پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

چىشىنىڭ ئۈستىگە دائىم چىشىنى ئوراپ تۇرىدىغان ماددا قويۇش توغرىسىدا

101417

تارقاتقان ۋاقىت : 15-09-2022

كۆرگۈچىلەر : 742

سۇئال

   چىشىنىڭ ئۈستىگە سىرتقى تەرەپتىن چىشنى مۇھاپىزەت قىلىدىغان ۋە چىرايلىق قىلىدىغان ماددىلارنى قويسا توغرا بولامدۇ؟ بۇ چىشنىڭ ئۈستىگە دائىم قويۇپ قويىدىغان ماددا بولۇپ، بۇنىڭ تاھارەتكە تەسىرى بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.  

    چىشنى مۇداپىئە قىلىش ۋە چىرايلىق قىلىش ياكى قۇرۇت يېگەن جايلىرىنى داۋالاش ئۈچۈن ماددىلارنى قويسا بولىدۇ، چۈنكى بۇنىڭ ئەسلى دۇرۇس بولۇپ، بۇنى چەكلەيدىغان بىر ئامىل يوق، لېكىن ئىسراپ قىلماسلىق شەرتى بىلەن بولىدۇ، ئەگەر بۇنى قويدۇرۇش ئۈچۈن كۆپ ئىقتىساد كەتسە، بۇنى قويدۇرۇشنىڭ ھاجىتى بولمىسا، ئۇ ۋاقىتتا بۇنداق قىلدۇرماسلىق تەلەپ قىلىنىدۇ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلَا تُسْرِفُوا ۚ إِنَّهُ لَا يُحِبُّ الْمُسْرِفِينَ  تەرجىمىسى: «ئىسراپ قىلماڭلار، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ياقتۇرمايدۇ.» [سۈرە ئەنئام 141 -ئايەت.]

چىشنىڭ ئۈستىگە قويۇلغان بۇ ماددىنىڭ تاھارەتكە تەسىرى بولمايدۇ، چۈنكى تاھارەتتە زۆرۈر بولغىنى ئېغىزىغا سۇ ئىلىش بولۇپ، ئۇ ئېغىزىنى ھەرىكەتلەندۈرۈش بولۇپ، مۇشۇ ماددىنى چىشىغا قويغاندىمۇ ئېغىزىنى ھەرىكەتلەندۈرگىلى بولىدۇ.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى