پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

تۇنجى پەرزەنتى قىز بولغان كىشى ئۈچۈن بىرەر پەزىلەت بارمۇ؟

100402

تارقاتقان ۋاقىت : 02-03-2014

كۆرگۈچىلەر : 5009

سۇئال

تۇنجى پەرزەنتى قىز بولغان كىشى ئۈچۈن بىرەر پەزىلەت ياكى ئەۋزەللىك بارمۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

پەرزەنتلەر ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئىنئام قىلىنغان سوغاتتۇر. بەندىلەرنىڭ رىزقلىرى ۋە باشقا بارلىق ئىشلىرى ئاللاھ تائالانىڭ ئىلكىدە بولۇپ، نېمەتنى ئاللاھ تائالا بېرىدۇ ياكى چەكلەيدۇ، ئىززەتلىك قىلىدۇ ياكى خار قىلىدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ پەزلى-ئېھسانىنى قايتۇرغۇچى ۋە ھۆكۈملىرىنى تەكشۈرگۈچى ياكى ھېسابىنى ئالغۇچى بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: لِّلَّـهِ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِۚ يَخْلُقُ مَا يَشَاءُۚ يَهَبُ لِمَن يَشَاءُ إِنَاثًا وَيَهَبُ لِمَن يَشَاءُ الذُّكُورَ ، أَوْ يُزَوِّجُهُمْ ذُكْرَانًا وَإِنَاثًاۖ وَيَجْعَلُ مَن يَشَاءُ عَقِيمًاۚإِنَّهُ عَلِيمٌ قَدِيرٌتەرجىمىسى: ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ نېمىنى خالىسا شۇنى يارىتىدۇ، خالىغان ئادەمگە قىز پەرزەنت ئاتا قىلىدۇ، خالىغان ئادەمگە ئوغۇل پەرزەنت ئاتا قىلىدۇ ياكى ئۇلارغا ئوغۇل، قىزنى ئارىلاش بېرىدۇ، خالىغان ئادەمنى تۇغماس قىلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىگە قادىردۇر. [سۈرە شۇرا 49-50 ئايەت].

شەيخ ئىبنى سەئدىي رەھىمەھۇللاھ يۇقىرىقى ئايەت ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ئايەتتە ئاللاھ تائالانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ چەكسىزلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى ۋە بۇيرۇقلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئاللاھ تائالا ئۆزى خالىغان نەرسىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ ۋە ئىدارە قىلىدۇ. ئومۇمى جەھەتتىن ئاللاھ تائالانىڭ ئىدارە قىلىشى بولسا، بەندىلەر بىۋاستە ئۆزى باشقۇرىدىغان سەۋەبلەرنى پەيدا قىلىپ بېرىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەسىلەن: نىكاھلىنىش پەرزەنتنىڭ تۇغۇلۇشى ئۈچۈنسەۋەبدۇر. ئاللاھ ئىنسانغا ئۆزى خالىغان پەرزەنتلەرنى بېرىدۇ. ئىنسانلارنىڭ بەزىسىگە قىز پەرزەنت ئاتا قىلسا، بەزىلىرىگە ئوغۇل پەرزەنت ئاتا قىلىدۇ. بەزىلىرىگە قىز-ئوغۇل پەرزەنتنى بىللە ئاتا قىلسا، بەزى كىشىلەرنى ئەۋلاد قالدۇرمايدىغان قىلىدۇ.

ئاللاھ تائالا ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممە نەرسىگە قادىردۇر. ئاللاھ تائالا ئۆز قۇدرىتى بىلەن مەخلۇقاتلارنى پەيدا قىلىدۇ ۋە ۋايىغا يەتكۈزۇپ قىلىدۇ. ھەممە ئىشنى ئۆز ئىلمى بىلەن تەسەررۇپ قىلىدۇ".

قىزلارنى ياخشى تەربىيىلەش ۋە ئۇلارنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئىلىش توغرىسىدا نۇرغۇن سەھىھ ھەدىسلەر بايان قىلىنغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ئىككى قىزىنى ياخشى تەربىيلەپ قاتارغا قوشقان كىشى قىيامەت كۈنى مەن بىلەن يېقىن بولىدۇ دەپقولىنىڭ بارماقلىرىنى يۇمدى. [مۇسلىم رىۋايىتى2631].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ئۈچ قىزى ياكى ئۈچ ھەمشىرىسى، ئىككى قىزى ياكى ئىككى ھەمشىرىسى بار كىشى ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىپ، ئاللاھتىن قورققان ھالدا ئۇلارنىڭ ھەققىنى ئادا قىلسا، ئۇ كىشىگە جەننەت بېرىلىدۇ. [تىرمىزى رىۋايىتى 1916-ھەدىس. ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى5147-ھەدىس. ئىبنى ماجە رىۋايىتى 3669-ھەدىس. شەيخ ئەلبانىي سەھىھ دەپ قارىغان].

ئەمما تۇنجى پەرزەنتنىڭ قىز بولىشىنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا كەلگەن ھەدىسلەر زەئىپ ياكى توقۇلمىدۇر.

ئىمام ھاپىز ئەسساخاۋىي رەھىمەھۇللاھ ئەل مەقاسىدۇل ھەسەنەھ ناملىق ئەسىرىنىڭ 1-توم 677-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: ئايال كىشىنىڭ بەرىكەتلىك بولىشى تۇنجى قېتىم قىزتۇغۇشىدۇر دېگەن ھەدىسى، ئىمام دەيلەمىي ۋاسىلەتە ئىبنى ئەلئەسقەئدىن رىۋايەت قىلغان: «ئايال كىشىنىڭ بەرىكەتلىك بولىشى تۇنجى قېتىم قىز تۇغۇشىدۇر. سىلەر ئاللاھ تائالانىڭ يَهَبُ لِمَن يَشَاءُ إِنَاثًاتەرجىمىسى: خالىغان ئادەمگە قىز پەرزەنت ئاتا قىلىدۇ دېگەن سۆزىنى ئاڭلىمىدىڭلارمۇ؟، چۈنكى ئاللاھ تائالا ئايەتنى قىز پەرزەنت بىلەن باشلىدى،» دېگەن ھەدىسى، شۇنداقلا ئائىشە ئانىمىزنىڭ بايان قىلغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان: ئايال كىشىنىڭ بەرىكەتلىك بولىشى؛ يولدىشىغا تويلۇقنى يەڭگىل سىلىشى ۋە تۇنجى قېتىم قىز تۇغۇپ بېرىشىدۇر، دېگەندىن ئىبارەت بۇ ئىككى ھەدىس زەئىپتۇر.

ئىمام سۇيۇتىي رەھىمەھۇللاھ پەتىۋا كىتابىدا: بۇ ھەدىسنى سەھىھ ئەمەس دېگەن. ["كەشپۇل خەفا" ناملىق ئەسەر 2-توم287-بەتكە قارالسۇن].

شەيىخ ئەلبانىي رەھىمەھۇللاھ: ئايال كىشىنىڭ بەرىكەتلىك بولىشى تۇنجى قېتىم قىزتۇغۇشىدۇر دېگەن ھەدىسنى توقۇلما ھەدىس دەپ قەيت قىلىدۇ. ["توقۇلما ۋە زەئىپ ھەدىسلەر" ناملىق ئەسىرى 9-توم 142-بەت].

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى