يەكشەنبە 19 شەۋۋال 1445 - 28 ئاپرىل 2024
Uygur

بىر دۇكاندىن كېيىم سېتىۋېلىپ كېيىن بۇ دۇكاننىڭ ئوغۇرلانغان كىيىملەرنىمۇ ساتىدىغانلىقىنى بىلگەنلىك توغرىسىدا

100209

تارقاتقان ۋاقىت : 07-09-2023

كۆرگۈچىلەر : 341

سۇئال

   مەن دوستۇم ئاچقان بىردۇكاندىن كىيىم سېتىۋالدىم، كېيىن بۇ دۇكاندا ئوغۇرلانغان كىيىملەرنىڭ سېتىلىدىغانلىقى ئاشكارا بولدى، ھازىردىن باشلاپ بۇ دۇكاندىن بىر نەرسە سېتىۋېلىشنىڭ ماڭا ھالال بولمايدىغانلىقىنى بىلدىم، لېكىن بۇنى بىلىشتىن ئىلگىرى سېتىۋالغان كىيىملەرنى قانداق قىلىمەن؟، ئۇنى كىيىم ھالال بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: بۇ دۇكاننىڭ ئوغۇرلانغان نەرسىلەرنى ساتىدىغانلىقى ئاشكارا بولغاندا، ئ‍ۇ دۇكاندىن بىر نەرسە سېتىۋېلىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئوغۇرلانغان نەرسە ئوغرىنىڭ مۈلكى ئەمەس، ئۇنى تەسەررۇپ قىلىش توغرا بولمايدۇ،

    سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، دىنى تەشۋىقات، پەتىۋا كومىتېتىدىن: بەزى ۋاقىتتا بازارغا ئوغۇرلاغان نەرسىلەر كەلتۈرۈلىدۇ، ئۇ نەرسىلەرنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئارىلىشىپ كەتكەنلىكى ياكى ئۇنىڭ ئارىسىدا نېمىلەرنىڭ بارلىقىنىڭ بىلىنمەسلىكى ياكى بەزى ئۈسكىنىلەرنىڭ تۈرلىرى ۋە ئىشلىتىش يوللىرىنى بىلمەسلىك ياكى سېتىلىدىغان باھاسىنىڭ  شۇنداقلا قەيەردىن سېتىۋالغانلىقىنى بىلمەسلىك ساتقۇچىغا بۇنىڭ ئوغۇرلانغانلىقىنى ئېنىق ئىپادىلەيدۇ؟ بۇنداق نەرسىلەرنى سېتىۋالسا بولامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، ئۇلار مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: "ئىنسان ساتقىلىقى بازارغا سېلىنغان مالنىڭ ئوغۇرلانغانلىقى ياكى بۇلانغانلىقى ياكى شەرئى تەرەپتىن ئىگىدارچىلىقى بولمىغان ياكى سېتىش ۋاكالەتچىسى بولمىغان كىشىنىڭ نەرسىلەرنى بازارغا سالغانلىقىنى ئېنىق بىلگەن ۋاقتىدا، ئۇنداق نەرسىلەرنى سېتىۋېلىشى ئېنىقلا ھارام بولىدۇ، چۈنكى بۇنداق نەرسىلەرنى سېتىۋېلىش، گۇناھ-مەسىيەت ۋە دۈشمەنلىككە ياردەم بەرگەنلىك، مالنىڭ ھەقىقى ئىگىسىگە قايتىشىنى يوقىتىپ قويغانلىق بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن كىشىلەرگە زۇلۇم قىلىش، چەكلەنگەن ئىشلارنى ئېتىراپ قىلىش ۋە بۇنداق كىشىلەر بىلەن گۇناھقا ئورتاق بولۇش كېلىپ چىقىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَتَعَاوَنُوا عَلَى الْبِرِّ وَالتَّقْوَى وَلَا تَعَاوَنُوا عَلَى الْإِثْمِ وَالْعُدْوَانِ وَاتَّقُوا اللَّهَ إِنَّ اللَّهَ شَدِيدُ الْعِقَابِ‏  تەرجىمىسى: «ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار، ئاللاھ (نىڭ ئازابى) دىن قورقۇڭلار، ئاللاھنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن قاتتىق» [سۈرە مائىدە 2-ئايەت].

   شۇنىڭغا ئاساسەن، بۇ ماللارنىڭ ئوغۇرلانغان ياكى ئىگىسىنىڭ رۇخسىتىسىز ئېلىۋېلىنغان يەنى بۇلانغان مال ئىكەنلىكىنى بىلگەن كىشى ئوغرىلىغان كىشىگە چىرايلىقچە مۇلايىملىق بىلەن نەسىھەت قىلىپ ئوغرىلىغان مالنى ئىگىسىگە قايتۇرۇشقا كۆندۈرۈش كېرەك، ئەگەر ئوغرى قايتۇرماي، ئۆزۈمنىڭ دەپ جاھىللىق قىلىپ تۇرۇۋالسا،   ھەقنى ئىگىسىگە قايتۇرۇش ۋە جىنايەتچىنى قىلمىشىغا قارىتا جازالاندۇرۇش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بىلدۈرۈش كېرەك. بۇ ياخشىلىق ۋە تەقۋادارلىققا ياردەم بېرىش يوللىرىدىن ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى بۇنداق قىلىشتا زالىمنى زۇلمىدىن قايتۇرۇش ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىغا ياردەم بەرگەنلىك بولىدۇ". ["دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى"13-توم 81-بەت]. 

    ئىككىنچى: ئوغۇرلانغان مالنى بىلىپ تۇرۇپ سېتىۋالغان كىشى ئۇنى قايتۇرۇپ، سېتىۋالغان كىشىدىن پۇلىنى ئېلىشى كېرەك، چۈنكى بۇ سودا توغرا بولمايدۇ،  ئەمما مالنى سېتىۋېلىپ كېيىن ئۇنىڭ ئوغۇرلانغانلىقىدا شەك قىلىپ، كەسكىن بىلەلمىگەن بولسا، ئۇنى قايتۇرۇپ بېرىش كېرەك بولمايدۇ، چۈنكى سودىنىڭ ئەسلى توغرا بولغان.

     ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى