جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى توغرىسىدا

سۇئال

ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىغا ئىشتىراك قىلىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق ھەمدۇ-سانالار بۈيۈك ئاللاھقا بولسۇن.
بىرىنچى: ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى 270- مىلادىيە يىلى 02-14كۈنىدە خرىستىئان چېركاۋلىرى تەرىپىدىن ئۆلۈم جازاسىغا يولۇققان خرىستىئان پوپ داي فالىنتايېن(day valentine) تەرىپىدىن پەيدا قىلىنغان رىملىقلارغا ئائىت جاھىلىيەت قالدۇقلىرى بولۇپ، ھازىرقى زامان خرىستىئانلىرى بۇ ئادەتنى داۋاملاشتۇرماقتا.
ئىككىنچى: مۇسۇلمان ئادەم كۇففارلارنىڭ ئادەتلىرىنى قىلىشى، خۇسۇسەن، ئۇلارنىڭ دىنىي تۈسىنى ئالغان بايراملىرىنى دوراش، ئشتىراك قىلىش ۋە قوللاش قەتئىي ھارامدۇر. مۇسۇلمانلارنىڭ ئىككى ھېيتى بار. بۇ ھېيتلار دىنىي بايراملار بۇلاردىن باشقا ھېيتلار-بايراملارنى قۇتلۇقلاش مۇسۇلمانلار ئۈچۈن راۋا ئەمەس.
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە مۇنداق دېگەن: "بايرام دېگەن دىنىي پائالىيەت بولۇپ، ئاللاھ تائالا ھەر بىر قەۋم ئۈچۈن شەرىئەت ۋە يول بەلگىلىدۇق دېگەن. يەنە ھەر بىر ئۇممەت ئۈچۈن قىلىدىغان پائالىيەتلەرنى بەلگىلىدۇق دېگەن. مەسىلەن: ناماز، روزا ۋە باشقىلارغا ئوخشاش پائالىيەتلەر.
غەيرى دىندىكىلەرنىڭ دىنىي ئىبادەتلىرىگە ئىشتىراك قىلىش بىلەن ئۇلارنىڭ تۇغۇلغان كۈن، يىل بېشى بايرىمى ۋە ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىغا ئوخشاش دىنىي بايرام ۋە مۇراسىملىرىغا قاتنىشىشنىڭ ھېچ پەرقى يوق. ئۇلارنىڭ بۇنداق بايراملىرىغا ئىشتىراك قىلىش ئۇلارنىڭ كۇپرىلىقىغا رازى بولغانلىق ۋە مۇۋاپىقلاشقان بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بەزى ئىشلىرىدا ئۇلارغا ماسلىشىش پۈتۈن ئىشلىرىغا ماسلاشقانلىق بىلەن ئوخشاشتۇر. دىنىي بايراملار شۇ دىننى باشقا دىنلاردىن ئايرىپ تۇرىدىغان ئەڭ چوڭ بەلگىسى ۋە دىنىي پائالىيەتلىرىنىڭ چوڭىدۇر. مۇنداق بايراملاردا كۇففارلار بىلەن ماسلىشىش ئۇلارنىڭ ئەڭ مۇھىم دىنىي ئىشلىرىدا ئۇلارغا ماسلاشقانلىق بولىدۇ. مۇنداق ماسلىشىش بەزىدە ئادەمنى كۇپرىلىققا ئېلىپ بارىدۇ".
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنىڭ ھېيتى توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن: ھەر بىر قەۋمنىڭ بايرىمى بار، بۇ بىزنىڭ بايرىمىمىزدۇر(يەنى روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت دېگەن.
كۇففارلارنىڭ دىنىي بايراملىرىغا قاتنىشىش ئۇلارنىڭ كىيىنىشىنى دورىغاندىن ئېغىر گۇناھتۇر. چۈنكى كېيىم ئۇلارنىڭ ئارىسىنى تاشقىرى تەرەپتىن ئايرىپ تۇرىدىغان بىر بەلگە. ئەمما ئۇلارنىڭ دىنىي بايراملىرىغا قاتنىشىش بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر گۇناھ. ئۇلارنى دوراش ئۇلاردىن بولۇشنى ئارزۇ قىلغاندەك بىر ئىش بولۇپ، ئۇ ئاللاھنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدىغان ئىشلاردىندۇر». (ئىقتىدائۇسسىراتۇل مۇستەقىيم 1-توم 207-بەتكە قارالسۇن).
شەيخۇل ئىسلام يەنە مۇنداق دېگەن: "مۇسۇلمانلار كۇففارلارنىڭ مەخسۇس ھېيتلىرىغا ئىشتىراك قىلىشى، ئۇلارنى يېمەك-ئىچمەك، كېيىم-كېچەك، يۈرۈش - تۇرۇش ۋە قانداقلا بىر ئىشتا دوراش ۋە ئۇلارغا ئوخشىۋېلىشى ھارامدۇر. ئۇلارنىڭ سورۇنلىرىغا قاتنىشىش، ئۇلارنىڭ دىنىغا ياكى بايراملىرىغا ياردەمچى بولىدىغان نەرسىلەرنى ئۇلارغا سېتىش ھارامدۇر. بالىلارنى ئۇلارنىڭ بايراملىرىدا ئوينايدىغان نەرسىلەرنى ئويناشتىن توسۇش لازىم. مۇسۇلمانلار ئۇلارنىڭ بايرام كۈنلىرىنى ئادەتتىكى كۈنلەردەك كۆرۈشى ۋە ئەھمىيەت بەرمەسلىكى ئىنتايىن مۇھىم" (پەتىۋالار توپلىمى 25-توم 329-بەتكە قارالسۇن).
ھاپىز زەھەبىي مۇنداق دېگەن خرىستىئانلارنىڭ بايرىمى، يەھۇدىيلارنىڭمۇ بايرىمى بار. مۇسۇلمانلار ئۇلارنىڭ بايراملىرىغا ئىشتىراك قىلمايدۇ.
شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىنگە بىرى مۇنداق سوئال قويغان: «يېقىنقى يىللاردىن بىرى خرىستىئانلارنىڭ مۇھەببەت بايرىمىنى قۇتلۇقلاش ئىشلىرى يامراپ كەتتى. بەزى ئوقۇغۇچى قىزلار ئارىسىدا بۇنداق ئادەتنى دوراش خىلىلا ئېغىر، ئۇلار بۇ كۈندە قىپ -قىزىل كېيىم كىيىپ بىر- بىرىگە گۈل تەقدىم قىلىشىدۇ. بۇنىڭ ھۆكمى نېمە؟
شەيخ ئۇسەيمىن جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېگەن: ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىغا قاتنىشىش مۇنداق بىر قانچە تەرەپلەردىن جايىز ئەمەس:
(1) ئۇ بىدئەت ئىش، شەرىئەتتىن دەلىلى يوق.
(2) ئۇ ھارام مۇھەببەتكە ئېلىپ بارىدۇ.
(3) ئادەمنى كېرەكسىز ئىشلار بىلەن مەشغۇل قىلىپ مۇھىم ئىشلاردىن قالدۇرىدۇ.( پەتىۋا ئۇسەيمىن 16/199)
مۇنداق بايرام كۈنلىرىدە مۇسۇلمانلارنىڭ يېيىش - ئىچىش، كىيىنىش، سوۋغات تەقدىم قىلىشىش ۋە ھەر قانداق ئىشتا بۇ كۈنگە ئالاقىدار ئىشلارنى قىلىشى ھارامدۇر. مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ دىنى بىلەن پەخىرلىنىدىغان، باشقىلارنى دورىمايدىغان بولىشى لازىم. ئاللاھ بىزنى ھەق دىنىمىزدىن ئايرىمىسۇن.
سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتىدىن، خرىستىئانلارنىڭ ھەر يىلى 2- ئاينىڭ 14 -كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇھەببەت بايرىمى ھەققىدە تۆۋەندىكى سوئاللار سورالغىنىدا:
بۇ كۈندە بايرام قىلىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟
بۇ كۈندە بىر نەرسە سېتىۋېلىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟
بۇ كۈندە بايرام قىلىدىغانلارغا بىر نەرسە سېتىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟
دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى مۇنداق جاۋاب بەرگەن:
قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسلەرنىڭ دەلىللىرى، ئىسلام ئۇممىتىنىڭ بىرلىككە كەلگەن كۆز قارىشىدا: مۇسۇلمانلارنىڭ يىلدا كىلىدىغان روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت بايراملىرى دەپ ئىككىلا بايرىمى بار. بۇلاردىن باشقىسى مەيلى كىشىگە ياكى كوللېكىپقا مۇناسىۋەتلىك بولسۇن ياكى باشقا مەنىلەردە بولسۇن ھەممىسى بىدئەت. ئىسلام ئەھلىنىڭ بۇنىڭغا ئوخشىغان بايراملارغا ئىشتىراك قىلىشى ھارام. بۇنداق بايراملاردا خوشاللىق ئىزھار قىلىش ياكى ئۇلارنى تەبرىكلەش ياكى قوللاش ياكى ياردەم قىلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ھارام. چۈنكى ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىلىرىدىن چىقىپ كەتكەنلەر ئۆزلىرى ئۈچۈن زۇلۇم قىلغۇچىلاردۇر. كۇففارلارنىڭ دىنىي تۈس بىلەن پەيدا قىلغان بايراملىرىغا ئىشتىراك قىلىش ھارام ئۈستىگە ھارام بولۇپ، بىرىنچىدىن بىدئەت، ئىككىنچىدىن كاپىرلارنى دوراش، دورىغاندىمۇ دىنىي ئىشلىرىنى دوراش بولسا، بەندىنىڭ ئاللاھ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: كىمكى بىر قەۋمنى دورايدىكەن، ئۇ، شۇ قەۋمدىن بولۇپ كېتىدۇ دېگەن.
ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى دېگەن خرىستىئانلارنىڭ ھەقىقىي دىنى بايرىمىمۇ ئەمەس، بەلكى بۇزۇلغان خرىستىئان دىنىنىڭ قەدىمقى رىملىق بۇددىستلاردىن قوبۇل قىلغان بۇددىزم ئادىتىدۇر. ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنگەن مۇسۇلمان ئادەمنىڭ مۇنداق بايراملارنى قىلىشى، ئىشتىراك قىلىشى، ئۇلارغا ھەدىيە قىلىشى، ئۇلارنى قوللىشى، ئۇلارغا ياردەم قىلىشى ھالال ئەمەس. چۈنكى مۇنداق قىلىش گۇناھقا ياردەملەشكەنلىك، ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە ئاسىيلىق قىلىشقا ھەمكارلاشقانلىق بولۇپ، گۇناھى ئېغىردۇر. ئاللاھ قۇرئاندا: ياخشىلىققا، تەقۋالىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا، دۈشمەنلىككە ياردەم قىلماڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر دەيدۇ.
مۇسۇلمان ئادەم قۇرئان كەرىم بىلەن ھەدىسنىڭ روھىغا ئېسىلىشى ۋە پۈتۈن ھاياتلىق مۇساپىلىرىدە، كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ۋە ھەر قانداق ئىشتا قۇرئان كەرىم بىلەن سۈننەتنى چىڭ تۇتۇشى پەرزدۇر.
پىتنە - پاسات كۆپەيگەن، تەقۋالىق ئاز قالغان، ئەخلاق ئاجىزلاشقان، كۇففارلارنىڭ باتىل پىكىر ئىنقىلابى مۇسۇلمان مەملىكەتلىرىگە بېسىپ كىرىشكە باشلىغان بىر ۋاقىتتا مۇسۇلمانلار ئۆز دىنىنى، ئېتىقادىنى، ئىسلامىي ئەخلاقىنى، مۇسۇلمانچە قائىدە - يوسۇنلىرىنى قوغداشقا قاتتىق ئەھمىيەت بېرىشى لازىم.
مۇسۇلمانلار غەزەپ قىلىنغان ۋە يولدىن ئازغانلار لارنىڭ قاتارىدىن بولۇپ قالماسلىقى، ئۇلارنىڭ زالالىتىگە ئىشتىراك قىلماسلىقى ۋە ئۇلارنىڭ پىتنىسىگە چۈشۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن قاتتىق ھەزەر قىلىشى لازىم.
مۇسۇلمان ھەر ۋاقىت ئاللاھتىن ياردەم سوراپ، دىنىدا مۇستەھكەم بولىشى، كۇففارلارنى دورىماسلىقى لازىم. ئاللاھتىن باشقا ھىدايەت قىلغۇچى يوق. ئاللاھ ھەممىمىزنى ھىدايەت قىلسۇن ئامىن.
ئىبنى جىبرىن ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى ھەققىدە سورالغاندا مۇنداق دېگەن:
1-بۇنىڭغا ئوخشىغان بىدئەت بايراملارنى قىلىش ھارام. چۈنكى ئۇنىڭ دىنىي ئاساسىي يوق.
2-مۇنداق قىلىش كۇففارلارغا ئوخشىۋالغانلىق بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: كىمكى باشقا قەۋمگە ئوخشىۋالسا ئۇنىڭدىن بولۇپ كېتىدۇ.
3- مۇنداق بايراملاردا ھارام ئويۇنلار، ئەر - ئاياللار ئارىسىدا چەكلەنگەن ئالاقە، ئويۇن-تاماشا، ناخشا- مۇزىكا قاتارلىق دىندا چەكلىمە قويۇلغان ئىشلار بىلەن تولغان بولىدۇ. شۇڭا ھارام ئىشلاردىن چەكلىنىش ئۈچۈن بۇنداق بايراملارغا ئىشتىراك قىلماسلىق تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
شۇنداقلا بۇنداق بايرامدا بىر- بىرىگە ھەدىيە بېرىشىشمۇ ھارام، چۈنكى كاپىرلارنىڭ قىلىدىغان ئىشىنى دورىغانلىق ۋە ئۇلارغا ياردەم قىلغانلىق، قوللىغانلىق ۋە ئۇلارنىڭ بايرىمى بىلەن خوشاللانغانلىق بولىدۇ.
ئاخىرىدا سىزگە شۇنى دەيمىزكى، ئىي مۇسۇلمان قېرىندىشىم! قايسى بىر خرىستىئان ياكى قايسى بىر يەھۇدىي ياكى قايسىبىر بۇددىست ياكى كوممۇنىست سىزنىڭ دىنىي بايرىمىڭىز بولغان روزا قۇربان ھېيتلىرىڭىزنى ھۆرمەتلەيدۇ؟ قايسىسى ئۇ كۈننى ئۆز بايرىمىدەك كۆرۈپ ئىشتىراك قىلىدۇ؟ قايسىسى سىزگە ھەدىيە بېرىدۇ؟ قايسىسى سىزنىڭ بايرىمىڭىزنى سىز باشقىلارنىڭ بايرىمىنى بايرام قىلىۋالغىنىڭىزغا ئوخشاش ئۆز بايرىمى قىلىۋالدى؟ بەلكى ھېيت-بايرام كۈنلىرىڭىزنىڭ كۆڭۈلسىز ئۆتۈشىنى خالايدۇ. ئۇلارنىڭ سىزنى سۆيمەيدىغانلىقىنى بىلەمسىز!؟، دىنىڭىزنى ئىنكار قىلىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟! ئۇنىڭ ئەكسىچە سىز ئۇلارنىڭ بايراملىرىنى دوراۋاتىسىز!!!، ئۆزىڭىزچە يېڭىلىققا ياكى مەدەنىيەتكە يۈزلەنگەندەك ھېس تۇيغۇدا بولىسىز، بۇ قىلمىشىڭىز نېمىنىڭ بەدىلىگە؟! بۈيۈك دىنىڭىز، پاك ئەقىدىڭىز، گۈزەل ئەخلاقىڭىز بەدىلىگىمۇ؟!!! قېنى يەنە بىر قېتىم ئىمان، ئەقىدە، مىللەت-ۋەتەن، مىللى ئۆرپ-ئادەتنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ ئويلىنىپ كۆرۈڭ. بۇ قىلغىنىڭىز توغرىمۇ؟ ئاللاھ ھەممىمىزنى توغرا يولغا يېتەكلىسۇن.

 

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى