پەيشەنبە 9 شەۋۋال 1445 - 18 ئاپرىل 2024
Uygur

ئوقۇغۇچىلارغا ئىلمى دوكلات ۋە تەتقىقات ماقالىلىرىنى يېزىپ بېرىش توغرىسىدا

سۇئال

مەن سىلەرنىڭ تور بەتتىن: ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن پۇل ئېلىپ ئىلمى دوكلات تەييارلاپ بېرىشنى ھارام دېگەن پەتىۋانى ئوقۇدۇم، لېكىن مېنىڭ سوئالىم: ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىنىڭ ئىلمى دوكىلاتنى باشقا كىشىلەرنىڭ يېنىدا تەييار قىلىدىغانلىقىنى، ئۇ كىشىلەرنىڭ بۇ دوكىلاتنى ئېنتىرنېتتىن چېقىرىدىغانلىقىنىمۇ بىلىدۇ. بەلكى بەزى ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا: بۇ دوكىلاتنى ئېنتىرنېتتىن ئىلىڭلار دېسە، مۇشۇنداق ھالەتتىمۇ بۇ ئىش ھارام بولامدۇ؟. چۈنكى مەن ئىلگىرى ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن شۇنداق ئىشلارنى قىلاتتىم، بۇ پەتىۋانى ئوقۇغاندىن كېيىن مەزكۇر ئىشتىن قول يىغدىم؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە توغرا يولدا ئۇلارغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت- سالاملىرى بولسۇن.

    ئوقۇغۇچىلاردىن ئىلمى دوكلات ۋە تەتقىقات ماقالىلىرىنى تەلەپ قىلىشتىن بولغان مەقسەت، ئۇلارنى ئىلمى ماقالە يېزىشقا كۆندۈرۈش، ئىلمى قۇۋىتىنى سىناش ۋە بىر نەرسە يازغاندا ئىلمى مەنبەلەرگە مۇراجىئەت قىلىشقا ئادەتلەندۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئىشلارنى ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزى قىلىشى كېرەك بولىدۇ. باشقىلارنىڭ ئوقۇغۇچىغا ئۇ ماقالىنى پۇلغا ياكى بىكارغا بولسۇن تەييار قىلىپ بېرىشى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇنىڭدا، ئالدامچىلىق، يالغانچىلىق، بۇزۇقچىلىق ۋە ئەسلى مەنبەلەردىن پايدىلىنالمايدىغان ساپاسىز ئەۋلادلارنى يېتىشتۈرۈپ چېقىش بارلىققا كىلىدۇ.

    ئوقۇغۇچى باشقىلارنىڭ ماقالىسىدىن پايدىلانسا، ئېنتىرنېتتىن ئالسا، بەزى مەسىلىلەردە ساۋاقداشلىرىدىن ياردەم ئالسا توغرا بولىدۇ، تەتقىقاتچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىشى شۇنداق بولىدۇ، ئەمما ماقالىنىڭ ھەممىسىنى باشقىلاردىن ئېلىش، مەيلى ساۋاقدىشىدىن ئالسۇن ياكى ئېنتىرنېتتىن ئالسۇن بۇ ئوخشاشلا ئالدامچىلىق ۋە كۆز بويامچىلىقتۇر، بۇنىڭغا كۆز يۇمغان ۋە رىغبەتلەندۈرگەن ئوقۇتقۇچىمۇ خاتالىققا ئورتاق بولغان بولىدۇ. 95893 - نومۇرلۇق سۇئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    سىز ئوقۇغۇچىلارغا ئىلمى ماقالە يېزىپ بېرىدىغان بۇ ئىشتىن توختاپ ياخشى قىلىپسىز، ئاللاھ تائالادىن سىزنىڭ ئىلگىرىكى خاتالىقلىرىڭىزنى ئەپۇ قىلىشىنى، قىلغان ئىشلىرىڭىزغا ئەجىر-ساۋاپ ئاتا قىلىشىنى، ھالالدىن كەڭ-تاشا رىزىق بېرىشىنى سورايمىز.       

     ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى