يەكشەنبە 21 جىمادۇسسانى 1446 - 22 دىكابىر 2024
Uygur

بالاغەتكە يەتكەنلەرگە خاس بولغان بەزى ھۆكۈملەر توغرىسىدا

سۇئال

مېنىڭ ئون بەش ياشقا كىرگەن قېرىندىشىم بار، مەن ئۇنىڭغا مۇشۇ ياشتىكى ياشلارغا ئالاقىدار بولغان بالىغ بولۇش، تاھارەت، ئېھتىلام بولۇش قاتارلىق ئەرلەرگە ۋە مۇشۇ ياشقا ئالاقىدار بولغان شەرئى ھۆكۈملەرنى چۈشىنىدىغان بىر مەكتۇپ يازماقچى، مەن قىرىندىشىمنىڭ شەرئى ھۆكۈملەرنى چۈشەنمەي، تاھارەتسىز ناماز ئادا قىلىشىدىن ئەنسىرەيمەن، شۇنىڭدەك ئۇنىڭغا بەزى نەسىھەتلەرنىمۇ يازماقچى، سىلەردىن ياخشى تېلەكلەرنى تىلەيمەن، ئاللاھ تائالادىن ئۇنى پايدىلىق دوستقا ئۇچراشتۇرۇشنى سورايمەن، ئاللاھ تائالا سىلەرگە ياخشى مۇكاپات ئاتا قىلسۇن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ياخشىلىقتا ئۇلارغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمىتى، سالامى ۋە بەرىكىتى بولسۇن.

ئاللاھ تائالادىن قىرىندىشىڭىزنى ۋە بارلىق مۇسۇلمان ياشلىرىنى  توغرا يولغا ھىدايەت قىلىشنى، ياخشىلىققا ئىلھام قىلىشنى دىللىرنى ئېچىۋېتىشنى ۋە بارلىق ئىشلىرىنى ئاسان قىلىپ بېرىشنى سورايمىز.

بالاغەت باسقۇچى ئىنسان ھاياتىدا بېسىپ ئۆتىدىغان ئەڭ خەتەرلىك باسقۇچتىن ئىبارەتتۇر، چۈنكى بۇ باسقۇچتا ئىنساننىڭ جىسمانى، ئەقلى، جىنسى ۋە ھىسسى تۇيغۇلىرىدا زور ئۆزگىرىش بولىدۇ، بۇ دەۋرىدە شەيتان ئۇنى تۈرلۈك شەكىلدە ئازدۇرۇشقا تىرىشچانلىق قىلىدۇ.

بىز تەتقىقاتچىلارنىڭ مۇشۇ باسقۇچتىكى ياشلارنىڭ تەربىيىسىگە ئالاقىدار ماقالىلىرىنى كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن بۇ ياشتىكى ئەۋلادلارغا مۇنداق نەسىھەت قىلىشنى لايىق كۆردۇق:

-بۇ يىگىتنى سالىھلارنىڭ سۆھبىتىگە ئۇلاشتۇرۇش كېرەك، سالىھلارغا ھەم-سۆھبەت بولۇش ياخشى نەتىجىلەرنى بېرىدۇ، چۈنكى ئىنسانغا ھەم-سۆھبەتلىرىگە كۆرە باھا بېرىلىدۇ. بۇ توغرىدا شائىر مۇنداق دەيدۇ: ئىنساننىڭ قانداقلىقى ئۆزىدىن ئەمەس بەلكى ھەم-سۆھبەتلىرىدىن سورىلىدۇ، ھەر قانداق دوست ئۆزىنىڭ دوستىغا ئەگىشىپ كېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن دوست تۇتقاندا، ئەخلاقلىق، دۇرۇس، دىندار، ئەتراپتىكىلەرگە يول كۆرسىتىدىغان، ئۇلار بىلەن بىرگە ئاللاھقا ئىبادەت قىلىدىغان جامائەت نامىزىغا ھازىر بولىدىغان، مەنپەئەتلىك ئىلىملەرنى تەلەپ قىلىدىغان  دوستنى تاللىشى كېرەك. ئاللاھ تائالادىن قىرىندىشىڭىزنى ياخشىلىققا يېتەكلەيدىغان، قىزىقتۇرىدىغان سەمىمى ساپ دوستقا مۇۋەپپەق قىلىشىنى سورايمىز.

-ئۇنىڭ ۋاقتىنى ئاساسەن دىن ۋە دۇنيالىق مەنپەئەتلىك ئىشلار بىلەن مەشغۇل قىلىش كېرەك، بوش ۋاقىت قويماسلىق لازىم، چۈنكى بىكارچىلىق بۇ باسقۇچتىكى ئەڭ چوڭ بۇزۇقچىلىقتىن ئىبارەتتۇر، ئۇنى ئەتراپتىكى تىنچ، جانلىق ھەرىكەت قىلىدىغان ئىجتىمائىي سورۇنلارغا قاتناشتۇرۇش كېرەك، بۇنىڭدىن نۇرغۇن پايدىلارنى ھاسىل قىلىدۇ.

-ئىمكانىيەت بولسا تىزدىن تويىنى قىلىپ قويۇش كېرەك. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئى ياشلار جامائىتى! سىلەردىن توي قىلىشقا قادىر بولغانلار توي قىلسۇن، ھەقىقەتەن توي قىلىش ئىنساننىڭ كۆزىنى ۋە ئەۋرىتىنى ھارامدىن ساقلايدۇ، توي قىلىشقا قادىر بولالمىغانلار روزا تۇتسۇن، ھەقىقەتەن روزا ئۇنىڭ ئۈچۈن قالقان بولىدۇ» بۇخارى رىۋايىتى5066  -ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى3464-ھەدىس].

-ئاللاھ تائالادىن ياخشىلىق، تەۋپىق ۋە توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلىشنى تىلەپ كۆپ دۇئا قىلىش كېرەك.

-ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا، يامان ئىشلاردىن، شەكلىك ئىشلاردىن ۋە ياقتۇرۇلمايدىغان ئىشلاردىن يىراق بولۇشقا قىزىقتۇرۇش كېرەك.

-توغرا بولمىغان زامانىۋى ئۇچۇر ۋاستىلىرىنى ئىشلىتىش ئىمكانىيىتى بەرمەسلىك، زۆرۈر بولمىغان ئەھۋالدا ئۇنىڭدىن يىراق تۇرۇشى كېرەك، ئائىلىسىدىن ئايرىم ھالەتتە ياكى ئايرىم ئۆيدە  تور بەتلىرىگە چىقماسلىق، ئائىلىدىمۇ تىلۋىزۇر قاتارلىق جىھازلارنى ھەممەيلەن كۆرىدىغان سالون دېگەندەك ئورۇنلاردا قويۇشى ۋە كۆرۈش ياخشى بولمايدىغان پىلىملەرنى كۆرمەسلىكى كېرەك.  بۇ مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بەزى پايدىلىق كۆرسەتمىلەردىن ئىبارەتتۇر.

ئەمما بالاغەتكە يەتكەنلەرگە ۋاجىپ بولىدىغان شەرئى كۆرسەتمىلەرگە كەلسەك، ئۇنى بىرەر پەتىۋا ياكى سوئالنىڭ جاۋابىدا تەپسىلى بايان قىلىش مۇمكىن بولمايدۇ، لېكىن بىز ئاشۇ مۇھىم بولغان مەسىلىلەردىن بەزىسىنى بايان قىلىمىز، سوئال سورىغۇچىنى مۇشۇ مەسىلىگە ئالاقىدار ئىشلاردا پايدىلىنىش مۇمكىن بولىدىغان كىتابلارنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيمىز:

بىرىنچى :  ئوغۇلنىڭ بالاغەتكە يەتكەنلىكى ئىسپاتلىنىدىكەن، ئۇنىڭغا شەرىئەت ئەھكاملىرىنىڭ ھەممىسىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك بولىدۇ، بۇ بۇيرۇلغان ئىشلارنى ئادا قىلىش ۋە چەكلەنگەن ئىشلاردىن يىراق تۇرۇش بىلەن بولىدۇ، ئۇ يىگىتكە نامازنى ئادا قىلىش، رامىزان روزىسى تۇتۇش، ئىقتىسادى بولسا زاكات بېرىش، ئىمكانىيىتى بولسا ھەج ئىبادىتىنى ئادا قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ.

ناماز پەقەت كامىل تاھارەت بىلەن دۇرۇس بولىدۇ، بالاغەتكە يەتكەن ياشلارنىڭ ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىنى ئۆگىنىشى زۆرۈر بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: إِذَا قُمْتُمْ إِلَى الصَّلَاةِ فَاغْسِلُوا وُجُوهَكُمْ وَأَيْدِيَكُمْ إِلَى الْمَرَافِقِ وَامْسَحُوا بِرُءُوسِكُمْ وَأَرْجُلِكُمْ إِلَى الْكَعْبَيْنِ تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! سىلەر تاھارەتسىز بولۇپ) ناماز (ئوقۇماقچى بولۇپ تۇرغىنىڭلاردا، يۈزۈڭلارنى يۇيۇڭلار، قولۇڭلارنى جەينىكىڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، بېشىڭلارغا مەسھى قىلىڭلار، پۇتۇڭلارنى ئوشۇقۇڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار» [سۈرە مائىدە 6 -ئايەت.]

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ تاھارىتى بولمىسا كامىل تاھارەت ئالمىغۇچە ئۇنىڭ نامىزى قوبۇل قىلىنمايدۇ» [بۇخارى رىۋايىتى 135-ھەدىس].

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان دەيدۇ: «خىيانەتتىن قىلىنغان سەدىقە ۋە تاھارەتسىز ئادا قىلىنغان ناماز قوبۇل قىلىنمايدۇ» [مۇسلىم رىۋايىتى 557-ھەدىس].

تاھارەتنىڭ سۈپەتلىرىنىڭ بايانى 11497– نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا، جۇنابەتتىن يۇيۇنۇش-غۇسلە قىلىشنىڭ ھۆكۈملىرى 10790-ۋە 2648- نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىندى.

تاھارەتنى بۇزىدىغان ئامىللار توغرىسىدا 14321– ۋە 11591 – نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا  مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

ئىنسان بالاغەتكە يەتكەندە ئەۋرەت ئەزاسىنىڭ ئەتراپىغا ۋە قولتۇقىنىڭ ئاستىغا يىرىك تۈكلەر ئۈنىدۇ، بۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنىڭ يولى بولسا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەدىستە بايان قىلغاندەك، قولتۇقنىڭ تۈكىنى يۇلۇش ۋە ئەۋرەت ئەزانىڭ تۈكىنى چۈشۈرۈش بىلەن بولىدۇ. بۇنىڭ تەپسىلاتى 26266-، 9037- ۋە 1177- نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىنغان.

ئىككىنچى: مۇكەللىپ يەنى بالاغەتكە يەتكەن بىرىگە شەرىئەتتە بىر ئىش ۋاجىپ بولىدىكەن، ئۇ ئىشنىڭ ئەھكاملىرىنى بىلىشمۇ ۋاجىپ بولىدۇ، چۈنكى ئىنسان قىلىدىغان ئىشنىڭ تەپسىلاتىنى ۋە ھۆكۈملىرىنى بىلسە، ئۇ ئىشنى مۇكەممەل شەكىلدە ئادا قىلالايدۇ.

قۇراپىي “ئەنۋارۇل بۇرۇق” ناملىق ئەسىرى 2-توم 148-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: “ئىمام غەزالى “ئىھيائۇلۇمىددىن” ناملىق ئەسىرىدە بۇ مەسىلىگە قارىتا ئالىملارنىڭ بىرلىكىنى، ئىمام شافىئى “ئەررىسالە” ناملىق ئەسىرىدە شۇنداق بايان قىلىدۇ: بالاغەتكە يەتكەن كىشى بىر ئىشنى قىلىشتىن ئىلگىرى قىلماقچى بولغان ئىشى توغرىسىدا ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى بىلىشى كېرەك، مال ساتىدىغان، تىجارەت قىلىدىغان كىشى  بۇ ساھادە ئاللاھ كۆرسەتكەن ۋە سودا-تىجارەتتە يولغا قويۇلغان ھۆكۈملەرنى بىلىشى كېرەك، بىر نەرسىنى ئىجارە قىلماقچى بولسا ئاللاھ تائالانىڭ ئىجارە توغرىسىدا يولغا قويغان پرىنسىپلىرىنى بىلىشى، بىرسىگە قەرز بەرگەن بولسا قەرز توغرىسىدىكى ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى بىلىشى ۋاجىپ بولىدۇ.  ناماز ئادا قىلىش ۋاجىپ بولغان كىشى ئاللاھ تائالانىڭ ناماز توغرىسىدىكى ھۆكمىنى بىلىشى شۇنىڭدەك تاھارەت ئالماقچى بولغان كىشىمۇ تاھارەتنىڭ پەرز، ۋاجىپ سۈننەتلىرىنى بىلىشى كېرەك. ئىنسان ئۆزىنىڭ بارلىق سۆز-ھەرىكەتلىرىنىڭ ھەممىسىدە بىلىپ قىلىدىغان بولىشى كېرەك. كىمكى بىر ئىشنى ئۆگىنىپ ئاندىن بىلگەن نەرسىسىنىڭ تەقەززاسى بويۇنچە ئەمەل قىلسا ئاللاھ تائالاغا قوش ئىتائەت قىلغان بولىدۇ، كىمكى بىر ئىشنى بىلمىسە ۋە ئۇنى قىلمىسا، ئۇ كىشى ئاللاھ تائالاغا قوش ئاسىيلىق قىلغان بولىدۇ، ئەگەر بىر ئىشنى بىلىپ بىلگىنىنىڭ تەقەززاسى بويۇنچە ئەمەل قىلمىسا، ئاللاھ تائالاغا بىرىدە ئىتائەت قىلغان يەنە بىرىدە ئاسىيلىق قىلغان بولىدۇ”.

شەرئى بۇيرۇق-چەكلىمىلەرنى بىلىش ئاسان بولىدۇ ۋە ئاللاھ مۇيەسسەر قىلغان كىشىگە ئوڭاي بولىدۇ، ئىنسان مەنپەئەتلىك ئىلىم ئۈگىنىش ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق قېلىشى ۋە ئاللاھ تائالادىن بۇنىڭغا مۇۋەپپەق قىلىشنى سورىشى كېرەك.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى