دۇشەنبە 22 جىمادۇسسانى 1446 - 23 دىكابىر 2024
Uygur

دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈپ تەكشۈرتۈش ھەققىنى بەرمىگەن كىشى قانداق قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال

مەن داۋالاش ئامبۇلاتورىيىسىگە تەكشۈرتۈش ئۈچۈن باردىم، مېنىڭ خوشنام بۇ شىپاخانىدا خىزمەت قىلاتتى، بىر قېتىملىق تەكشۈرۈش ھەققى ئىككى يۈز رىيال ئېدى، لېكىن خوشنام خوشنىدارچىلىقىمىز ئۈچۈن مەندىن تەكشۈرۈش ھەققىنى ئالدى، بۇ ئىش ئىككى قېتىم پۇلسىز ئېلىپ بېرىلدى، مەن تەكشۈرۈش ھەققىنى ئۆتەي دېسەممۇ ئۇنىمىدى، بۇنىڭدا ماڭا گۇناھ بولامدۇ؟، شىپاخانىدا دوختۇرنىڭ شۇنداق قىلىش ھەققى بارمۇ؟، بىلىشىمچە تەكشۈرۈش ئۈسكىنىسى شىپاخانىنىڭ، مەن دوختۇرنىڭ ئۆز يېقىنلىرى ۋە تۇغقانلىرىغا باھانى چۈشۈرۈپ بېرىش ھەققى بار دەپ قارىمايمەن، مەن بۇ ئىشتىن بەك ھەيران قالدىم، مەن ئىككى قېتىملىق تەكشۈرۈش ھەققىنى بېرىشىم كېرەكمۇ؟ ياكى بەرمىسەممۇ توغرا بولامدۇ، بۇنىڭ گۇناھى دوختۇرغا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئەگەر شىپاخانا دوختۇرغا بەزى بىمارلارنى بىكارغا تەكشۈرۈش سالاھىيىتىنى بەرگەن بولسا ئۇنىڭ سىزگە قىلغان ئىشىدا سىزگە گۇناھ بولمايدۇ، ئەمما ئىش ئۇنداق بولمىسا، شىپاخانىنىڭ ئۈسكىنىسىنى بىكارغا ئىشلىتىش توغرا بولمايدۇ، بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلمان مېلى يەنە بىر كىشىگە مال ئىگىسىنىڭ كۆڭۈل رازىلىقى بىلەن ھالال بولىدۇ». [ئەبۇ يەئلا رىۋايىتى. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دەپ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا 7662-ھەدىستە كەلتۈرگەن].

    ئەگەر شىپاخانا رەھبەرلىكى دوختۇرغا تونۇشلىرى ۋە تۇغقانلىرى ئۈچۈن باھانى چۈشۈرۈشكە رۇخسەت قىلغان بولسا، چۈشۈرگەن نىسبەتنى چىقىرىۋېتىپ ئاندىن قالغىنىنى شىپاخانىغا ئۆتەيسىز.

    ئەگەر شىپاخانا باھانى چۈشۈرۈشكە رۇخسەت قىلمىغان بولسا، سىز دوختۇر خوشنىڭىزنى تەكشۈرۈش ھەققىنى ئېلىپ دوختۇرخانىغا ئۆتەشكە قانائەتلەندۈرۈڭ ۋە بۇنداق قىلىشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇڭ، ئەگەر يەنە ئۇنىمىسا، سىز بۇ ھەقنى شىپاخانىغا يەتكۈزۈپ بېرىڭ.

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ "شەرھىل مۇھەززەب" 9-توم 428-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "بىر ئىنساندا ھارام مال بولۇپ، تەۋبە قىلىپ ئۇ مالدىن قۇتۇلۇشنى مەقسەت قىلغان بولسا، مالنىڭ ئىگىسىنى بىلسە، مالنى ئىگىسىگە يەتكۈزسۈن ياكى ۋەكىلىگە بېرىپ قويسۇن، ئەگەر مالنىڭ ئىگىسى ۋاپات بولۇپ كەتكەن بولسا ۋارىسلىرىغا يەتكۈزۈش ۋاجىپ بولىدۇ".

    سىز ئۇلارنىڭ بۇ مالغا ھەقلىق ئىكەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى بايان قىلىپ بەرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، بەلكى مەقسەت قايسى يول بىلەن بولمىسۇن مالنى ئىگىسىگە يەتكۈزۈشتىن ئىبارەتتۇر.

     ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى