جۈمە 21 جىمادۇل ئەۋۋەل 1446 - 22 نويابىر 2024
Uygur

ئەر پىسخىكا كېسىلى سەۋەبلىك ئايالىغا كۆپ ئازار بېرىدۇ، ئايال ئۇ ئەرگە قانداق مۇئامىلە بولىشى كېرەك؟

98829

تارقاتقان ۋاقىت : 06-05-2015

كۆرگۈچىلەر : 4186

سۇئال

بىر ئايال ئېرىنىڭ ئۆز ئۈستىدىكى ھەق-ھوقۇقلىرى توغرىسىدا سورايدۇ، ئۇ ئايالنىڭ يولدىشى پىسخىكا كېسىلى، ئەقلىدىن ئاداشقان، ئائىلە ئىشلىرىغا ئارىلاشمايدۇ، دائىم ئايالىنى قىلمىغان ئىشلار بىلەن ئەيىبلەيدۇ، ئۇ ئون بالىنىڭ دادىسى، ئايال يولدىشىنىڭ ياردىمىسىز ئوغۇللارنى ئۆيلەپ، قىزلارنى ياتلىق قىلدى، ئايال بۇ ئىشلاردىن كۆپ چارچىدى، يولدىشى بىلەن بۇ توغرىدا پاراڭلىشىشقا تاقىتى يوق، سىلەردىن بۇ ئىش توغرىسىدا شەرىئەتنىڭ ھۆكمىنى سورايمەن؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى: ئاللاھ تائالادىن يولدىشىڭىزغا تىز ئارىدا شىپالىق ئاتا قىلىشىنى سورايمىز، شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىزنىڭ بۇ قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىپ، سەۋىرچان بولۇپ يولدىشىڭىزغا ياخشى قارىغانلىقىڭىزغا رەببىمىز ئەجرىڭىزنى ھەسسىلەپ بەرسۇن. سىلەرنى ئاللاھ تائالا بۇ مۇسىبەتگە گىرىپتار قىپتۇ، بۇ ئىشقا ئاللاھ تائالادىن ساۋاپ ئۈمىد قىلغان ھالدا بۇنىڭغا سەبىر قىلساڭلار،شۈبھىسىزكى بۇنىڭ ئۈچۈن كۆپلەپ ئەجىر-ساۋاپقا ئېرىشىسىلەر.

سۇھەيب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: مەن مۆمىننىڭ ئىشلىرىغا قاراپ ئەجەبلىنىمەن، ئۇنىڭ ھەممە ئىشلىرى ياخشىدۇر، لېكىن مۆمىندىن باشقىلار ئۇنداق ئەمەس، پەقەت مۆمىنلا شۇنداق، ئەگەر ئۇنىڭغا خۇرسەنلىك يەتسە ئۇنىڭغا شۈكۈر قىلىدۇ، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشىدۇر، ئەگەر ئۇنىڭغا بىرەر مۇسىبەت يەتسە سەبىر قىلىدۇ، بۇمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشىدۇر. [مۇسلىم رىۋايىتى2999-ھەدىس].

ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدەرى ۋە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: مۇسۇلمانغا ئېغىرچىلىق، كېسەل، غەم-قايغۇ، ھەسرەت ھەتتا سانجىلغان تىكەنگە قەدەر ئەزىيەت يېتىپ قالسا، ئۇنىڭ سەۋەبى بىلەن ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى ئۆچۈرىدۇ.[بۇخارى رىۋايىتى5318-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى2573-ھەدىس].

ئىككىنچى: يولدىشىڭىزنىڭ كېسەللىكى تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە تۈرلۈك ئىشلاردىن خالى بولمايدۇ:

1- ئېرىڭىز قىلىۋاتقان گەپ سۆز ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىنى بىلىپ تەسەررۇپ قىلىۋاتقان بولسا، بارلىق ئىش-ھەرىكەت ۋە سۆزلىرىنىڭ ھېسابى ئىلىنىدۇ. شۇنداقلا سىزنى تىللىشى ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ تەربىيەسىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشى توغرا ئەمەس، بەلكى ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئۈستىگە يۈكلىگەن بارلىق بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلەرنى تولۇق ئادا قىلىشى ۋاجىپ بولىدۇ. مانا بۇ ھالەتتە سىزنىڭ ئاياللىق مەسئۇلىيتىڭىزنى ئادا قىلىشىڭىز زۆرۈر بولۇپ، بۇنىڭغا سەل قارىشىڭىز دۇرۇس ئەمەس.

2- ئېرىڭىز كېسەللىك سەۋەبىدىن قىلىۋاتقان گەپ سۆز ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىنى بىلمەي تەسەررۇپ قىلىۋاتقان بولسا، ئۇنىڭ كېسەللىكى سەۋەبىدىن بارلىق مەسئۇلىيەت ئۇنىڭ زىممىسىدىن چۈشۈپ كېتىدۇ، ئۇ قىلغان-ئەتكەنلىرىگە جازالانمايدۇ، ئەمما باشقىلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىغا ئالاقىدار بولغان قىلمىشلىرى ئۈچۈن، يولدىشىڭىزنىڭ مال-مۈلكىدىن ئىلىپ ئۇلارنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىسىز ياكى ئۇنىڭ ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىدىن ئىلىپ ئادا قىلىسىز. (خۇددى باشقىلارنى ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا ياكى باشقىلارنىڭ ماشىنا قاتارلىق خۇسۇسىي نەرسىلىرىنى بۇزۇپ قويغان بولسا ئۇنىڭ ئۈچۈن دىيەت ياكى بۇزغان نەرسىنى تۆلىگەنگە ئوخشاش).

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئۈچ تۈرلۈك كىشىلەردىن قەلەم كۆتۈرۈلگەن: ئۇخلاپ قالغان كىشى ئويغانغىچە، كىچىك بالا بالاغەتكە يەتكىچە، ساراڭ ئەقلىگە كەلگۈچە. [ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى 4398-ھەدىس. نەسائىي رىۋايىتى 3432-ھەدىس. ئىبنى ماجە رىۋايىتى 2041-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

ئىمام ئىبنى ھەزمى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بالاغەتكە يەتمىگەن ياكى يەتكەن بولسىمۇ ئەقلى-ھوشى جايىدا ئەمەس، ياخشى-ياماننى ئايرىيالمايدىغان بۇنداقلارغا ئەمەل-ئىبادەت بېكىتىلمەيدۇ، ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىگە ئالاقىدار ئىشلارمۇ ئىجرا قىلىنمايدۇ، چۈنكى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئۈچ تۈرلۈك كىشىلەردىن قەلەم كۆتۈرۈلگەن: ئۇخلاپ قالغان كىشى ئويغانغىچە، كىچىك بالا بالاغەتكە يەتكىچە، ساراڭ ئەقلىگە كەلگۈچەدېگەن. [ئەلمۇھەللا 7-توم-200 -بەت].

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەقىلنىڭ ئەكسى ئەقىلسىزلىق بولۇپ، يەنى بۇ ئۇ ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن ياشىنىپ قالغانلىق سەۋەبىدىن ئەقلىنى يوقاتقان، ياخشى-يامان نەرسىلەرنى ئايرىيالمايدىغان كىشىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلاردا ئەقىل بولمىغاندىن كىيىن ئۇلارغا ناماز قاتارلىق ئىبادەتلەر پەرز بولمايدۇ". [پەتىۋالار توپلىمى (12/بىرىنچى سۇئال].

ئۇنىڭدىن باشقا ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭبۇ ھەقتىكى سۆزلىرىنى 73412- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدىكى سۆزلىرىگە مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

سىزنى زىنا-پاھىشە قىلدى دېگەندەك تۆھمەت مەسىلىسىگە كەلسەك، ئۇنىڭدا ئەقىلدىن ئادىشىش بولغانلىقتىن ئۇنى بۆھتان قىلدى دەپ ئەيىبلىگىلى بولمايدۇ، ھەم لەنەت ئېيتىشقىمۇ بولمايدۇ. پىقھى توپلاملىرى11-توم 33-بەتتە مۇنداق بايان قىلىنغان: "پىقھى ئالىملىرىنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بىلەن بۆھتان قىلغۇچى: ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن، ھۆر بولسۇن ياكى قۇل بولسۇن، مۇسۇلمان بولسۇن ياكى كاپىر بولسۇن ئۇ بالاغەتكە يەتكەن، ئەقلى-ھوشى جايىدا ۋە ئۆز ئىختىيارى بىلەن باشقىلارغا بۆھتان قىلغان بولىشى شەرت قىلىنىدۇ".

سۆزىمىزنىڭ خۇلاسىسى: يولدىشىڭىزدىن سىزگە يەتكەن ئازار كۈلپەتلەر ئۇنىڭ كېسەللىك ۋە ئەقلىدىن ئېزىپ قىلىش سەۋەبىدىن بولغان بولسا، بۇنىڭغا سەبىر قىلىڭ ياكى ئىشىڭىزنى سوت مەھكىمىسىگە (بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلغىنى شەرئىي مەھكىمە)سۇنۇڭ، قازى سىزنىڭ مەسىلىڭىزگە قاراپ چىقىپ، سىزنى يولدىشىڭىز بىلەن بىرگە ياشاشقا ياكى ئاراڭلاردىكى نىكاھ ئەھدىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ سىلەرنى ئايرىۋېتىشكە ھۆكۈم چىقىرىدۇ.

ئەمما ئۇ سىزگە قىلىۋاتقان ئەزىيەتلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ سادىر قىلىۋاتقان بولسا، سىز ئۇنىڭدىن يەتكەن ئازار كۈلپەتلەرگە سەبىر قىلىشىڭىز ياكى ئۇنىڭدىن ئايرىلىشنى يەنى تالاق قىلىشنى تەلەپ قىلىشىڭىز كېرەك. ئۇنىڭغا ئۇنىمىسا، شەرئىي سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلسىڭىز ئۇلار سىلەرنىڭ ئاراڭلارنى ئايرىپ قويىدۇ.

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى