جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارنىڭ تەۋبىسى

سۇئال

بىر كىشى ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، دوختۇر ئۇ كىشگە دىئاگنۇز قويۇش ئارقىلىق ئۇ كىشىنىڭ بۇ دۇنيادا كۆرىدىغان ھاياتىدىن بىرقانچە كۈنلا قالغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر قىلغان بولسا، ئۇ بىمارنىڭ بۇ ھالەتتە قىلغان تەۋبىسىنىڭ ھۆكمى نېمە؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارنىڭ مادامىكى ئەقلى - ھوشى جايىدا بولغان ئېكەن تەۋبە قىلىشقا ئالدىرىشى كېرەك. ئىنساننىڭ ئەجىلى ئىنسانغا ھاياتلىق ئاتا قىلغان زاتنىڭ قولىدا بولۇپ، دوختۇرلار كىسەل تارىخى ۋە ئەھۋالىغا قاراپ تەخمىن قىلىپ گۇمان بىلەن ئېيتىدۇ، بەلكى ئۇ ئىنسان شىپالىق تېپىپ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشى مۇمكىن.
ھەتتا دوختۇر سىزنىڭ كۆرىدىغان كۈنىڭىز بىرقانچە كۈنلا قالدى دېگەن بولسىمۇ ئىككىلەنمەستىن نىيىتىنى دۇرۇس قىلىپ ئىلگىرى سادىر قىلغان گۇناھلىرىدىن پاكلىنىش ئۈچۈن تەۋبە قىلىشقا تىزدىن ئالدىرىشى كېرەك. جانابى ئاللاھ بۇ توغرىدا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: ئىي مۆمىنلەر! بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ھەممىڭلار جانابى ئاللاھغا تەۋبە قىلىڭلار نۇر سۈرىسى31- ئايەت.
يەنە بىر ئايەتتە: تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، ئاندىن توغرا يولدا ماڭغان ئادەمنى مەن ئەلۋەتتە ناھايتى مەغپىرەت قىلغۇچىمەن دېگەن. تاھا سۈرىسى 81- ئايەت.
بۇ توغرىدا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: جانابى ئاللاھ بەندىسىنىڭ ئەجىلى توشۇپ جان تالىشىشتىن ئىلگىرى قىلغان تەۋبىسىنى قۇبۇل قىلىدۇ .
پەزىلەتلىك شەيخ مەرھۇم شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى بازنىڭ پەتىۋالار مەجمۇئەسى ناملىق ئەسىرى 9- توم 437- بېتىگە قارالسۇن.

مەنبە: پەزىلەتلىك شەيخ ئىبنى بازنىڭ: تۈرلۈك ماقالىلار ۋە پەتىۋالار توپلىمى ناملىق ئەسىرى 9-توم 437-بەتتىن ئىلىندى