جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

دۇغ نەرسىلەر كەلسىمۇ تەراۋىھ نامىزى ئوقۇش توغرىسىدا

93229

تارقاتقان ۋاقىت : 10-05-2019

كۆرگۈچىلەر : 1612

سۇئال

مەن ھازىر پاكلىق ھالىتىمدە بولۇپ، مەندىن دۇغ نەرسىلەر كېلىۋاتىدۇ، مۇشۇ ھالەتتە تەراۋىھ نامىزى ئوقۇسام توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئەگەر ھازىر كەلگەن دۇغ نەرسىلەر ھەيزدىن پاك بولۇشتىن ئىلگىرى كەلگەن بولسا، بۇ ھەيز ھېسابلىنىدۇ، بۇنداق ھالەتتە ناماز ئوقۇش ۋە روزا تۇتۇش توغرا بولمايدۇ. ئەمما بۇ دۇغ نەرسىلەر ھەيزدىن پاك بولغاندىن كېيىن كەلگەن بولسا، بۇ ھەيز ھېسابلانمايدۇ، ناماز ۋە روزىدىن چەكلىمەيدۇ. ["شەيخ ئىبنى باز پەتىۋالىرى"10-توم 208-بەت].

    ئەگەر بۇ دۇغ ياكى سېرىق نەرسىلەر ھەيزدىن پاك بولغاندىن كېيىن كەلگەن بولسا، ھەيز ھېسابلانمايدۇ بەلكى بۇنىڭ ھۆكمى ئىستىھازىنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ، بۇنداق نەرسىلەر كەلگەن ۋاقىتتا ئىستىنجا قىلىپ، تاھارەت ئىلىپ، ناماز ئوقۇپ، روزا تۇتىسىز، بۇنى ھەيز ھېسابلىمايسىز، يولدىشىڭىزغا ھالال بولىسىز، بۇ توغرىدا ئۇممۇ ئەتىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە، ھەيزدىن پاك بولغاندىن كېيىن كەلگەن دۇغ ۋە سېرىق نەرسىلەرنى ئېتىبارغا ئالمايتتۇق. [بۇخارى رىۋايىتى 320-ھەدىس]. 

بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن 50059-50430- نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

    سىز دۇغ ۋە سېرىق نەرسىلەر كەلسىمۇ مەسچىتتە تەراۋىھ نامىزى ئوقۇسىڭىز گۇناھ بولمايدۇ، لېكىن بۇنىڭ شەرتى: سىز ھەيزدىن پاك بولغانلىقىڭىزغا تولۇق ئىشەنچ قىلىشىڭىز كېرەك.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى