پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

تېلېۋىزيە، كىنو ۋە ۋېدىئو ئۈچۈن سۈرەتكە تارتىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

   مېنىڭ سۈرەت توغرىلىق بىر قانچە سوئاللىرىم بار، ھەرىكەتلىك قىسقا پىلىم ۋە كومپىيۇتور ئېكرانىدا كۆرۈلىدىغان سۈرەتلەر توغرىمۇ؟، بۇ ھەقتە دەلىل-پاكىتلار بىلەن چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىزمۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، ساھابىلىرى ۋە قىيامەتكىچە توغرا يولغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    سۈرەتنىڭ بىر تۈرىگە ھۆكۈم بېرىشتىن ئىلگىرى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان سۈرەتلەرنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ۋە ئۇنى سۈرەتكە ئېلىشنىڭ يوللىرىنى بىلىش كېرەك بولىدۇ.

"سۈرەتلەرنىڭ ھۆكمى" ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى مۇنداق دەيدۇ:

    1-كىنو-پىلىم سۈرەتلىرى ياكى لېنىتىغا ئېلىنغان كىنو سۈرەتلىرى: بۇ ھەرىكەتلىك سۈرەتنى ئاۋازلىق ھالەتتە بەلگىلەنگەن مەلۇم مۇددەتتە، شۇ مۇددەتتە يۈزبەرگەن ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسىنى نەقىل قىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، لېنىتىغا ئېلىنغان بۇ سۈرەتلەر ئېكراندا كۆرۈلىدۇ، بۇ ئاشۇ نەرسىلەرنىڭ كۆرۈنىشى بولۇپ، لېنىتىغا ئېلىنغاندىن كېيىن بۇنىڭ ھەقىقىتى بولمايدۇ.

"ئىسلام پىرىنسىپى ۋە ئىلىم-پەن" ناملىق ئەسەردە، كىنونى سايە، خام-خىيال، قارانچۇق دەپ ئاتىغان، چۈنكى ئېكراندا كۆرۈلىدىغىنى ھەقىقىتى بولمىغان خىيال، سايىدىن ئىبارەتتۇر.

   2-تېلېۋىزيە سۈرەتلىرى: بۇ توك كۈچى بىلەن بىرلا ۋاقىتتا سۈرەت ۋە ئاۋازنى يۆتكەشتىن ئىبارەتتۇر، بۇ قاچىلاش تاختىسىغا سۈرەتكە ئېلىشنى مەقسەت قىلغان جىسىمدىن ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن يورۇقلۇقنىڭ تەسىرىدىن بولغان نەتىجىدۇر، بۇ تاختا غايەت زور مىقداردىكى يورۇقلۇق ئۈچۈن سېزىمچانلىقى كۈچلۈك بولغان ئىنچىكە ماددىلار بىلەن ئورالغان بولۇپ، بۇ كۈمۈش ئوكسىدى، سىيزيۇم قاتارلىق ماددىلاردىن ياسالغان بولۇپ، بۇ ماددىلارنىڭ بەزىسى بەزىسىدىن ئۈزۈلۈپ تارقاق ئاپاراتلاشتۇرۇلغان.

    سۈرەتلەرنىڭ بۇ تۈرى ئاپاراتلارنىڭ ۋاستىسى بىلەن بولىدۇ، بۇ لېنىتىغا ئېلىنغان كىنو سۈرەتلىرىگە تامامەن ئوخشاپ كەتسىمۇ لېكىن تېلېۋىزيە سۈرىتى سۈرەتنى ئىلىكتىرۇنلۇق ئىشارەتكە يۆتكەپ، ئاندىن ماگىنىتلىق ئاپپارات دولقۇنىغا يۆتكەپ بېرىدۇ، بۇ سۈرەتلەرنى تېلېۋىزيە ئورگانلىرىنىڭ ھاۋادىن قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن ھاۋا بوشلۇقى ئارقىلىق ئەۋەتىدۇ ياكى ماگىنىت يالىتىلغان ھاۋا دولقۇنلىرىنى ساقلاشقا خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولغان، ماگىنىتلىق ماددىلارنىڭ ئۆزگىرىش شەكلى بويىچە ئەۋەتىلگەن دولقۇنلارنى ساقلايدىغان ماگىنىت يالىتىلغان پلاستىك لىنتىگە ئەۋەتىدۇ.

    يۇقىرىدا سۆزلەنگەن لېنىتىغا قاچىلانغان نەرسىلەر ھاۋا دولقۇنلىرى قاچىلانغاندىن كېيىن مۇستەھكەم تەكشۈرۈش ئورنىدىن ئۆتىدۇ ۋە يەنە بىر قېتىم ئېلېكترونغا ئۆزگىرىدۇ ئاندىن ئۇنىڭ سۈرەت شەكىلدە كۆرۈنىشى ئۈچۈن ئۇنى كۆرسەتكۈچى ئاپارات شەكىلدە ئېكرانغا ئەۋەتىدۇ، لېكىن بۇ مۇرەككەپ ھەرىكەتلەردىن كېيىن بولىدۇ.

    تېلېۋىزيە ئاپاراتى ئېلىكترونلۇق دولقۇنلارنى قوبۇل قىلىدۇ، توپلايدۇ، ئاندىن ئۇنى مۇكەممەل كۆرۈنۈشكە ئىگە بولغان سۈرەت شەكىلدە سىستېمىلىق چىقىرىدۇ. بۇ يەردە مۇشۇ سۈرەتنىڭ بىر قىسمى دەپ ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان يەنە بىر تۈر بولۇپ، بۇ سانائەت تەرەققى قىلغان بەزى دۆلەتلەردىكى سۆزلىگۈچىنىڭ ئاۋازى ۋە سۈرىتىنى بىرگە يەتكۈزىدىغان، ئىككى تەرەپتىكى ھەر بىر كىشى ئۆزىنىڭ ئاپاراتىدا قارشى تەرەپنى كۆرۈپ تۇرىدىغان تىلىپۇن ئاپپاراتىغا ئوخشايدۇ.

    يەنە ئۆينىڭ ئېشىكلىرىگە قوراشتۇرۇلغان ئاپاراتلارغا ئوخشاش بولۇپ، بۇ ئاپاراتلار سىرتتىن كەلگەن كىشىلەرنىڭ ئاۋازى ۋە سۈرىتىنى ئۆينىڭ ئېچىدىكى ئاپاراتقا يەتكۈزىدۇ، بۇنى ئۆينىڭ ئىچىدە تۇرغانلار ئوچۇق كۆرىدۇ، بۇ بانكىلار، مەركىزى تىجارەت ئورۇنلىرى ۋە باشقا ئورۇنلاردا باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىنى ئوغىرلىۋالىدىغان جىنايەت گۇماندارلىرىنى كۈزىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئاپاراتلارغا ئوخشاپ كېتىدۇ.

    بۇ تۈرلۈك مەقسەتلەر ئۈچۈن ئىشلىتىلىنىدىغان ئاپاراتلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ، كۈزىتىش ئاپپاراتى كۆزىتىشنى مەقسەت قىلغان ھەممە ئورۇننى كونترول قىلىدۇ، بۇ ئاپپارات چۈشكەن سۈرەتلەرنى تېلېۋىزورغا ئوخشاش ئاپپاراتنىڭ ئېكرانىغا يۆتكەپ بېرىدۇ، ئۇنىڭدا سۈرەت روشەن ئىپادىلىنىدۇ، ھازىرقى كۈنلەردە يېڭى-يېڭى نەرسىلەر مەيدانغا كەلمەكتە، كەلگۈسىدە يەنە قانداق نەرسىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز، بۇ مەلۇم بىر نەرىسنى بىلدۈرسىمۇ، بۇ كەلگۈسىدە نۇرغۇن ئورۇنلاردا ھەرىكەتلىك ۋە ھەرىكەتسىز يۇقىرى تېخنىكىدىكى سۈرەتلەرنى كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بولۇپمۇ سانائەت، ھەربى تېخنىكا، بىخەتەرلىك، تەلىم-تەربىيە، تىببى ئورۇنلار، ئىجتىمائىي ئورۇنلار ۋە باشقا جايلاردا بۇنى كۆپ ئىشلىتىدۇ. [ئەھمەد ئىبنى ئەلى ۋاسىلنىڭ"سۈرەتنىڭ ھۆكۈملىرى" ناملىق ئەسىرى 65-67-بەت].

   شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ھازىرقى زاماندىكى سۈرەتلەر ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:

    بىرىنچى: ھېچ قانداق تاشقى كۆرۈنۇش، قىياپىتى، مەنزىرىسى بولمايدىغان، ماڭا سۆزلەنگەن ۋېدىيۇ لىنتىسىدىكى سۈرەتلەردەك بولسا بۇنىڭغا مۇتلەق ھۆكۈم بېرىلمەيدۇ، مۇتلەق چەكلەنگەن ھارامنىڭ قاتارىغىمۇ كىرمەيدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ تۈردىكى ئاپپارات بىلەن سۈرەت تارتىشنى چەكلىگەن ئۆلىمالار بۇنىڭغا رۇخسەت قىلىپ بولىدۇ دېگەن، ھەتتا مەسچىتتە سۆزلەنگەن دەۋەت نۇتۇقلىرىنىمۇ سۈرەتكە ئالماسلىقنى تەشەببۇس قىلغان، چۈنكى بۇنداق قىلىش مەسچىتتە ناماز ئوقۇۋاتقانلارنىڭ دىققىتىنى چاچىدۇ ياكى قىياپەت، كۆرۈنۈش سۈرەت قىلىشقا لايىق بولمايدۇ دەپ قارىغان.

   ئىككىنچى: رەسىم قەغىزىدىكى ئۆزگەرمەس سۈرەت: بۇنىڭغا قاراپ چېقىش كېرەك، ئىنسان چەكلەنمىگەن شەكىلدە رەسىم تارتماقچى بولسا، بۇنىڭغا شۇ ئىنساننىڭ رەسىم تارتىشتىكى مەقسىتى بويىچە بەش تۈرلۈك ھۆكۈمنىڭ بىرسى ئىجرا قېلىنىدۇ، رەسىم تارتىش چەكلەنگەن نەرسىنى مەقسەت قىلىپ تارتىدىكەن ھارام بولىدۇ، زۆرۈر بولغان نەرسىنى مەقسەت قىلىپ تارتىدىكەن ۋاجىپ بولىدۇ، بەزى ۋاقىتتا خاس بولغان ھەرىكەتلىك سۈرەتلەرنى تارتىش زۆرۈر بولىدۇ، مەسىلەن: بىر ئادەم قەستەن ئادەم ئۆلتۈرمەكچى ياكى ئۆلتۈردى، بۇنىڭ جىنايىتىنى نەخ مەيدان سۈرىتى ئارقىلىق ئىسپاتلىمىسا ئىسپاتلىغىلى بولمايدىغان ۋاقىتتا سۈرەتكە ئېلىۋىلىش ۋاجىپ بولىدۇ، شۇنىڭغا ئوخشاش سۈرەت بىلەن ئىسپاتلىمىسا ئىسپاتلىغىلى بولمايدىغان ئىشلاردا سۈرەت قالدۇرۇش زۆرۈر بولىدۇ. بولۇپمۇ مەسىلىلەرنى تولۇق بېكىتىشتە سۈرەتكە تايىنىش مۇھىم بولىدۇ، چۈنكى مەسىلىلەرگە مەقسەتكە قاراپ ھۆكۈم بېرىلىدۇ، بىز مۇشۇ سۈرەتنى بىر كىشىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن جىنايەت بىلەن تۆھمەت قىلىنىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن قىلغان دەپ قارىساق، بۇنىڭدا گۇناھ بولمايدۇ بەلكى شۇنداق قىلىش تەلەپ قېلىنىدۇ، ئەمما سۈرەتلەرنى ھۇزۇرلىنىش ۋە كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن تارتساق ئۇ ۋاقىتتا مۇتلەق چەكلىنىدۇ. ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر". "شەرھىل مۇمتىئ"2-توم 197-199-بەت.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد