شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

ئىنسان ئۆزىنىڭ چېچىنى كەيمە چاچ ياسايدىغان ئورۇنلارغا ساتسا ياكى ئىئانە قىلسا توغرا بولامدۇ؟

سۇئال

ئايال كىشى چېچىنى كۆيۈشتىن ياكى تۈرلۈك كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن چېچى چۈشۈپ كەتكەن بالىلارغا كەيمە چاچ ياسايدىغان ئورۇنلارغا ئىئانە قىلسا توغرا بولامدۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

   بىرىنچى: پىقھى ئالىملارنىڭ ئارىسىدا ئىنساننىڭ چېچىنى سېتىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكى توغرىسىدا ھېچ ئىختىلاپ يوق، چۈنكى چاچ دېگەن ئىنساننىڭ بىر پارچىسى ۋە ھۆرمەتلىك بىر ئەزاسىدۇر، ئۆزىنىڭ ئەزاسىدىن بىر نەرسىنى سېتىش بولسا، ئۇنى  خارلىغانلىقتىن ئىبارەتتۇر.

    "پىقھى توپلاملىرى"26-توم 102-بەتتە مۇنداق كەلگەن: پىقھى ئالىملىرى ئىنساننىڭ چېچىنى سېتىش ياكى باشقا تەرەپتىن پايدىلىنىشنىڭ چەكلەنگەنلىكىگە بىرلىككە كەلگەن، چۈنكى ئادەم دېگەن ئۆزىنىڭ ھەممە ئەزاسى بىلەن ھۆرمەتلىكتۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَلَقَدْ كَرَّمْنَا بَنِي آدَمَ﴾  تەرجىمىسى: «ئىنسان ئەۋلادىنى بىز ھەقىقەتەن ھۆرمەتلىك قىلدۇق» شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنساننىڭ ئۆزىنىڭ ئەزالىرىنى خارلىشى ۋە ئىتىبارسىزلاشتۇرىشى توغرا بولمايدۇ.

   ئەمما چاچنى كەيمە چاچ ياسايدىغان ئورۇنلارغا ئىئانە قىلىش مەسىلىسىگە كەلسەك، كەيمە چاچنى ئېشلىتىش بەزى ۋاقىتتا توغرا بولىدۇ يەنە بەزى ۋاقىتتا ھارام-چەكلىنىدۇ، ئەگەر ئەيىب-نۇقساننى تۈزەلتىش ئۈچۈن ئىشلەتسە توغرا بولىدۇ، چىرايلىق بولۇش ۋە زىننەتلىنىش ئۈچۈن ئىشلەتسە توغرا بولمايدۇ.

    شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەلئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: كەيمە-سۈنئى چاچ كېيىش ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:

    بىرىنچى: ئايالنىڭ چېچى چۈشۈپ كەتكەن بولسا، چىرايلىق بولۇشنى مەقسەت قىلىپ كىيگەن بولسا، بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايالنىڭ مەقسىدى ھاسىل بولىدۇ، ئەگەر چېچى تولۇق بولۇپ، ھېچ بىر ئەيىب بولمىسا بۇنداق ھالەتتە كەيمە-سۈنئى چاچ كىيىش توغرا بولمايدۇ. چۈنكى مۇنداق ھالەتتە كەيمە چاچ كىيىش بولسا چېچىغا چاچ ئۇلىغانلىق بولىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام چاچ ئۇلىغۇچى ۋە ئۇلاتقۇچىغا لەنەت قىلغان".

   ئىككىنچى ھالەت: ئايالنىڭ پەقەت چېچى يوق بولۇپ بۇ ئاياللارنىڭ ئارىسىدا ئەيىب ھېسابلىنىدىكەن، بۇنى يوشۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم كەيمە چاچ كىيىشتىن باشقا ئامال بولمىسا، ئۇ ۋاقىتتا كەيمە چاچ كىيىشى توغرا بولىدۇ، چۈنكى بۇ ھالەتتە چىرايلىق بولۇش ئۈچۈن كەيمىدى، پەقەت ئەيىپنى يوشۇرۇش ئۈچۈن كەيدى، يەنىمۇ ئېھتىيات قىلغاندا، كەيمە چاچنى كەيمەي، چېچىنىڭ يوقلۇقى بىلىنمەيدىغان ھالەتتە بىر نەرسە كىيىپ ئۈستىگە ياغلىق چېگىۋەتسە بەك ياخشى بولىدۇ، ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر". ["نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋالىرى"].

    يەنە مۇنداق دەيدۇ: "سۈنئى كەيمە چاچ كىيىش ھارام بولىدۇ، چۈنكى ئۇ چاچ ئۇلاشنىڭ قاتارىغا كىرىدۇ، ئەمەلىيەتتە چاچنى ئۇلىمىسىمۇ ئەمما ئۇ ئايالنىڭ بېشىدا ئەسلىدىكى چېچىدىنمۇ ئۇزۇن كۆرىنىدۇ، بۇنىڭ بىلەن چاچ ئۇلىغانغا ئوخشاپ قالىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام چاچ ئۇلىغۇچى ۋە ئۇلاتقۇچىغا لەنەت قىلغان.

    لېكىن ئايالنىڭ بېشىدا پەقەت چاچ بولمىسا ياكى جاراھەت بولسا، ئۇ ۋاقىتتا شۇ ئەيىبنى يوشۇرۇش ئۈچۈن سۈنئى-كەيمە چاچ كەيسە بولىدۇ. چۈنكى ئەيىپنى يوق قىلىش توغرا بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇرۇشتا بۇرنى كېسىلىپ كەتكەن كىشىگە ئالتۇندىن بۇرۇن ياسىتىپ تاقاشقا رۇخسەت قىلغان".  ["شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالار توپلىمى" 11/68].

    سوئال سورىغۇچىغا بېرىدىغان جاۋابىمىز: ئەگەر چاچ ئىئانە قىلىنىدىغان ئورۇن راستىنلا كۆيۈك ۋە باشقا تۈرلۈك كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن چېچى چۈشۈپ كەتكەنلەرگە چاچ ياسايدىغان ئىشەنچىلىك ئورۇن بولسا، ئۇلارغا چېچىنى ئىئانە قىلسا توغرا بولىدۇ، چاچ ئىئانە قىلغۇچى بۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھدىن ئەجىر-ساۋاپ ئۈمىت قىلىدۇ.

    ئەمما چاچ ئىئانە قىلىنىدىغان ئورۇن ئىشەنچىلىك بولمىسا، ياكى بۇنىڭدىن كەيمە چاچ ياساپ ساتىدىغان بولۇپ قالسا، ئۇلارغا چاچنى ئىئانە قىلىش توغرا بولمايدۇ.

     ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى