پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ئۆزى تۇرىۋاتقان شەھەردە مال بوغۇزلاش چەكلىنىدىغان بولسا، قۇربانلىق پۇلىنى سەدىقە قىلىۋەتسە بولامدۇ؟

سۇئال

مەن ئائىلەم بىلەن تۇرىۋاتقان شەھەردە مال بوغۇزلاشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ، بىز نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟ قۇربانلىقنىڭ پۇلىنى سەدىقە قىلىۋەتسەك بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    قۇربانلىق قىلىش ياكى بوۋاق ئۈچۈن ئەقىقە قىلىشنى مەقسەت قىلىنسا، تۇرىۋاتقان شەھەردە مال ئۆلتۈرۈشكە رۇخسەت قىلىنمىسا، ياخشىسى مالنىڭ پۇلىنى باشقا شەھەردە سىز ئۈچۈن مال بوغۇزلاپ قويىدىغان بىرسىگە ئەۋەتىپ بېرىڭ، بۇنىڭدىن ئۇ يەردىكى تۇغقانلىرىڭىز ياكى كەمبەغەللەر ياكى ئىھتىياجلىق بولغان كىشىلەر مەنپەئەتلەنسۇن، چۈنكى بۇنداق قىلىش قۇربانلىق ياكى ئەقىقىنىڭ پۇلىنى سەدىقە قىلغان ياخشى بولىدۇ.

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بىزنىڭ قارىشىمىزدا ئەقىقە قىلىشنىڭ ئۆزى ئۇنىڭ پۇلىنى سەدىقە قىلغاندىن ياخشىدۇر، ئىمام ئەھمەد ۋە ئىبنى مۇنزىرمۇ شۇنداق دېگەن". ["ئەلمەجمۇئ"8-توم 414-بەت].

    "مەتالىب ئۇلىننۇھا"ناملىق ئەسەردىمۇ: مالنى قۇربانلىق ياكى ئەقىقە ئۈچۈن ئۆلتۈرۈش ئۇنىڭ پۇلىنى سەدىقە قىلىۋەتكەندىن ياخشىدۇر دېيىلگەن. ھەجدە ئۆلتۈرۈلىدىغان ھەدىيەمۇ شۇنداق بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئىمام ئەھمەدتىن دەلىل بايان قىلىنغان. يەنە ھەدىستە: قۇربان ھېيت كۈنى ئادەم ئەۋلادلىرىنىڭ قىلغان ئەمەللىرىدىن ئاللاھ تائالاغا ئەڭ ياقتۇرىلىدىغىنى قان ئېقىتىشتۇر، بوغۇزلانغان مال قىيامەت كۈنىدە مۈڭگۈزلۈك، سېمىز ۋە يۇڭلۇق ھالەتتە كېلىدۇ، ئېقىتىلغان قان زېمىنغا چۈشۈشتىن ئىلگىرى ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن باشقا بىر جايغا چۈشىدۇ، قۇربانلىق قىلىش بىلەن كۆڭلۇڭلارنى راھەت قىلىڭلار، دېيىلگەن. [ئىبنى ماجە رىۋايىتى].

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قۇربانلىق قىلغان، ھەجدە ھەدىيە بوغۇزلىغان، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن كېيىنكى خەلىپىلەرمۇ شۇنداق قىلغان، ئەگەر مالنىڭ پۇلىنى سەدىقە قىلىش ياخشى بولغان بولسا ئەلۋەتتە ئۇلارمۇ شۇنداق قىلاتتى. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ"زەئىپ ھەدىسلەر توپلىمى 526-نومۇردا كەلتۈرگەن.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: قۇربانلىقنى ئۆزى تۇرىۋاتقان يۇرتتا ئۆلتۈرۈش كېرەكمۇ ياكى ئۇنىڭ پۇلىنى ئۆزىنىڭ ئەسلى يۇرتىغا ياكى باشقا مۇسۇلمانلار شەھىرىگە ئەۋەتىپ بەرسىمۇ بولامدۇ؟دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن:" ياخشىسى ئائىلىڭىز بولسا ئۆزىڭىز تۇرىۋاتقان يۇرتتا قۇربانلىق قىلىڭ، ئەمما ئائىلىڭىز باشقا يۇرتتا بولۇپ ئۇلارغا قۇربانلىق قىلىپ بېرىدىغان كىشى بولمىسا، ئۇلارنىڭ قۇربانلىق قىلىشى ئۈچۈن مالنىڭ پۇلىنى ئۇلارغا ئەۋەتىپ بېرىڭ". ["شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالار مەجمۇئەسى 24-توم 207-بەت].

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى