جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

تەراۋىھ نامىزىدىن ئاۋۋالقى ئىمام بىلەن بىرگە قايتسا، ئۇ كىشىگە كېچىدە قىيامدا تۇرغاننىڭ ئەجىر-ساۋابى يېزىلامدۇ؟

93907

تارقاتقان ۋاقىت : 18-05-2019

كۆرگۈچىلەر : 1912

سۇئال

بىزنىڭ يۇرتىمىزدا بەزى مەسچىتلەردە خۇپتەن نامىزى بىلەن تەراۋىھ نامىزىنى ئىككى ياكى ئۈچ ئىمام نۆۋەتلىشىپ ئوقۇيدۇ، ئىنسان بىرىنچى ئىمام بىلەن ناماز ئوقۇسا، ئۇ ئىمام خۇپتەن ۋە تەراۋىھ نازىدىن بىر قانچە رەكەت ئوقۇپ قايتسا، ئۇنىڭ ئورنىغا ئىككىنچى ئىمام كەلسە، بىرىنچى ئىمام بىلەن بىرگە ناماز ئوقۇپ قايتقان كىشىگە گەرچە ئۇ كىشى ئون بىر رەكەت ناماز ئوقۇمىسىمۇ كېچىدە تولۇق قىيامدا تۇرغاننىڭ ئەجىر-ساۋابى بېرىلەمدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ھەدىسكە ئاساسلانغاندا بىرىنچى ئىمام بىلەن ۋە ياكى ئىككىنچى ئىمام بىلەن خۇپتەن نامىزى ۋە بىرقانچە رەكەت تەراۋىھ نامىزى ئوقۇپ قايتقان كىشىگە كېچىدە تولۇق قىيامدا تۇرغاننىڭ ئەجىر-ساۋابى بولمايدۇ، ئۇ كىشى چوقۇم ئاخىرقى ئىمام بىلەن بىرگە نامازنى ئاخىرلاشتۇرۇپ قايتىشى كېرەك، ئۇنداق قىلمىسا كېچىدە تولۇق قىيامدا تۇرغاننىڭ ئەجىر-ساۋبىغا ئەمەس پەقەت ئوقۇغان نامىزىنىڭلار ئەجىر-ساۋابىغا ئېرىشىدۇ.

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئىمام بىلەن ناماز ئوقۇپ ناماز تولۇق ئاخىرلاشقاندا ئىمام بىلەن بىرگە مەسچىتتىن قايتقان كىشىگە كېچىدە تولۇق قىيامدا تۇرغاننىڭ ئەجىر-ساۋابى يېزىلىدۇ. [تىرمىزى رىۋايىتى 806 –ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن. بۇ ھەدىستىن بولغان مەقسەت: گەرچە نامازنى بىر قانچە ئىمام ئوقۇسىمۇ، ناماز تولۇق تامام بولۇشتىن ئىلگىرى قايتماسلىققا رىغبەتلەندۈرىدۇ.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: "بەزى كىشىلەر ھەرەم مەسچىتىدە تەراۋىھ نامىزى ئوقۇماي، سۈننەتكە ئەمەل قىلىمىز دەپ كېچىدە ئون بىر رەكەتتىن زىيادە قىلماستىن تەھەججۈت نامىزى ئوقۇيدىكەن، سىلىچە بۇ توغىرمۇ؟. دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "مېنىڭچە، مۇسۇلمان كېچىلىك ناماز ئوقۇش بىلەن بىرگە تەراۋىھ نامىزىنىمۇ تولۇق ئادا قىلىشى كېرەك، بىرىنچى ئىمام نامازنى ئادا قىلىپ بولغۇچە ئۇنىڭغا ئەگىشىدۇ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئىككىنچى ئىمام كەلسە ئۇنىڭغا ئەگىشىپ نامازنى ئادا قىلىپ ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن بىرگە قايتىش كېرەك، بىر مەسچىتتە بىرقانچە ئىمام بولسا، ئۇ ئەمەلىيەتتە بىر ئىمامنىڭ ئورنىدا بولىدۇ، ئەگەر ئىككى ئىمام بولسا ئىككىنچىسى بىرىنچىسىنىڭ ئورنىدا تۇرغان بولدى. مېنىڭچە، بۇ مەسىلىدە ئىنسان پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ:ئىمام بىلەن ناماز ئوقۇپ ناماز تولۇق ئاخىرلاشقاندا ئىمام بىلەن بىرگە مەسچىتتىن قايتقان كىشىگە كېچىدە تولۇق قىيامدا تۇرغاننىڭ ئەجىر-ساۋابى يېزىلىدۇ دېگەن مۇنۇ سۆزى بىرىنچى ۋە ئىككىنچى ئىماملارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى ئۈچۈن، نامازنى بىرىنچى ۋە ئىككىنچى ئىماملار بىلەن تولۇق ئادا قىلىپ قايتىشى كېرەك بولىدۇ. ["ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 14-توم 190-بەت].

   يەنە مۇنداق دەيدۇ: "بىر مەسچىتتە ئىككى ئىمام بولسا، ھەر بىرى ئايرىم-ئايرىم ئىمام ھېسابلىنامدۇ ياكى ئىككىسىنىڭ بىرى يەنە بىرىنىڭ ئورنىدا بولامدۇ؟.

بۇنىڭدا ئىككىنچى ئېھتىماللىق كۈچلۈك بولىدۇ، يەنى ئىككى ئىمامنىڭ بىرى يەنە بىرىنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ نامازنى تولۇقلايدۇ، شۇنىڭغا ئاساسەن، بىر مەسچىتتە ئىككى ئىمام ناماز ئوقۇپ بېرىدىغان بولسا، بۇ ئىككى ئىمام بىر ئىمامنىڭ ئورنىدا بولىدۇ، ناماز ئوقۇغۇچى ئىككىنچى ئىمام نامازنى تاماملىغاندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن بىرگە قايتىشى كېرەك، چۈنكى بىزنىڭ بىلىشىمىزچە ئىككىنچى ئىمام بىرىنچى ئىمامنىڭ نامىزىنى تولۇقلايدۇ". ["ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 14-توم 207-بەت].

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى