قاتارلىق سەلەپ ئالىملىرىمۇ شۇنداق شەرھىلىگەن. بۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن جايلاردىمۇ بۇ ئوچۇق بايان قىلىنغان". ["ئەلئىستىقامە" ناملىق ئەسەر 442-بەت].

شەيخ مۇبارەك پورىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقى ئەڭ گۈزەل بولغان كىشى ئىمانى كامىل مۆمىن ھېسابلىنىدۇ دېگەن سۆزىدىكى، كامىل ئىمان دېگەن: ئەخلاقى گۈزەل بولۇش ۋە بارلىق ئىنسانلارغا خەيرى-ئېھسان قىلىشنى تەقەززا قىلىدۇ». [تۇھپەتۇل ئەھۋەزىي 4- توم 273-بەت].

3-ئىمانى قۇۋۋەت ياخشى ئەمەللەرنى تولۇق ئادا قىلىش، گۇناھ-مەسىيەت مەينەتچىلىكى بىلەن بۇلغىنىشتىن ساقلىنىشتا بەلگىلىك رول ئوينايدۇ.

بۇنىڭ دەلىللىرى تۆۋەندىكىدەك:

ئا- ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: زىنا قىلغۇچى مۆمىنلىك ھالىتىدە زىنا قىلمايدۇ، ئوغۇرلۇق قىلغۇچى مۆمىنلىك ھالىتىدە ئوغۇرلۇق قىلمايدۇ، ھاراق ئىچكۈچى مۆمىنلىك ھالىتىدە ھاراق ئىچمەيدۇ. [بۇخارىي رىۋايىتى 2334-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 57-ھەدىس].

ب- ئەبى شۇرەيھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى! مۆمىن بولمايدۇ، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى! مۆمىن بولمايدۇ، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى! مۆمىن بولمايدۇ، دېۋىدى، ساھابىلار: كىم ئۇ؟ يا رەسۇلۇللاھ!؟ دېيىشتى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: خولۇم-خوشنىلىرىغا ئازار يەتكۈزۈشتىن قول ئۈزمەيدىغان كىشى دەپ جاۋاب بەردى. [بۇخارىي رىۋايىتى 5670-ھەدىس].

ج- ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەنسارىيلاردىن بولغان بىر كىشىنىڭيېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، ئۇ كىشىنىڭ قېرىندىشىغا ھايا توغرىسىدا نەسىھەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامقېرىندىشىغا نەسىھەت قىلىۋاتقان كىشىگە: قېرىندىشىڭنى ھايالىق بولۇشتىن چەكلىمىگىن، ھەقىقەتەن ھايا ئىماندىندۇر دېدى. [بۇخارىي رىۋايىتى 24-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 36-ھەدىس].

مالىك ئىبنى دىنار رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىمان قەلىبتە يېشىل ئوتتەك ئاجىز بىر شەكىلدە ئاشكارا بولىدۇ، ئىماننىڭ ساھىبى ئۇنى پايدىلىق ئىلىملەر ۋە ياخشى ئەمەللەر بىلەن سۇغۇرۇپ ۋە پەرۋىش قىلىپ، ئۇنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئورىۋالىدىغان كېرەكسىز نەرسىلەردىن ھىمايە قىلسا، قىسقا ۋاقىتتا ئۇ ئۆسۈپ يېتىلىپ، كۆز يەتكۈسىز يەرگىچە ئۇلىشىدىغان يىلتىزى، شاخچىلىرى، مىۋىسى ۋە سايىلىرى بولىدۇ، ھەتتا ئۇ كاتتا تاغدەك بولۇپ كېتىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ ساھىبى ئۇنى تاشلىۋېتىپ، پەرۋىش قىلمىسا، ئۇنى قوينىڭ قوزىسى دەسسەپ يەنچىۋىتىدۇ ياكى كىچىك بالىلارمۇ دەسسىۋېتىپ كېتىدۇ ياكى كېرەكسىز ئۆت-چۆپلەر ئوراپ ئاجىزلاشتۇرۇپ، ھالاك قىلىدۇ ياكى قۇرۇپ قالىدۇ، ئىمان شۇنىڭغا ئوخشاشتۇر".

خەيسەمە ئىبنى ئابدۇرەھمان مۇنداق دەيدۇ: "ئىمان مۇنبەتچىلىكتە چوڭىيىدۇ، قۇرغاقچىلىقتا ئاجىزلاپ قۇرۇپ قالىدۇ. ئىماننى گۈللەندۈرىدىغان مۇنبەتچىلىك ياخشى ئەمەل بولسا، ئۇنى ئۇنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قۇرۇتۇپ قويىدىغان قۇرغاقچىلىق گۇناھ-مەسىيەتلەردىن ئىبارەتتۇر. [بۇ سۆزنى شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە "ئىمان" ناملىق ئەسىرى 213-بەتتە بايان قىلغان].

4-ئاللاھ تائالانىڭ قازايى-قەدەرلىرىگە ئىشىنىش ئىنساننى كۆپلىگەن ناچار ئەخلاقتىن چەكلەيدۇ. ئۆزىنى كاچاتلاپ، كىيىملىرىنى يىرتىپ، چاچلىرىنى يۇلۇپ، يىغا-زارە قىلىشتىن ئىبارەت گۇناھ-مەسىيەتلەرنى سادىر قىلىش شەرئى پرىنسىپتا قاتتىق جازا بېكىتىلگەن ئىشلاردىن بولۇپ، شۇنىڭدەك ئىمان ساھىبنى سەۋرچانلىق، قازاغا رازى بولۇش ۋە ساۋاپ ئۈمىت قىلىشتىن ئىبارەت گۈزەل ئەخلاق-پەزىلەتلەرگە چاقىرىدۇ.

سۇھەيب ئەررۇمى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: مۆمىننىڭ ئىشلىرىغا ھەيرانمەن، ئۇنىڭ ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى ياخشىدۇر، بۇ پەقەت مۆمىنگە خاستۇر. ئۇنىڭغا خۇرسەنلىك يەتسە شۈكۈر قىلىدۇ، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشىدۇر، خاپىلىق يەتسە بۇنىڭغا سەبىر قىلىدۇ، بۇمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشىدۇر. [مۇسلىم رىۋايىتى2999-ھەدىس].

ئۇبادە ئىبنى سامىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئوغلىغا نەسىھەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "ئى ئوغلۇم! سەن ئۆزۈڭگە يەتكەن بالا-مۇسىبەتنىڭ خاتا كەتمىگەنلىكىنى، خاتا كەتكەن ياكى ئۆتۈپ كەتكەن مۇسىبەتنىڭ ساڭا يەتمەيدىغانلىقىنى بىلگىنىڭدە ھەقىقى ئىماننىڭ تەمىنى تېتىغان بولىسەن. مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: ئاللاھ تائالا دەسلەپتە قەلەمنى يارىتىپ، ئۇنىڭغا يازغىن دېدى، قەلەم: ئى پەرۋەردىگارىم! نېمىنى يازىمەن؟دېدى، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا: بارلىق نەرسىلەرنىڭ قىيامەتكىچە بولغان تەقدىرىنى يازغىن دېدى، ئى ئوغلۇم! مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: مۇشۇ قاراشنىڭ غەيرىدە ئۆلۈپ كەتكەن كىشى مېنىڭ ئۇممىتىمدىن ئەمەس دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان دەيدۇ. [بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانىي سەھىھ دېگەن].

5-ئىسلام شەرىئىتى ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىشكە ئالاقىدار بولغان كۆپلىگەن تائەت-ئىبادەتلەرگە رىغبەتلەندۈردى ۋە ئۇنى ئادا قىلىشنى ئالاھىدە تەكىتلىدى، ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىشكە ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنىڭ دەرتلىك ئازابقا دۇچار بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. بۇنىڭ دەلىللىرى تۆۋەندىكىدىن ئىبارەت:

ئا- ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنگەن كىشى خوشنىسىغا ئازار يەتكۈزمىسۇن، ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنگەن كىشى مېھماننى ياخشى كۈتىۋالسۇن،ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنگەن كىشى ياخشى سۆز قىلسۇن ياكى سۈكۈت قىلسۇن [بۇخارىي رىۋايىتى5672-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى47-ھەدىس].

ب-ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنگەنئايال مەھرەمسىز ئۈچ كۈنلۈك يىراقلىقتىكى سەپەرگە چىقمىسۇن. [بۇخارىي رىۋايىتى1036-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى1338-ھەدىس].

ج- ئۇممۇ ھەبىبە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنگەن ئايال يولدىشىدىن باشقا كىشىلەر ئۈچۈن ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ماتەم تۇتمىسۇن، يولدىشى ئۈچۈن تۆت ئاي ئون كۈن قارىلىق تۇتسا بولىدۇ. [بۇخارىي رىۋايىتى1221-ھەدىس. مۇسلىم1486-ھەدىس]

6- پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سەھىھ ھەدىسلەردە مۇناپىقلىققا ئوخشاش ئىتىقادتىكى بۇزۇقچىلىقنىڭ ئەدەپ-ئەخلاق ۋە ئىش-ھەرىكەتلەردىكى بۇزۇقچىلىققا ئىلىپ بارىدىغانلىقىنى ئوچۇق بايان قىلغان. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: مۇناپىقنىڭ ئالامىتى ئۈچ تۈرلۈك بولۇپ، سۆزلىسە يالغان سۆزلەيدۇ، ۋەدە قىلسا خىلاپلىق قىلىدۇ، ئامانەت قويۇلسا خىيانەت قىلىدۇ. [بۇخارىي رىۋايىتى33-ھەدىس.مۇسلىم رىۋايىتى 59-ھەدىس].

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ھەدىس ئەھلىگە مۇخالىپەتچىلىك قىلغۇچىلارنىڭ ئەمەللىرى بۇزۇق، بۇ ياكى ئەقىدىسىنىڭ بۇزۇقلىقى ۋە نىپاقلىقتىن ياكى قەلبىدىكى كېسەللىك ۋە ئىمانىنىڭ ئاجىزلىقىدىندۇر. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پەرز-ۋاجىپ ئەمەللەرنى تەرك قىلىدىغان، ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىدىن ھالقىيدىغان، ھەق-ھوقۇقلارنى كۆزگە ئىلمايدىغان باغرى تاش كىشىلەر بار، بۇ ھەممەيلەنگە مەلۇملۇق. ئۇلارنىڭ پېشۋالىرىنىڭ ھەممىسى كاتتا-بۈيۈك سۈپەتلەر بىلەن ئاتىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىبادەت ۋە زاھىدلىق بىلەن مەشھۇر بولغانلارمۇ بار. سۈننەت ئەھلىدىن بولغان ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ بەزى ئىبادەتتە ۋە زاھىدلىقتا ئاتالمىش بەزى شەيخلەردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.

ماھىيەتتە ئىلىم دېگەن ئەمەلنىڭ ئەسلىدۇر. ئەسلىنىڭ ساغلام بولىشى بىلەن شاخچىلىرى ساغلام بولىدۇ. ئىنساننىڭ ئەمىلىنىڭ بۇزۇلۇشى ئىككى تۈرلۈك ئىشتىن بولىدۇ: ياكى شۇنداق قىلىشقا ھاجەت بولۇپ قالغان ياكى جاھىللىقتىن بولىدۇ. بىر ئىشنىڭ ناچار ئىكەنلىكىنى بىلگەن كىشى بۇنى ھەرگىز قىلمايدۇ، پەقەت ئەقلىگە ھاۋايى-ھەۋىسى غالىپ كەلگەن، گۇناھ-مەسىيەت ئورىۋالغان كىشى قىلىشى مۇمكىن، مانا بۇمۇ ئەمەلنىڭ بۇزۇلۇشىنىڭ يەنە بىر تۈرىدۇر." [پەتىۋالار توپلىمى4-توم 53-بەت]. ئاللاھ تائالادىن بىزنىڭ ئىشلىرىمىزنى ئىسلاھ قىلىشىنى، سۆزدە، ئىش-ھەرىكەتلەردە ۋە ئەخلاق-پەزىلەتتە توغرا يۆلۈنۈشكە يېتەكلىشىنى سورايمىز.

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى