جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

ناماز ئوقۇشنى مەقسەت قىلغان ۋاختىمدا قىيىنچىلىققا ئۇچرايمەن

99139

تارقاتقان ۋاقىت : 08-01-2019

كۆرگۈچىلەر : 2266

سۇئال

مەن بەزى مەنبەلەرنى ئوقۇغاندىن كېيىن ھورۇنلۇق قىلىپ نامازنى تەرك قىلغانلىق توغرىسىدا بايان قىلىنغان سۆزلەرگە قانائەت قىلدىم، لېكىن مېنىڭ قېيىنچىلىقىم، مەن ھەر قېتىم ناماز باشلاشنى خالىغان ۋاقتىمدا مېنى قېيىنچىلىققا ئۇچرىتىدىغان كېسەللىك ياكى تىز ھەل قىلىش زۆرۈر بولغان ئىشلار توسۇپ تۇرىۋالىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى شەيتاندىنمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    نامازنىڭ ئىشى كاتتا، شەئنى چوڭ، ئىككى شاھادەت كەلىمىسىدىن كېيىنكى ئىسلامدىكى چوڭ پەرزدۇر، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتقاندەك نامازنى تەرك قىلغان كىشى ئۈچۈن ئىسلامدا نېسىۋە بولمايدۇ.

     نامازنى تەرك قىلغۇچىلارغا بولىدىغان ئازاب توغرىسىدا قۇرئان-ھەدىستە نۇرغۇن دەلىللەر بايان قىلىنغان، ئۇ دەلىللەر نامازنى تەرك قىلغۇچىنىڭ كاپىر بولىدىغانلىقى ۋە ئىسلامدىن چېقىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇنىڭ تەپسىلاتى 5208-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىنغان.

    سىز بۇ ھۆكۈمگە قانائەت قىلىدىكەنسىز، بۇنىڭغا بويسۇنۇشقا ئالدىرىشىڭىز كېرەك، چۈنكى سىز ئەتە قانداق بولىدىغانلىقىنى، بەلكى بىر سائەت ياكى بىر مىنۇتتىن كېيىن نېمە بولىدىغانلىقىنى بىلمەيسىز.

    بۇ يەردە ئىنسان گەرچە ئۆزىنى ئۆزۈرلۈك دەپ ئويلىسىمۇ، نامازنى تەرك قىلىشقا ئۆزۈر يوق، ناماز دېگەن بىر قانچە مىنۇتتا تامام بولىدىغان ئىبادەتتۇر، تاھارەت ئىلىپ بىر پەرز نامازنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئون مىنۇتتىن ئارتۇق ۋاقىت كەتمەيدۇ.

    ئىنسان ئاللاھ تائالانىڭ نامازنى پەرز قىلغانلىقى، بەندىسىدىن ئۇنى ۋاقتىدا ئادا قىلىشنى خالايدىغانلىقى، تەرك قىلسا ئازابقا دۇچار بولىدىغانلىقىغا ھەقىقى ئىشىنىشى لازىم. بەندىدە يۇقىرىقىدەك ھەقىقى ئىمانىي روھ تېپىلغان ۋاقىتتا، جىسمى ھەرىكەتلىنىپ، ئەزالىرى بويسۇنىدۇ.

      سىزنىڭ ئىلاجىڭىز ئالدىراشتۇر، مۇشۇ جاۋابنى ئوقۇش بىلەن دەرھال تۇرۇپ تاھارەت ئىلىپ ۋاقتى كىرگەن نامازنى ئوقۇڭ، شۇنىڭ بىلەن سىزنى ناماز ئوقۇشقا قادىر بولالمايسەن ياكى سىز بىلەن نامازنىڭ ئارىسىغا توسانجا بولغان ئالدامچى خىياللار يوق بولىدۇ، ئاندىن يەنە بىر نامازنىڭ ۋاقتى كەلگەندە، ئۇ نامازنى ئوقۇيسىز، شۇنىڭ بىلەن بىرقانچە كۈن ئۆتمەستىنلا نامازنىڭ نېمىتىنى ھېس قىلىسىز ۋە ئاللاھنىڭ ئالدىدا تۇرۇشنىڭ لەززىتىنى تېتىيسىز.

    سىز كۆڭلىڭىزدە ئاللاھنىڭ سىزگە ئاتا قىلغان نېمەتلىرىنى يەنى چىراي-شەكىل، ئەقىل-پاراسەت ۋە تۇيغۇلىرىڭىزنىڭ سالامەت بولىشى قاتارلىق نېئمەتلەر توغرىسىدا پىكىر قىلىڭ، نېئمەتكە تېنىش ۋە گۈزەللىكنى ئىنكار قىلىش سىزگە يارىشامدۇ؟!.

   ئىنسان ئۆزىگە ئوخشاش بىر ئىنساندىن ياخشىلىققا ئېرىشسە، كۆڭلىدە ئۇ ياخشىلىققا رەھمەت ئېيتىش، چىرايلىق جاۋاپ قايتۇرۇش ئىستىكى تۇغىلىدۇ، قېرىندىشىنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈن ياخشى سۆز-ھەرىكەتلەرنى ئىزدەيدۇ، سىز ئاللاھنىڭ ئۈزۈلدۈرمەي قىلىۋاتقان ياخشىلىقىنى، خەيرى-ئېھسانىنى ۋە چەكسىز ئاتاسىنى ئويلىدىڭىزمۇ؟ ئاللاھنىڭ سىزگە ئاتا قىلغان پەزلىنى ھېس قىلدىڭىزمۇ؟، سىزگە قىلغان سېخىلىقى ۋە سۆيگۈسىنى ھېس قىلدىڭىزمۇ؟.

    مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى سىزدىن: ئى پەرۋەردىگارىم! بارلىق مەدھىيلەر ساڭا خاستۇر، سېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇڭ، ئېسىللىقىڭ ۋە گۈزەللىكىڭ نېمىدېگەن كاتتا!مەن سېنىڭ خىزمىتىڭ ۋە ئىتائىتىڭدا بولىمەن، مېنىڭ ۋاقتىم، تېرىشچانلىقىم، پىكرىم، تاقىتىم قاتارلىقىڭنىڭ ھەممىسى سېنىڭ سېخىلىقىڭ ۋە ئېسىللىقىڭ ئۈچۈندۇر دېيىشىڭىزنى تەقەززا قىلىدۇ. 

    ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىز ئەگەر ئاشۇلارنى ئويلانسىڭىز، ئاللاھنىڭ سىزدىكى ھەققىنى بىلەتتىڭىز ۋە ئاللاھقا شۈكۈر ئېيتىش ۋە ئاللاھنىڭ پەزلىنى ئېتىراپ قىلىپ كېچە-كۈندۈز ناماز ئوقۇيتتىڭىز!.

    شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، مەسىيەت بەندە بىلەن پەرۋەردىگارىنىڭ ئارىسىدىكى توساقتۇر، مەسىيەت كۆپ بولغانسىرى توساق زىيادە بولىدۇ، ئاللاھنىڭ مۇھەببىتىدىن، ئۈلپىتىدىن، ئاللاھقا ئۇچرىشىشقا بولغان رىغبەتتىن چەكلىنىدۇ، سىز پەقەت ئاللاھقا تەۋبە قىلىڭ، بارلىق خاتالىقلىرىڭىزغا تەۋبە قىلىڭ، گۇناھ-مەسىيەتتىن قول ئۈزۈڭ، بولۇپمۇ قەلىبنى مەشغۇل قىلىدىغان ۋە ئاللاھنىڭ غەيرىگە ئالاقىدار قىلىدىغان ناخشا-مۇزىكىلاردىن يىراق بولۇڭ، چۈنكى بۇ بەندە بىلەن ئۇنىڭ قۇرئان كەرىمدىن مەنپەئەتلىنىشىنىڭ، ناماز بىلەن لەززەتلىنىشنىڭ، ئاللاھنىڭ تائىتى بىلەن ئۈلپەتلىنىشنىڭ ئارىسىغا توساق بولىدۇ.

    ئەمما شەيتان سىزنىڭ نامازنى تەرك قىلىشىڭىز، ئاللاھنىڭ كۆزىدىن چۈشۈپ كېتىشىڭىزگە ۋە مەقسەت قىلغان بۇزۇقچىلىق ۋە ئىغۋاگەرچىلىكنى ئەمەلىلەشتۈرۈشكە بەك ھېرىسمەن بولىدۇ. لېكىن شەيتاننىڭ ھىيلىسى ئىمان ئەھلىنىڭ ئالدىدا ئاجىزدۇر، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىمان ئەھلىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىش يوق. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  إِنَّهُ لَيْسَ لَهُ سُلْطَانٌ عَلَى الَّذِينَ آمَنُوا وَعَلَىٰ رَبِّهِمْ يَتَوَكَّلُونَ  تەرجىمىسى: شۈبھىسىزكى، مۆمىنلەرنىڭ ۋە پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۈل قىلغۇچىلار (يەنى يۆلەنگۈچىلەر) نىڭ ئۈستىدىن شەيتان ھۆكۈمرانلىق قىلالمايدۇ (يەنى پەرۋەردىگارىغا چىن يۆلەنگەن مۆمىنلەرگە شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسى تەسىر قىلالمايدۇ). [سۈرە نەھل 99-ئايەت].

    مۇشۇ جاۋاپتىن سىزنىڭ تۆۋەندىكى ئۈچ تۈرلۈك ئىشقا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىڭىز مۇلاھىزە قېلىنىدۇ:

    بىرىنچى: نامازنى ئادا قىلىشقا ئالدىراش.

    ئىككىنچى: زىكىر، سەدىقە ۋە قۇرئان تىلاۋېتى قاتارلىق باشقا ئىبادەتلەرنى كۆپ قىلىش ئارقىلىق ئىماننى كۇچلاندۇرۇش.

    ئۈچىنچى: گۇناھ-مەسىيەتتىن قول ئۈزۈپ تەۋبە قىلىپ شەيتاننىڭ سىزنى ئازدۇرىشىغا يول قويماسلىق.

   بۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىپ، ئاللاھدىن ھىدايەت، تەۋپىق ۋە ياردەم سوراش زۈرۈر بولىدۇ.

    بىز ئاللاھ تائالادىن سىزنىڭ دىلىڭىزنى ئېچىۋېتىشىنى، گۇناھىڭىزنى مەغپىرەت قىلىشىنى، سىزگە ئىمان ھالاۋېتى، قۇرئان لەززىتى، نامازنىڭ نۇرى قاتارلىق نېمەتلەرنى ئاتا قىلىشىنى سورايمىز. ئاللاھ تائالا شۇنىڭ ئىگىسىدۇر.

   ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى