پەيشەنبە 23 شەۋۋال 1445 - 2 ماي 2024
Uygur

مېيىتنى دەپنە قىلىش ۋە ئۇنىڭ ئەھلىگە تەزىيە بېرىش توغرىسىدا

سۇئال

   ئاتام يېقىندا ھەج جەريانىدا ۋاپات بولدى، بىزنىڭ ئادىتىمىز بويۇنچە كىشىلەر تەزىيە بىلدۈرۈش ئۈچۈن كەلدى، ئۇلار ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ مېيىتنىڭ ھەققىدە پاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇپ دۇئا قىلىدۇ، مەن بۇنداق قىلىشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى بىلىمەن، مەن بۇ ئىشتىن يىراق بولۇش ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىق قىلدىم، مېنىڭ سوئاللىرىم:

 - تەزىيە بىلدۈرگەندە نېمە قىلىش ۋە نېمە ئىشلاردىن يىراق بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ؟.

  -مېيىتنى كۆتۈرگەندە نېمە دېيىش كېرەك بولىدۇ؟.

  -مېيىتنى قەبرىگە قويغاندا نېمە دېيىش كېرەك بولىدۇ؟.

 - مېيىتنىڭ ئىسمى بىلەن قەبرىگە بەلگە-ئالامەت قويۇش مۇمكىن بولامدۇ؟.

 - مېيىتنى دەپنە قىلىپ بولغاندىن كېيىن قايسى دۇئا ئوقۇلىدۇ؟.

 - ۋاپات بولغان كىشىنىڭ قەبرىسىگە سۇ قۇيۇپ قويۇش توغرىمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: جىنازىنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا ئەگىشىش ۋاجىپ بولىدۇ، بۇ مۇسۇلمان مېيىتنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئۈستىدىكى ھەققى ھېسابلىنىدۇ، بۇنداق قىلغان كىشى كاتتا ئەجىرگە ئېرىشىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «مېيىتنىڭ جىنازىسىغا ئۆيىدىن ھازىر بولغان -يەنە بىر رىۋايەتتە-مۇسۇلماننىڭ جىنازىسىگە ئاللاھقا ئىشىنىپ، ساۋاپ ئۈمىت قىلىپ ناماز ئادا قىلىپ بولغىچە تۇرسا ئۇ كىشىگە بىر قىيرات ساۋاپ بولىدۇ، دەپنە قىلىپ بولغۇچە بىرگە تۇرسا ئۇ كىشىگە ئىككى قىيرات ساۋاپ بولىدۇ، دېگەندە، ساھابىلاردىن بىرى: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئىككى قىيرات دېگەن قانچىلىك بولىدۇ؟ دېيىلگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئىككى چوڭ تاغقا ئوخشاش دېدى». [بۇخارى رىۋايىتى. جىنازە ھۆكۈملىرى/1240].

   شەرىئەتكە توغرا كەلمەيدىغان ئىشلار بىلەن جىنازىغا ئەگىشىش توغرا بولمايدۇ، ئۇنىڭ جۈملىسىدىن: يۇقىرى ئاۋازدا يىغلاش، ئىسرىق سىلپ ئىسرىقدان كۆتۈرۈپ مېڭىش، جىنازىنىڭ ئالدىدا يۇقىرى ئاۋازدا زىكىر قىلىپ مېڭىش، چۈنكى ئۇ بىدئەت ئىشلاردىن. بۇ توغرىدا قەيس ئىبنى ئۇبباد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى جىنازا ئەتراپىدا ئاۋاز كۆتۈرۈشنى ياقتۇرمايتتى»، چۈنكى ئۇنىڭدا خىرىستىئانلارغا ئوخشاپ قىلىش بولىدۇ.

   ئىككىنچى: مېيىتنى دەپنە قىلىش:

   مۇسۇلمان كاپىر بىلەن بىرگە ۋە كاپىرمۇ مۇسۇلمان بىلەن بىرگە يەنى بىر قەبرىستانلىققا دەپنە قىلىنمايدۇ، مۇسۇلمان مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنىدۇ.

    سۇننەت بويۇنچە مېيىت يەرلىككە قەبرىنىڭ ئارقا تەرىپىدىن كىرگۈزىلىدۇ، يەرلىكتە يۈزىنى قىبلىگە قىلىپ، ئوڭ تەرىپىگە يېنىچە قويۇلىدۇ، مېيىتنى يەرلىككە قويغان كىشى: "ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى ياكى مىللىتىدە" دەپ قويىدۇ. [تىرمىزى رىۋايىتى. جىنازا ھۆكۈملىرى/967. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا 836-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].

   ئىچ يەرلىكنى ياكى مېيىتنىڭ ئۈستىنى يېپىپ بولغاندىن كېيىن قەبىرنىڭ يېنىدا تۇرغان كىشىلەرنىڭ ئىككى قولى بىلەن ئۈچ ئۇۋۇچتىن توپا تاشلىشى مۇستەھەب بولىدۇ.

   مېيىتنى دەپنە قىلىپ بولغاندىن كېيىن تۆۋەندىكى ئىشلار سۈننەت بولىدۇ:

   قەبىر زېمىندىن بىر غېرىچ ياكى تۆگىنىڭ لوكىسىچىلىك مىقداردا كۆتۈرۈلىدۇ، قەبىرنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلاش ۋە دەسسىلىپ ئاھانەت بولماسلىقى ئۈچۈن زېمىن بىلەن باراۋەر تەپ-تۈز بولمايدۇ، بەلگە-ئالامەت قىلىپ ۋە شۇنداقلا ئۇ مېيىتنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ۋاپات بولسا شۇ ئورۇنغا دەپنە قىلىش ئۈچۈن قەبىر ئۈستىگە تاش ياكى تاختاي بىلەن بەلگە قىلىپ قويسا بولىدۇ، قەبىر توپىلىرىنىڭ شامالدا ئۇچۇپ توزۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئۈستىگە سۈ چېچىپ تۇرسا بولىدۇ، مېيىتكە بەزى ئىنسانلارنىڭ قارىشىدا تونۇشلۇق بولغان سۆزلەر بىلەن تەلقىن قىلىنمايدۇ، بەلكى قەبرى يېنىدا تۇرۇپ تەۋھىد كەلىمىسىدە تەۋرەنمەي تۇرۇش توغرىسىدا دۇئا قىلىدۇ. ئاللاھدىن مەغپىرەت-رەھمەت تەلەپ قىلىدۇ، ئەتراپتىكىلەرنىمۇ شۇنداق قىلىشقا بۇيرىىدۇ. بۇ توغرىدا ئوسمان ئىبنى ئەپپان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مېيىتنى دەپنە قىلىپ بولغاندىن كېيىن قەبرىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ: «قىرىندىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھدىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىڭلار، ئۇنىڭ ئۈچۈن تەۋھىد كەلىمىسىدە تەۋرەنمەي تۇرۇشنى سوراڭلار، ئۇ ھازىر سوئال قىلىنىۋاتىدۇ» دېگەنلىكى بايان قىلىنغان. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى. جىنازە ھۆكۈملىرى/2804. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دەپ ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا 2758-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].

   قەبرىنىڭ يېنىدا قۇرئان ئايەتلىرى ئوقۇلمايدۇ، چۈنكى ئۇنداق قىلىش بىدئەت، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ياكى ساھابىلار ئۇنداق قىلمىغان، قەبىر ئۈستىگە گۈمبەر قاتۇرۇش، گەج بىلەن قاتۇرۇش، ئۈستىگە خەت يېزىش قاتارلىق ئىشلار چەكلىنىدۇ. بۇ توغرىدا جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قەبىرنى گەج بىلەن قاتۇرۇش، ئۈستىدە ئولتۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا گۈمبەز قاتۇرۇشتىن چەكلىگەنلىكى بايان قىلىنغان». [مۇسلىم رىۋايىتى جىنازە ھۆكۈملىرى/1610].

    ئەبۇ داۋۇدنىڭ رىۋايىتىدە: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قەبرىنى گەج بىلەن قاتۇرۇش، ئۈستىگە خەت يېزىش ۋە قەبرىگە دەسسەپ مېڭىشتىن چەكلىگەن». [جىنازە ھۆكۈملىرى/3226. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا 2763-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].

    ئۈچىنچى: مېيىتنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە تەزىيە بىلدۈرۈش يولغا قويۇلغان، تەزىيە دېگەن ئۇلارغا تەسەللى بېرىدىغان، غەم-قايغۇ، خاپىلىقلىرىنى يوق قىلىدىغان ۋە سەۋرچان بولۇشقا ئۈندەيدىغان سۆزلەرنى قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. ئۇلارنىڭ يېنىغا بارغان بولسا ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان سۆزلەر بىلەن تەسەللى بېرىش كېرەك. ئۇنى بىلەلمىسە، شەرىئەتكە زىت كەلمەيدىغان، تەسەللىدىن بولغان مەقسەت ھاسىل بولىدىغان چېرايلىق، گۈزەل سۆزلەرنى قىلسا بولىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن ئالغان نەرسىمۇ ئاللاھ ئۈچۈندۇر ۋە بەرگەن نەرسىمۇ ئاللاھ ئۈچۈندۇر. ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا بەلگىلەنگەن مۇددەتكىچە بولىدۇ. سەۋېر قىلىڭ ۋە ئاللاھدىن ساۋاپ ئۈمىت قىلىڭ». [بۇخارى رىۋايىتى. جىنازە ھۆكۈملىرى/1204].

   ئىككى تۈرلۈك ئىشتىن ساقلىنىش كېرەك بولىدۇ:

  -مېيىتقا ئەگىشىپ دەپنە ئىشلىرىغا قاتناشقان بولسىمۇ كېيىن يەنە تەزىيە دەپ ئايرىم توپلىنىش.

   -تەزىيە ئۈچۈن كەلگەنلەرنى مېھمان قىلىش ئۈچۈن مېيىت ئىگىلىرىگە يېمەك تەييارلاتقۇزۇش.

   ھەقىقەتەن سۈننەت بويۇنچە: مېيىتنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ئۇنىڭ خوشنىلىرى، ئەتراپتىكى تۇغقانلىرى، مەھەللىسىدىكىلەر ئۇلارغا كۇپايە قىلغۇدەك مىقداردا يېمەك تەييار قىلىپ ئەكىلىپ بېرىشى كېرەك.

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

   بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن: شەيخ ئەلبانىينىڭ: "جىنازە ھۆكۈملىرى"، شەيخ سالىھ پوۋزاننىڭ: "مۇلەخخەس پىقھى" ناملىق ئەسىرى 213-216-بەتكە قارالسۇن.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد