چارشەنبە 22 شەۋۋال 1445 - 1 ماي 2024
Uygur

قەبرە كولاش ۋە ئېچ يەرلىك ئېلىشنىڭ سۈپىتى توغرىسىدا

سۇئال

  قەبرىنى كولاپ مېيىتنى دەپنە قىلىپ ئۇنىڭ ئۈستىگە توپا تاشلاش توغرا بولامدۇ؟، مۇشۇنداق قىلىشقا بولغان جىددىيلىكنى نەزەرگە ئالغاندا مېيىت دەپنە قىلىشنىڭ توغرا يولى قايسى؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   بىرىنچى: قەبىر كولاشنىڭ سۈپىتى: قەبىرنىڭ ئوتتۇرىدىن مېيىتقا مۇناسىپ ئورەك كولىنىدۇ، قەبىر مېيىتنىڭ ئۈستىگە يېقىلىپ چۈشمەسلىك ئۈچۈن ئىككى تەرىپىگە خام كېسەك قۇيىلىدۇ، مېيىتنىڭ يۈزىنى قىبلىگە قىلىپ ئۇنىڭغا ئوڭ تەرىپىدىن قۇيىلىدۇ، ئاندىن بۇ قەبىرنىڭ ئۈستى تاش ياكى باشقا نەرسىلەر بىلەن مېيىتقا تەگمەيدىغان ھالەتتە يېپىلىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭ ئۈستىگە توپا تاشلىنىدۇ.

    ئىچ يەرلىك ئېلىشنىڭ سۈپىتى: قەبىرنىڭ تېمىنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى قىبلىگە يېقىن بولغان ئورۇندىن يانغا كولايدۇ، ئۇ يەردە مېيىت ئوڭ تەرىپى بىلەن قىبلىگە يۈزلەندۈرۈپ قۇيىلىدۇ، مېيىتنىڭ كەينى تەرىپىدىن  كولىغان جاينىڭ ئېغىزىنى خام كېسەك بىلەن توسىۋېتىپ ئاندىن توپا تاشلايدۇ. [دوكتۇر ئابدۇللاھ سۇھەيبانىينىڭ" ئىسلام شەرىئىتىدىكى قەبىر ئەھكاملىرى"ناملىق ئەسىرى 30-بەتكە قارالسۇن].

    ئالىملارنىڭ بىرلىكى بىلەن شەرىئەتتە قەبرە كولاش ۋە ئېچ يەرلىك ئېلىش ھەر ئىككىسى دۇرۇس بولسىمۇ ئېچ يەرلىك ئېلىش ئەۋزەل بولىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قەبىرسىگىمۇ ئېچ يەرلىك ئېلىنغان، سەئىد بىن ئەبى ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە: «مېنىڭ قەبرەمنى كولىساڭلار ئېچ يەرلىك ئېلىڭلار، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يەرلىكىگە تىكلەنگەندەك مېنىڭ يەرلىكىمگىمۇ كېسەكنى تىكلەپ قويۇڭلار» دېگەن. [مۇسلىم رىۋايىتى 966-ھەدىس].

    ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ "ئەلمۇغنى" 2-توم 252-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قەبرىسىگە ئېچ يەرلىك ئېلىنغاندەك مېيىتنىڭ قەبرىسىگە ئېچ يەرلىك ئېلىش سۈننەتتۇر".

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ "ئەلمەجمۇ" 5-توم 252-بەتتە مۇنداق دەيدۇ:" ئالىملار مېيىتنى ئېچ يەرلىك ئېلىپ دەپنە قىلىشنى ۋە قەبرىنى كولاپ دەپنە قىلىشنىمۇ  دۇرۇس دېگەندە بىرلىككە كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن زېمىن قاتتىق بولۇپ توپا ئەتراپقا سېرىلىپ كەتمەيدىغان بولسا بۇ ۋاقىتتا ئېچ يەرلىك ئېلىش ئەۋزەل بولىدۇ، زېمىن يۇمشاق بولۇپ توپا ئەتراپقا سېرىلىپ كېتىدىغان بولسا ئۇ ۋاقىتتا قەبىرنى كولاپ دەپنە قىلىش ئەۋزەل بولىدۇ".

     ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ "شەرھىل مۇمتى" 5-توم 360-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ئەگەر زېمىن يۇمشاق بولسا ئۇ ۋاقىتتا قەبرىنى كولاپ دەپنە قىلىش كېرەك بولىدۇ، چۈنكى يۇمشاق زېمىندا ئېچ يەرلىك كولىغىلى بولمايدۇ، ئەگەر ئېچ يەرلىك كولىسا توپا سېرىلىپ قەبىر كۆمۈلۈپ قالىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆرەكنى كولاپ توپا سېرىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئىككى تەرىپىگە كېسەك قويۇپ ئاندىن ئۇ يەرگە مېيىت قۇيىلىدۇ".

    شۇنىڭغا ئاساسەن: قەبرە كولانغان بولسۇن ياكى ئېچ يەرلىك ئېلىنغان بولسۇن  مېيىتنىڭ يۈزىگە ياكى بەدىنىگە بىۋاستە توپا تاشلانمايدۇ، چۈنكى ئېچ يەرلىكتە مېيىت قەبىرنىڭ يان تەرىپىدىن كولىغان ئورەكنىڭ ئىچىدە بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە توپا تاشلانمايدۇ، قەبىرنى بىۋاستە كولىغاندا مېيىت قويالغاندىن كېيىن مېيىتنىڭ ئۈستى تاش ياكى باشقا نەرسە بىلەن يېپىلىپ ئۇنىڭدىن كېيىن ياپقان نەرسىنىڭ ئۈستىگە توپا تاشلايدۇ، بىۋاستىلا مېيىتنىڭ ئۈستىگە توپا تاشلىمايدۇ.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى