جۈمە 17 شەۋۋال 1445 - 26 ئاپرىل 2024
Uygur

روزا تۇتۇشقا قادىر بولالمايدىغان بىمارلار توغرىسىدا

سۇئال

ئايالىم قان بېسىمى تۆۋەنلەپ كېتىش كېسىلى بولۇپ، روزا تۇتسا قان بېسىمى بەك چۈشۈپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن روزا تۇتۇشتىن چەكلىنىدۇ، روزا تۇتۇپ قالسا بەك چارچاپ ھوشىدىن كېتىش دەرىجىسىگە يىتىپ قالىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن تۇتالمىغان روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلىش ئۈچۈن قانداق قىلىشى كېرەك؟ كەمبەغەللەرگە يېمەك بېرىش ئۈچۈن مەلۇم مىقداردا پۇل بەرسە بولامدۇ؟ ئەگەر پۇل بېرىش دۇرۇس بولسا، بۇ پۇلنى ئىسلام خەيرىيەت ئورۇنلىرىغا بەرسەك، ئۇلار بۇنىڭغا يېمەك ئىلىپ ئۇرۇش ۋەيرانچىلىقىغا ئۇچرىغان ئىسلام دۆلەتلىرىگە يەتكۈزۈپ بەرسە بولامدۇ؟ چۈنكى بۇ سوئالنى سورىغۇچى دۇنيادا ئەڭ تەرەققى قىلغان دۆلەتتە ياشايدىغان بولۇپ، بۇ دۆلەتتە كەمبەغەل دەپ قارالغان كىشى بەزى ئىسلام دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان باي كىشىلەردىن ھېسابلىنىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   بىرىنچى: ئەگەر بۇ كېسەل ئۇزۇن مۇددەتلىك سوزۇلما خاراكتېرلىك بولمىسا ساقىيىپ قىلىشى مۇمكىن، شىپا تاپقۇچە كۈتۈپ شىپا تاپقاندىن كېيىن تۇتالمىغان روزىسىنىڭ قازاسىنى تۇتىدۇ.

    ئەمما ئۇزۇنغا سوزۇلغان ساقىيشىدىن ئۈمىت ئۈزۈلگەن كېسەل بولسا، ئۇ كىشىدىن قازاسىنى تۇتۇش دېگەن ھۆكۈم ساقىت بولىدۇ. ئۇ كىشى ھەر كۈنلۈك رامىزان روزىسى ئۈچۈن بىر كەمبەغەلگە يېمەك بېرىدۇ.

    شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھدىن: "ھەر قېتىم روزا تۇتسا ھوشىدىن كېتىدىغان كىشى قانداق قىلىدۇ؟ دەپ سورالغاندا، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: "مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىمارلارغا روزا تۇتۇش پەرز بولىدىكەن، ئۇلار بۇنداق ھالەتتە ئىپتار قىلىپ كېيىن قازاسىنى تۇتىدۇ،  قاچانكى روزا تۇتقان ۋاقىتتا ئايلىنىپ كىتىدىكەن، يەنى بۇ سەۋەبلىك روزا تۇتۇشتىن ئاجىز كېلىدىكەن، بۇنداق ھالەتتە ھەر كۈنلۈك روزا ئۈچۈن بىر كەمبەغەلگە يېمەك بېرىدۇ". ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر. ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى"25-توم 217-بەت].

     شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "روزا تۇتۇشقا قادىر بولالمايدىغان كىشى ئۈچۈن روزا تۇتۇش كېرەك بولمايدۇ، چۈنكى بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَمَنْ كَانَ مَرِيضًا أَوْ عَلَى سَفَرٍ فَعِدَّةٌ مِنْ أَيَّامٍ أُخَرَ تەرجىمىسى: كېسەللەر ۋە سەپەردىكى كىشىلەر روزا تۇتالمىغان كۈنلىرىنىڭ ئورنىغا باشقا كۈنلەردە روزا تۇتسۇن. [سۈرە بەقەرە 185-ئايەت].

    لېكىن كۆپ تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات ئىلىپ بېرىش ئارقىلىق شۇ ئايان بولدىكى، روزا تۇتۇشتىن ئاجىز كەلگەنلەر ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: تۇيۇقسىز ئاجىز  كەلگەن، يەنە بىرى: دائىم ئاجىز كەلگۈچى.

     روزا تۇتۇشتىن تۇيۇقسىز ئاجىز كەلسە، ئۇ ئاجىزلىقنىڭ يوق بولىشىنى كۈتىمىز، بۇ ئايەتتە بايان قىلىنغان مەزمۇنغا ئوخشاش بولۇپ، تۇيۇقسىز روزا تۇتۇشتىن ئاجىز كەلگۈچى، ئۆزىدىكى ئاجىزلىق يوقالغانغا قەدەر كۈتىدۇ، يوقالغاندا تۇتالمىغان روزىنىڭ قازاسىنى قىلىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا: باشقا كۈنلەردە روزا تۇتسۇن، دېگەن.

    كېسىلىنىڭ ساقىيىشىدىن ئۈمىد ئۈزۈلگەن كىشى ھەر كۈنلۈك روزىسى ئۈچۈن بىر كەمبەغەلگە يېمەك بېرىشى كېرەك بولىدۇ". ["شەرھىل مۇمتىئ"10-توم 167-بەت].

    ئىككىنچى: روزىنىڭ كاپارىتى ئۈچۈن بېرىلىدىغان يېمەكنىڭ مىقدارى توغرىسىدا: ھەر كۈنلۈك روزا ئۈچۈن بىر كەمبەغەلگە يېمەك بېرىش كېرەك بولىدۇ، ئۇنىڭ مىقدارى ئۆزى ياشايدىغان يۇرتتا كۆپ ئىستىمال قىلىنىدىغان ئوتتۇراھال يېمەكتىن بىر يىرىم كىلۇ-ئىككى كىلۇ ئەتراپىدا بەرسە بولىدۇ.

    دائىمىي كومىتېتى پەتىۋاسى 10-توم 167-بەتتە مۇنداق كەلگەن: "سىز ھەر كۈنلۈك روزا ئۈچۈن بىر كەمبەغەلگە بىر يىرىم كىلۇ-ئىككى كىلۇ ئەتراپىدا گۈرۈچ، بۇغداي، خورما قاتارلىق يۇرت خەلقى كۆپرەك ئىستېمال قىلىدىغان يېمەكتىن بەرسىڭىز بولىدۇ".

    ئۈچىنچى: يېمەكلىكنى كۈندىلىك تەمىناتىنى تاپالمايدىغان كەمبەغەلگە بېرىش كېرەك بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرنىڭ يۇرتۇڭلاردا كەمبەغەل تېپىلمىسا، كەمبەغەل تېپىلىدىغان باشقا شەھەردىكى بىر كىشىنى ۋەكىل قىلىپ شۇ ئارقىلىق بەرسىڭىز توغرا بولىدۇ. ئاللاھ تائالا بىزنى تاقىتىمىز يېتىدىغان ئىشلارنى قىلىشقا بۇيرىدى.

    مەسىلەن: باشقا يۇرتتا ياشاۋاتقان كىشىلەر سىز تۇرغان يۇرتتىكى كىشىلەردىنمۇ بەكرەك كەمبەغەل ۋە يارەمگە ئېھتىياجلىق بولسا، ئۇ ۋاقىتتا سەدىقە ۋە كاپارەتلەرنى شۇلارغا يۆتكەپ ئاپىرىپ ياكى ئەۋەتىپ بەرسىڭىز بولىدۇ.

بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 4347-ۋە 43146 -نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن. ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى