بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
بىرىنچى: ئۆزىڭىزدىن ئەنسىرەش، سىزگە يۈز بەرگەن ئىشلاردىن بىئارام بولغىنىڭىز ۋە بىزگە نەسىھەت قىلىشنى ۋە توغرا يولنى كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلىپ ئۇچۇر ئەۋەتكەنلىكىڭىز ياخشى بوپتۇ، بۇ سىزنىڭ قەلبىڭىزنىڭ ئويغاق، ئەقلىڭىزنىڭ ساغلام ئىكەنلىكىنىڭ ئىپادىسىدۇر. ئاللاھ تائالادىن سىزنى ئۆزى رازى بولىدىغان ۋە ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارغا مۇۋەپپەق قىلىشىنى سورايمىز.
ئىككىنچى: سوئال سورىغۇچى قىرىندىشىم! سىزگە يەتكەن بۇ ھالەت: "مەجبۇرى ۋەسۋەسە" دەپ ئاتىلىدۇ، تۆۋەندىكى ئىشلار ئارقىلىق سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنى خاتىرجەم قىلىش، سىزنى خۇرسەن ۋە بەختلىك قىلىش بىلەن سۆيۈنىمىز:
1-بۇنداق ۋەسۋەسىگە ھۆكۈم بېرىلمەيدۇ، بۇنداق ھالەتتە ئايالىنى تالاق قىلسىمۇ تالاق بولمايدۇ، قەسەم قىلسا، قەسەم بولمايدۇ، بۇنىڭ بىلەن تاھارەتمۇ بۇزۇلمايدۇ، ۋەسۋەسە ئەقىدە-ئېتىقاد ئاساسلىرىدىن بولغان بىرەر ئاساسقا ئالاقىدار بولۇپ قالغان بولسا، مۇرتەدلىكمۇ بولمايدۇ. ئەگەر ۋەسۋەسە ئۇ كىشىگە بېسىم بولۇپ، كۆڭلىدىكى داۋالغۇشتىن ئاللاھ تائالانىڭ مەۋجۇتلىقى ياكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىمان كەلتۈرۈش قاتارلىق ئىشلارغا يۈزلىنىپ قالسىمۇ بۇنىڭ ھەممىسىگە ھۆكۈم بېكىتىلمەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن شەيتان ئۆزىنىڭ ۋەسۋەسىسى ۋە بېسىمىدا ئاچچىق يۇتۇپ ئۆلىدۇ. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ كۈڭلىدە پەيدا بولغان ۋەسۋەسىنى ئەگەر ئۇلار بۇنى باشقىلارغا سۆزلىمىسە ۋە ئۇنىڭ تەقەززاسى بويىنچە ئەمەل قىلمىسا، بۇ ئۇلاردىن ئەپۇ قىلىۋېتىدۇ». [بۇخارى رىۋايىتى2391-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى127-ھەدىس].
ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىستىن بولغان مەقسەت: كۆڭلىگە كەلگەن نەرسىنى شۇنىڭغا مۇۋاپىق ھالەتتە سۆزلىمىسە ياكى ئەمەلى ھەركىتى ئارقىلىق ئىجرا قىلمىسا بۇنىڭغا گۇناھ بولمايدۇ دېمەكتۇر. ۋەسۋەسىدىن بولغان مەقسەت: بىر نەرسىنىڭ دىلىغا ئورناشماي، كۆڭلى ئۇنىڭدىن خاتىرجەم بولماي، ئىككىلىنىش ھالىتىدە بولۇپ قىلىشىدىن ئىبارەتتۇر". ["پەتھۇلبارى" 5-توم 161-بەت].
بۇ ھەقتە شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ 10160-نومۇرلۇق سوئالىنىڭ جاۋابىغا تەپسىلى قاراپ چېقىش مۇھىم بولىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭدا: مۇسۇلماننىڭ ئاللاھنىڭ زاتى ئىلاھىغا ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئىمان كەلتۈرۈش ياكى دىنىغا ئالاقىدار ئىشلاردا ۋەسۋەسە سەۋەبىدىن مەلۇم بىر خاتالىققا چۈشۈپ قالسىمۇ ئۇنىڭدا گۇناھ بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا پەتىۋا بايان قىلىنغان.
2-بۇ ۋەسۋەسە ئاللاھ خالىسا ئىمان ۋە ئىشەنچنى بىلدۈرىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن شەيتان مۇشۇ ۋەسۋەسىنى پەيدا قىلىشقا ھېرىسمەن بولىدۇ، ئەگەر شەيتان سىزدە ئىمان ۋە ئىشەنچ، مۇستەھكەملىكىنى كۆرمىگەن بولسا ئېدى، ئەلۋەتتە سىزگە بۇنداق ھىلە-مىكىر ۋە ۋەسۋەسىنى سالمايتتى، بولۇپمۇ سىزنىڭ شەيتان سىزگە ۋەسۋەسە قىلغان سۆزنى ئېغىزىڭىزدىن چىقىرالمىغىنىزمۇ بۇنى ئىپادىلەيدۇ.
بىز بۇ سۆزنى سىزگە سىلىقلاشتۇرۇپ ياكى باشقا تەرەپتىن دىمىدۇق، بەلكى بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان ۋە ئىشەنچىلىك، ھەقتە مۇستەھكەم تۇرىدىغان ئىسلام ئالىملىرىنىڭ چۈشەنچىسىدۇر.
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ يېنىغا شەيتان كېلىپ: بۇنى كىم ياراتتى؟، ئۇنى كىم ياراتتى؟ دەيدۇ ھەتتا ئاخىرىدا: سېنىڭ رەببىڭنى كىم ياراتتى؟ دەيدۇ، سۆز مۇشۇ يەرگە يەتكەندە، دەرھال ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھلىق تېلەپ، بۇ سۆزدىن يانسۇن». [بۇخارى رىۋايىتى 3129-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى134-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتىدە: «ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىمان كەلتۈردۈم دېسۇن» دەپ كەلگەن.
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان يەنە بىر رىۋايەتتە: ساھابىلاردىن بەزىلىرى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۆزلىرىنىڭ كۆڭللىرىدە: بىرسىگە سۆزلەش بەك زور بولىدىغان ئىشلارنىڭ پەيدا بولىدىغانلىقى توغرىسىدا سورىغان ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «شۇنداق ئىشلارمۇ بولدىمۇ!؟» دېدى. ئۇلار: ھەئە دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاشۇ ئىماننىڭ ئوچۇق نامايەندىسىدۇر» دېدى. [مۇسلىم رىۋايىتى 132-ھەدىس].
ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى: "شەيتان ئۆزىنىڭ ئىغۋاسىغا چۈشمىگەن كىشىگە ئۇنىڭ ئازدۇرالمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا تۈرلۈك ۋەسۋەسىلەرنى قىلىدۇ، كاپىرغا بولسا ھەر تەرەپتىن كېلىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن ۋەسۋەسە بىلەن توختاپ قالمايدۇ، بەلكى ئۇنى خالىغىنىچە ئوينىتىدۇ، ھەدىسنىڭ بۇ مەنىسىگە ئاساسەن: ۋەسۋەسىنىڭ سەۋەبى بولسا: ئىماننىڭ ساپ بولغانلىقى ياكى ئىماننىڭ مۇستەھكەم بولغانلىقى ئۈچۈندۇر. بۇ قازى ئىياز رەھىمەھۇللاھنىڭ تاللىغان قارىشىدۇر". ["مۇسلىمنىڭ شەرھىسى" 2-توم 154-بەت].
3-بۇ ۋەسۋەسىنىڭ ئىلاجىنى قىلىشنىڭ يولى بەك ئاسان بولۇپ، سىز پەقەت پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرسەتمىلىرىنى لازىم تۇتىشىڭىز كېرەك. "ئاللاھ تائالاغا سېغىنىپ شەيتاننىڭ شەررىدىن پاناھلىق تىلەيمەن" ۋە" ئاللاھقا ئىشەندىم" دېگەن سۆزنى كۆپ تەكرارلاپ، ۋەسۋەسە بىلەن كېتىپ قىلىشتى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈش كېرەك، بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاللاھنى كۆپ ياد قىلىش، كاتتىلاش ۋە دۇئا قىلىپ تۇرۇش، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللاپ تۇرۇش كېرەك.
ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: « ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھلىق تېلەپ، بۇ سۆزدىن دەرھال يانسۇن» دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسى: ئۇ كىشىگە بۇ ۋەسۋەسە توغرىلانغاندا، ئۇنىڭ يامانلىقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا ئىلتىجا قىلسۇن، بۇ توغرىدا پىكىر قىلمىسۇن، كۆڭلىگە كەچكەن ئىشنىڭ شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسى ئىكەنلىكى، شەيتاننىڭ ئۆزىنى ئىغۋاغا سېلىش ۋە توغرا يولدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن تېرىشىۋاتقانلىقىنى بىلسۇن، بۇنىڭغا قۇلاق سالمىسۇن، باشقا ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇش ئارقىلىق بۇ ۋەسۋەسىنى ئۈزىۋەتسۇن".
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر. "مۇسلىمنىڭ شەرھىسى" 2-توم 155-156-بەتلەر.
سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، دىنى تەشۋىقات پەتىۋا كومىتېتى ئۆلىمالىرىدىن: "مەن دىنى تەلىماتلارغا تولۇق ئەمەل قىلىش باسقۇچىدىكى بىر مۇسۇلمان ياش، مەن شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىلىرىگە بەك ئۇچرايمەن، بىردىن غالىپ كىلەي دەپ تۇرسام يەنە بىر ۋەسۋەسە ئىلىپ كېلىدۇ، مەن بۇرۇنقىغا قارىغاندا دىنى پىرىنسىپقا خىلى ياخشى رىئايە قىلىدىغان بولدۇم، ئاللاھ تائالاغا ھەمدە-سانالار بولسۇنكى، ئەتراپدىكىلەرگە نەزەر سالسام ئۆزۈمنىڭ ئۇلاردىن ئازراق ياخشى ئىكەنلىكىمنى كۆرەتتىم، كىشىلەرنى دىنى پىرىنسىپلارغا مەندەكمۇ رىئايە قىلمايدىكەن دەپ قارايتتىم، ھازىر قارايدىغان بولسام: ئۇلار مەندىن ياخشى ئىكەن، ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىشتا مەندىن ئىلگىرىلەپ كېتىپتۇ، ئۆزۈمگە نەزەر سالسام ئۆزۈمنىڭ چىكىنىپ كەتكەنلىكىمنى، ئىلگىركىدەك دىنى پىرىنسىپلارغا رىئايە قىلمايۋاتقانلىقىمنى كۆردۇم، مەن بارلىق يوللار بىلەن نەپسىمگە شەيتانغا تاقابىل تۇرىمەن، مېنىڭ يۈرەك-باغرىمنى پارچىلاۋاتقان نەرسىنى تۇيىدىغان ياكى شەيتان مېنىڭ كۆڭلۈمگە پەيدا قىلغان باتىل-ۋەسۋەسىلىەرنى سۆزلەپ بېرىدىغانغا بىرسىنى تاپالمايۋاتىمەن، بۇ ۋەسۋەسە مېنى ئولتۇرغاندىمۇ، تۇرغاندىمۇ، ھەرىكەت قىلغاندىمۇ، مەسچىتتىمۇ، ئۆيدىمۇ ۋە مەكتەپتىمۇ بىر مىنۇت تىنچ قويمايدۇ، مۇشۇ شەيتانغا قارشى مېنىڭ يېنىمدا تۇرىدىغان بىرەرسى بارمىدۇ؟، ئاللاھ تائالا ماڭا ياردەم بېرىش ئۈچۈن بىرەرسىنى مۇسەخەر قىلىپ بىرەرمۇ؟ دەپ سورىغاندا، ئۇلار مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: "سىزگە ۋەسۋەسىنى تەرك قىلىش، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈش، قۇرئان تىلاۋېتىنى ۋە ياخشى ئەمەللەرنى كۆپ قىلىشنى، ئاللاھ تائالاغا ئىلتىجا قىلىشنى، يالۋۇرۇشنى، شەيتاننىڭ ھىلىسىدىن مۇداپىئە قىلىشنى، سىزنى ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم قىلىشىنى، توغرا يولدا مېڭىشنى سوراپ ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىشقا تەۋسىيە قىلىمىز. ئىنسانلار ۋە جىنلاردىن بولغان قۇللارنىڭ (بەندىلەرنىڭ) كوكۇلىسى ئاللاھ تائالانىڭ قولىدىدۇر، ئۇنى ئاللاھ ئۆزى خالىغانچە بىر تەرەپ قىلىدۇ، سىز قىلغان ئەمەل-ئىبادەتلىرىڭىزدىن ئەجەپلىنىپ كېتىشتىن، ياخشى ئەمەللىرىڭىزنىڭ كۆپ بولىشى ۋە ئەخلاقىڭىزنىڭ گۈزەللىكى بىلەن مەغرۇرلىنىپ قىلىشتىن ساقلىنىڭ، ئىبادەت ۋە ئاخىرەت ئىشلىرىدا ئۆزىڭىزدىن تۆۋەن بولغان كىشىلەرگە قارىماڭ، ئىنساننىڭ ئۆزىدىن مەغرۇرلىنىشى، ياخشى ئەمەللەرنى ئاز قىلىشى، ياخشىلىقتىن كەينىگە چېكىنىشىگە سەۋەپ بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن شەيتان مۇسۇلماننى ئوينىتىدۇ، ئۇنىڭ ياخشىلىققا بولغان ھىممىتىنى سۇسلاشتۇرىدۇ، ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە چىڭ ئېسىلىشتا ئۆزىڭىزدىن يۇقىرى بولغان كىشىلەرگە نەزەر سىلىپ ئۇنىڭغا ئېسىلىڭ، ئۇنىڭغا ھېرىسمەن بولۇڭ، بۇ سىزنى ياخشى ئەمەللەرنى زىيادە قىلىشقا، ئاللاھنىڭ مەغپىرىتى ۋە رەھمىتىگە ئالدىراشقا، ئالى مەرتىۋېلەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن دەس تۇرۇشقا ۋە دائىملىق نېمەتكە ئېرىشىشكە تۈرتكە بولىدۇ. ئاللاھ تائالا سىزنى ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم قىلسۇن، توغرا يولغا باشلىسۇن. قەلبىڭىزدىن ۋەسۋەسىلەرنى يوق قىلىۋەتسۇن. ئامىن.
سىزگە يەنە: ئەبۇلپەرەج ئىبنى جەۋزى رەھىمەھۇللارنىڭ "تەلبىيس ئىبلىيس" ناملىق كىتابىنى ئوقۇشنى تەۋسىيە قىلىمىز، ئۇ كىتاب، بۇ تېمىدا سىزگە ياردەم بېرىدۇ، ئۇ كىتاپنى ئۇقوش بىلەن ئاللاھنىڭ سىزگە مەنپەئەت بېرىشىنى ئۈمىت قىلىمىز". شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئىبنى باز، شەيخ ئابدۇراززاق ئەپىيپى، شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان، شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى قەئۇد قاتارلىقلار. ["دائىمى كومىتېتى پەتىۋاسى" 2-توم 194-بەت].
مۇشۇ مەسىلە توغرىسىدىكى مۇبھەم بولغان بەزى تەپسىلاتلارنى بىلىش ئۈچۈن: 39684-، 62839-، 25778- ۋە 12315- نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.
سوئال سورىغۇچى قىرىندىشىم! بىئارام بولماڭ، خوشاللىق ۋە خۇرسەنلىكلەر كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، سىز پەقەت پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرسەتمىلىرى بويۇنچە مېڭىپ ئۆلىمالارنىڭ نەسىھىتىنى چىڭ تۇتۇڭ. ئاللاھ تائالاغا يالۋۇرۇپ سىزدىن شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىنى كەتكۈزىۋېتىشىنى، قەيەردە بولسا سىزگە ياخشىلىقنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىشىنى سورايمەن.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.