پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

تاھارەتنىڭ بايانى

سۇئال

ماڭا ئايال كىشىنىڭ تاھارەتنى قانداق ئالىدىغانلىقىنى دەپ بەرسەڭلار . مەن بۇنى ئايالىم ئۈچۈن سوراۋاتىمەن . يەنە مەن كۇرسىي ئايىتىنىڭ ئەرەپچىسىنى قانداق قىلسام ئىنگىلىزچە ھەرىپلەر بىلەن ئوقۇيالايمەن . چۈنكى مەن ئۇلۇغ ئاللاھ ئۆزىنى تىلغا ئالغان گۈزەل ئايەتلەرنى ئۆگىنىشكە تولىمۇ قىزىقىمەن . بۇ سۇئالىمغا جاۋاپ بىرىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن ، چۈنكى قەلبىم جاۋاپقا تەشنا . ھەمدە ئاللاھنىڭ سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز ، ئۇنىڭ ئائىلىسى ۋە ساھابىلىرىغا رەھىم-شەپقەت قىلسۇن .

جاۋاپنىڭ تىكىستى

مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن .
ئالدى بىلەن ، سىزگە يىتەكلىنىشنى ئاسان قىلغان ، قەلبىڭىزنى ئىچىۋەتكەن ئاللاھنى مەدھىيلەيمىز . ھەمدە ئاللاھتىن بىزنى ۋە سىزنى ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشتا چىڭ تۇرغۇزىشىنى سورايمىز ھەمدە سىزنىڭ دىنى ئىشلىرىڭىزنى ئۆگىنىشكە بولغان تىرىشچانلىقىڭىزغا تەشەككۇر ئېيتىمىز . ۋە سىزگە ئىبادىتىڭىزنى رۇسلايدىغان بىلىمنى ئىگەللەشتە تىرىشچان بولىشىڭىزغا ھەمدە قۇرئان ئوقۇيالايدىغان ، ئۇنى تەلەپ قىلىنغان بويىچە چۈشىنەلىگىچە ئەرەب تىلىنى ئۆگىنىشكە قىزىقىشىڭىزغا نەسىھەت قىلىمىز . ئاللاھتىن سىزگە پايدىلىق بىلىمنى بىرىشىنى سورايمىز .
تاھارەتنىڭ شەكلىگە كەلسەك ، ئۇنىڭ ئىككى خىل شەكلى بار :
بىرىنچى : ۋاجىپ شەكىل : يەنى :
1- يۈزنى تولۇق بىر قىتىم يۇيۇش ، ھەمدە ئېغىز ۋە بۇرۇننى چايقاش ئۇنىڭ ئىچىدە .
2- ئىككى قولنى جەينەككىچە بىر قىتىم يۇيۇش
3- باشنىڭ ھەممە قىسمىنى سۈرتۈش( مەسىھ قىلىش) ، ئىككى قۇلاقمۇ ئۇنىڭ ئىچىدە .
4- ئىككى پۇتنى ئىككى ئوشۇق بىلەن قوشۇپ بىر قىتىم يۇيۇش ، يۇقارقى ھەربىرىدىكى بىر قىتىمنىڭ مەنىسى تىلغا ئىلىنغان ئەزانىڭ ھەممە قىسمىنى تولۇق يۇيۇشنى كۆرسىتىدۇ .
5- تەرتىپ ، يەنى ئالدى بىلەن يۈزنى ئاندىن ئىككى قولنى يۇيۇش ، ئاندىن باشنى سۈرتۈش ئاندىن ئىككى پۇتنى يۇيۇش . چۈنكى پەيغەمبەر ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) تاھارەتنى مۇشۇ تەرتىپ بويىچە ئالغان .
6- كەينى-كەينىدىن بولۇش ، يەنى تىلغا ئىلىنغان ئەزالارنى بىر ئەزانى يۇيۇش بىلەن ئالدىدىكى ئەزانى يۇيۇش ئارلىقىنى ئادەت بويىچە ئۇزۇن دەپ قارىلىدىغان دەرىجىدە ئۈزۈپ قويماستىن كەينى- كەينىدىن يۇيۇش بولۇپ ، بىر ئەزادىن كىيىن كىينكى ئەزانى ئۇلاپ يۇيىدۇ .
بۇ پەرىزلەرنىڭ دەلىلى : ئاللاھنىڭ مۇنۇ سۆزى : ﺋﻰ ﻣﯚﻣﯩﻨﻠﻪﺭ! ﻧﺎﻣﺎﺯ (ﺋﻮﻗﯘﻣﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ) ﺗﯘﺭﻏﯩﻨﯩﯖﻼﺭﺩﺍ، ﻳﯜﺯﯛﯕﻼﺭﻧﻰ ﻳﯘﻳﯘﯕﻼﺭ، ﻗﻮﻟﯘﯕﻼﺭﻧﻰ ﺟﻪﻳﻨﯩﻜﯩﯖﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﺷﯘﭖ ﻳﯘﻳﯘﯕﻼﺭ، ﺑﯩﺸﯩﯖﻼﺭنى سۈرتۈڭلار(ﻣﻪﺳﻬﻰ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ)، ﭘﯘﺗﯘﯕﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﺷﯘﻗﯘﯕﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﺷﯘﭖ ﻳﯘﻳﯘﯕﻼﺭ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺟﯘﻧﯘﺏ ﺑﻮﻟﺴﺎﯕﻼﺭ ﭘﺎﻛﻠﯩﻨﯩﯖﻼﺭ (ﻳﻪﻧﻰ ﻏﯘﺳﻠﻰ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ)، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺑﻮﻟﺴﺎﯕﻼﺭ (ﺳﯘ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ)، ﻳﺎﻛﻰ ﺳﻪﭘﻪﺭ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﯘﭖ (ﺳﯘ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﯩﺴﺎﯕﻼﺭ)، ﻳﺎﻛﻰ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﺳﯩﯖﻼﺭ ﻫﺎﺟﻪﺗﺨﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ (ﻳﻪﻧﻰ ﺗﺎﻫﺎﺭﻩﺕ ﺳﯘﻧﺪﯗﺭﻏﺎﻥ) ﺑﻮﻟﺴﺎﯕﻼﺭ، ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﻘﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ (ﻏﯘﺳﻠﻰ ﺗﺎﻫﺎﺭﻩﺕ ﺋﯜﭼﯜﻥ) ﺳﯘ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﯩﺴﺎﯕﻼﺭ، ﭘﺎﻙ ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﺘﺎ ﺗﻪﻳﻪﻣﻤﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯜﺯﯛﯕﻼﺭﻏﺎ ﻗﻮﻟﯘﯕﻼﺭﻏﺎ ﻣﻪﺳﻬﻰ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ، ﺍﻟﻠﻪ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪﺗﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﻳﺪﯗ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺍﻟﻠﻪ ﺷﯜﻛﯜﺭ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﯖﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﭘﺎﻙ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ، (ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺷﻪﺭﯨﺌﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ) ﻧﯧﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﺎﻣﺎﻣﻼﺷﻨﻰ ﺧﺎﻻﻳﺪﯗ. [ مائىدە ( داستىخان ) : 6 ]
ئىككىنچى شەكىل : مۇستەھەپ شەكىل : يەنى پەيغەمبەرنىڭ ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) سۈننىتىدە كەلگەنلىرى بولۇپ ، ئۇنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە :
1- پاكلىنىشنى ۋە تاھارەتسىزلىكتىن قۇتۇلۇشنى نىيەت قىلىش ، ھەمدە نىيەت ئېغىزدا دىيىلمەيدۇ . قالدى ئىبادەتلەرمۇ شۇنداق .
2- بىسمىللاھ( ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن) دىيىش
3- ئاندىن ئىككى ئالقىنىنى ئۈچ قىتىم يۇيۇش
4- ئاندىن ئۈچ قىتىم ئېغىزىنى چايقاش ، ۋە بۇرنىنى ئۈچ قىتىم چايقاش ، بۇرنىدىكى سۇنى سول قولى بىلەن مىشقىرىش .
5- يۈزنى ئۈچ قىتىم يۇيۇش . يۈزنىڭ چېكى ئۇزۇنسىغا ئادەتتە چاچ ئۈنگەن جايدىن باشلاپ ئىككى جاۋغاي ۋە ئىڭەكنىڭ تۆۋىنىگىچە ، توغىرسىغا ئوڭ قۇلاقتىن سول قۇلاققىچە . ئەر كىشى ساقىلىنى يۇيىدۇ چۈنكى ئۇ يۈزنىڭ بىر قىسمى . ئەگەر ئۇ قىسقا بولسا ئۇنىڭ تىگى ۋە سىرتى يۇيۇلىدۇ ، ئەگەر تېرىنى يۆگەپ تۇرىدىغان قويۇق بولسا ئۇنىڭ سىرتىلا يۇيىلىدۇ ھەمدە بارماق بىلەن ئارىلىنىدۇ .
6- ئاندىن ئىككى قولىنى جەينەككىچە ئۈچ قىتىم يۇيىدۇ ، ھەمدە قولنىڭ چېكى تىرناقلار قوشۇلۇپ بارماقلارنىڭ ئۇچىدىن چوڭ بىلەكنىڭ تۆۋىنىگىچە . ھەمدە يۇيۇشتىن بۇرۇن قولغا چاپلىشىپ قالغان خېمىر ياكى لاي ، سىر ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش سۇنىڭ تېرىگە تىگىشىدىن توسۇپ قويىدىغان نىمىلەرنى يوقۇتۇش كىرەك .
7- ئاندىن كىيىن باشنى ۋە ئىككى قۇلاقنى ئىككى قولنى يۇيۇشتىن قىپقالغان ھۆللۈكتىن باشقا يىڭى سۇ بىلەن سۈرتىدۇ . باشنى سۈرتۈشنىڭ شەكلى بولسا سۇ بىلەن ھۆللەنگەن ئىككى قولنى باشنىڭ ئالدى قىسمىغا قويىدۇ ، ھەمدە ئۇلارنى گەدەنگىچە ماڭدۇرىدۇ ، ئاندىن ئۇلارنى باشلىغان ئورۇنغا قايتۇرۇپ كىلىدۇ . ئاندىن ئىككى كۆرسەتكۈچ بارماقنى ئىككى قۇلاقنىڭ تۆشۈكىگە كىرگۈزىدۇ ، سىرتىنى بولسا ئىككى باش بارماق بىلەن سۈرتىدۇ . ئايال كىشىنىڭ چېچىغا نىسبەتەن ، مەيلى ئۇ قويۇۋىتىلگەن ياكى باشنىڭ ئالدى قىسمىدىن بويۇندىكى چاچ ئۈنگەن جايغىچە ئۆرۈلگەن بولسۇن ئۇنى سۈرتىدۇ ، ھەمدە چېچىنىڭ دۈمبىسىگە چۈشۈپ تۇرغان قىسمىنى سۈرتۈش ۋاجىپ ئەمەس .
8- ئاندىن ئىككى پۇتنى ئىككى ئوشۇققىچە يۇيىدۇ ، ھەمدە ئىككى ئوشۇق بولسا پاچاقنىڭ تۆۋنكى قىسمىدا چوقچىيىپ تۇرغان ئىككى سۆڭەك .
يۇقارقىلارنىڭ دەلىلى بولسا : ئۇسماننىڭ ئازاتگەردىسى ھۇمراننىڭ ھەدىيسى ، ئۇنىڭدا مۇنداق دىيىلگەن : ئۇسمان بىن ئەففان( ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) تاھارەتكە سۇ چاقىردى-دە ، تاھارەت ئالدى . شۇنىڭ بىلەن ئىككى ئالقىنىنى ئۈچ قىتىم يۇدى ، ئاندىن ئېغىزىنى چايقىدى ۋە مىشقىردى ئاندىن يۈزىنى ئۈچ قىتىم يۇدى ئاندىن ئوڭ قولىنى جەينەككىچە ئۈچ قىتىم يۇدى ئاندىن سول قولىنى شۇنىڭغا ئوخشاش يۇدى ئاندىن بېشىنى سۈرىتتى ئاندىن ئوڭ پۇتىنى ئىككى ئوشۇققىچە ئۈچ قىتىم يۇدى ئاندىن سول پۇتىنى شۇنىڭغا ئوخشاش يۇدى ئاندىن مۇنداق دىدى : " مەن ئاللاھ ئەلچىسىنىڭ ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) مىنىڭ مۇشۇ تاھارىتىمگە ئوخشاش تاھارەت ئالغانلىقىنى كۆردۈم ئاندىن ئاللاھ ئەلچىسى ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) مۇنداق دىدى : كىمكى مىنىڭ مۇشۇ تاھارىتىمگە ئوخشاش تاھارەت ئالسا ئاندىن ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇسا ، ھەمدە نامازدا باشقا نىمىنى ئويلىمىسا ، ئۇنىڭ ئىلگىركى گۇناھلىرى كەچۈرۋىتىلىدۇ . " . [ ئۇنى مۇسلىم نەقىل قىلغان ، پاكلىنىش 331 ]
تاھارەتنىڭ شەرىتلىرى بولسا : مۇسۇلمان بولۇش ، ئەقىل ، پەرىق ئىتىش ۋە نىيەت . شۇڭا كاپىرنىڭ ، ساراڭنىڭ ، ئۇنى پەرق ئىتەلمەيدىغان كىچىك بالىنىڭ ، ۋەسالقىنداشقا ئوخشاش نىيەتنى قىلىپ تاھارەتنى نىيەت قىلمىغان كىشىنىڭ تاھارىتى توغرا ئەمەس . ھەمدە سۇنىڭ پاكىز بولۇشى شەرىت قىلىنىدۇ شۇڭا نىجىس سۇ بىلەن تاھارەت توغرا بولمايدۇ . ۋە يەنە ئايال كىشى تىرناقلىرىغا قويىدىغان سىر خېنىگە ئوخشاش سۇنىڭ تېرە ۋە تىرناقلارغا تىگىشىنى توسۇپ قويىدىغان نىمىلەرنى يوقۇتۇش شەرت .
بىسمىللاھ دىيىش كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىغا ئاساسەن بەلگىلەنگەن ئىش ، بىراق ئۇلار ئۇنىڭ ۋاجىپ ياكى سۈننەتلىكىدە ئىختىلاپلىشىدۇ . ھەمدە ئۇنى تاھارەتنىڭ بېشىدا ياكى جەريانىدا ئىسىگە ئالغان كىشى ئۇنى دىيىش كىرەك .
ھەمدە تاھارەت شەكلىدە ئەر كىشى بىلەن ئايال كىشىنىڭ ئوتتۇرسىدا ئوخشىماسلىق يوق .
تاھارەتتىن بىكار بولغاندىن كىيىن : " ئەشھەدۇ ئەنلا ئىلاھە ئىللەلاھ ۋەھدەھۇ لاشەرىيكە لەھ . چە ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن ئەبدۇھۇ ۋە رەسۇلۇھ ( گۇۋاھلىق بىرىمەن ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق ، ئۇ يالغۇز ، شىرىكى يوق . ۋە گۇۋاھلىق بىرىمەن مۇھەممەد ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى .) " دىيىش مۇستەھەپ . چۈنكى پەيغەمبەر ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) مۇنداق دىگەن : سىلەردىن بىر كىم تاھارەت ئىلىپ ، ۋە تاھارىتىنى مۇكەممەل ئىلىپ ئاندىن : " ئەشھەدۇ ئەنلا ئىلاھە ئىللەلاھ ۋەھدەھۇ لاشەرىيكە لەھ . چە ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن ئەبدۇھۇ ۋە رەسۇلۇھ ( گۇۋاھلىق بىرىمەن ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق ، ئۇ يالغۇز ، شىرىكى يوق . ۋە گۇۋاھلىق بىرىمەن مۇھەممەد ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى .) " دىسىلا ، ئۇنىڭغا جەننەتنىڭ سەككىز ئىشىكى ئىچىلىدۇ ، قايسىسىدىن خالىسا ، شۇنىڭدىن كىرىدۇ . [ ئۇنى مۇسلىم نەقىل قىلغان ، پاكلىنىش 345 ] تىرمىزىينىڭكىدە بۇنى بۇنى قوشىدۇ : " ئاللاھۇممە ئىجئەلنىي مىنەت تەۋۋابىين ۋە ئىجئەلنىي مىنىل مۇتەتەھھىرىين ( ئى ئاللاھ مىنى تەۋبە قىلغۇچىلاردىن قىلغىن ۋە مىنى پاكلانغۇچىلاردىن قىلغىن ." [ پاكلىنىش ، 50 . ھەمدە ئەلبانىي ئۇنى سەھىيھ سۈنەنى ئەبۇ داۋۇدتا سەھىيھ دەپ تۈرگە ئايرىغان ، 48 ]
[ الملخص الفقهي للفوزان 1/36 ] كە قاراڭ .
سىزنىڭ :" ئاللاھتىن پەيغەمبىرىمىزگە رەھىم-شەپقەت قىلىشىنى سورايمەن. " دىگەن سۆزىڭىزگە كەلسەك ، پەيغەمبەر ھەققىدە بەلگىلەنگىنى بولسا : ئۇنىڭغا تەرىپلەش ۋە ئامانلىقنى سوراش ، خۇددى پەرۋەردىگارىمىز بۇيرىغاندەك : ﺍﻟﻠﻪ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭنى تەرىپلەيدۇ (ﻳﻪﻧﻰ ئۈستۈنكى ئالەمدىكىلەرگە ماختاپ بىرىدۇ ، ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻐﺎ ﺭﻩﻫﻤﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺷﻪﻧﯩﻨﻰ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯜﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ)، ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﻪﺭﻣﯘ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ (ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﮔﻪ) ﻣﻪﻏﭙﯩﺮﻩﺕ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺋﻰ ﻣﯚﻣﯩﻨﻠﻪﺭ! ﺳﯩﻠﻪﺭ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﮔﻪ(ئاللاھنىڭ) تەرىپلىشىنى ﯞﻩ ﺋﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﯩﻠﻪﯕﻼﺭ (ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﻧﯩﯔ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯜﯕﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﻫﻪﻗﻘﻰ ﭼﻮﯕﺪﯗﺭ، ﺋﯘ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﮔﯘﻣﺮﺍﻫﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻫﯩﺪﺍﻳﻪﺗﻜﻪ،ﺯﯗﻟﻤﻪﺗﺘﯩﻦ ﻳﻮﺭﯗﻗﻠﯘﻗﻘﺎ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﯘﭼﯩﺪﯗﺭ) . [ ئەھزاب( قوشۇنلار) : 56 ] ھەمدە ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ .
پېشىۋا مۇھەممەد سالىھ مۇنەججىد
 

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد