پەيشەنبە 16 شەۋۋال 1445 - 25 ئاپرىل 2024
Uygur

توك بىلەن ھاشاراتلەرنى ئۆلتۈرۈش توغرىسىدا

105190

تارقاتقان ۋاقىت : 14-03-2018

كۆرگۈچىلەر : 1814

سۇئال

توك بىلەن چىۋىن قاتارلىق ھاشاراتلەرنى ئۆلتۈرسە بولامدۇ؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ھاشاراتلەرنى ئۆلتۈرۈش ۋە يوقىتىشتا بۈگۈنكى كۈندە بىزگە تونۇشلۇق بولغان توكقا چېتىپ ئىشلىتىدىغان ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەتسەك بولىدۇ.

1-دىنىمىز جانلىقلارنى كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈشتىن چەكلىگەن. بۇ توغرىدا ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچ كىشى ئوت بىلەن ئازابلىمايدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى3016-ھەدىس].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر كەنتتە ساھابىلارنىڭ چۈمۈلە ئۇۋىسىنى ئوت يېقىپ كۆيدۈرىۋەتكەنلىكىنى كۆرۈپ مۇنداق دېگەن: ئوت بىلەن ئازابلاش ئوتنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھدىن باشقا كىشىگە لايىق بولمايدۇ. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى2675-ھەدىس. ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ "ياخشى كىشىلەر باغچىسى" ناملىق ئەسىرىدە 519- نومۇرلۇق ھەدىستە سەھىھ دەپ كەلتۈرگەن. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا 487-ھەدىستە كەلتۈرگەن].

توك بىلەن ئۆلتۈرۈش ئوت بىلەن ئۆلتۈرۈشكە ئوخشىمايدۇ، چۈنكى توك بىلەن ئۆلتۈرۈش دېگەن، ھۈجەيرىلەرنى ۋەيران قىلىش ئۈچۈن زەرەتلەندۈرۈپ پارچىلاش، تېزلىكتە قاننى كېسىشتۇر، ئەگەر توك كۈچى يۇقىرى پەللىگە چىقسا، توكنىڭ قىزىقلىقى ئۆلتۈرۈلگەن ھاشارەتتە رەڭگىنىڭ ئۆزگىرىشى، قارىداپ كېتىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى پەيدا قىلىپ گوياكى ئوت بىلەن ئۆلتۈرگەنگە ئوخشاش كۆرسىتىدۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە بۇ ئوت بىلەن ئەمەس بەلكى توك بىلەن ئۆلتۈرۈشتۇر.

2-ئازار يەتكۈزىدىغان ھاشاراتلەرنى ئۆلتۈرۈشتە مۇشۇنداق پايدىلىق ئۈسكىنىلەرگە ئېھتىياجىمىز بارلىقى ئېنىق.

مۇشۇ دەۋرىدىكى ئۆلىمالاردىنمۇ ھاشاراتلەرنى توك بىلەن ئۆلتۈرۈشنىڭ توغرا ئىكەنلىكى توغرىسىدا پەتىۋالار ئوتتۇرىغا چىقتى.

دائىمىي كومىتېتى ئۆلىمالىرىدىن: ھاشارەتنى توك بىلەن ئۆلتۈرسە قانداق بولىدۇ؟ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام چىرايلىق ئۆلتۈرۈش ۋە چىرايلىق بوغۇزلاشقا بۇيرىغان تۇرسا؟ دەپ سورالغاندا، ئۇلار جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "ھاشارەتلەر زىيانلىق بولسا ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنىڭ توك بىلەن ئۆلتۈرۈشتىن باشقا ئۈنۈملۈك چارىسى بولمىسا بۇنى توك بىلەن ئۆلتۈرۈش توغرا بولىدۇ، بۇ زۆرۈر بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆلتۈرگەندە چىرايلىق ئۆلتۈرۈڭلار دېگەن ھۆكۈمدىن ئايرىم بولىدۇ. يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: بەش تۈرلۈك زىيانلىق ھايۋانلار بار، ئۇلارنى ھەرەم دائىرىسى ئىچىدە بولسۇن ياكى سىرتىدا بولسۇن ئۆلتۈرۈڭلار، قاغا، سار، چايان، چاشقان ۋە غالجىر ئىت قاتارلىقلار. [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].

پەيغەمبەرئەلەيھىسالام چىۋىننىمۇ ئىچىملىككە چۆمدۈرۋېتىشنى بۇيرىغان، چىۋىنمۇ شۇنىڭدا ئۆلىدۇ". "دائىمىي كومىتېتى پەتىۋاسى" 26-توم 192-بەت.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ "نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋاسى" ھايۋاناتلار بۆلۈم 2-بەتتە بۇ ئۈسكىنە توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: بۇنداق شەكلىدە ئۆلتۈرۈش بىر قانچە تەرەپتىن جائىز بولىدۇ:

بىرىنچى: توك بىلەن ئۆلتۈرۈش كۆيدۈرۈش ھېسابلانمايدۇ، لېكىن توك ھاياتلىقنى شورايدۇ، بۇنىڭ ئىسپاتى، سىز بىر ۋاراق قەغەزنى بۇ ئۈسكىنىگە قويسىڭىز قەغەزنى كۆيدۈرمەيدۇ.

ئىككىنچى: بۇ ئۈسكىنىنى ئىشلىتىش بولسا پاشا ۋە كۇمۇتا قاتارلىق ھاشاراتلەرنى ئوت بىلەن ئازابلاشنى مەقسەت قىلمايدۇ، پەقەت ئۇ ھاشارەتلەرنىڭ ئەزىيەتلىرىنى توسۇش ئۈچۈندۇر، ئوت بىلەن ئازابلاشتىن چەكلىگەن ھەدىسكە كەلسەك، بۇ ھاشارەتلەر ئازابلانمايدۇ پەقەت ئۇلاردىن كىلىدىغان ئەزىيەت توسىلىدۇ.

ئۈچىنچى: كۆپ ۋاقىتلاردا بۇ ھاشاراتلەرنى توك بىلەن ياكى پۈركىيدىغان دورىلارنى چېچىش بىلەن يوقۇتۇپ بولغىلى بولمايدۇ، بەزىدە بۇ دورىلارنىڭ ئائىلىدىكىلەرگە زېيىنى يېتىشى مۇمكىن. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بەنى نەزىر يەھۇدىلىرىنىڭ خورمىلىرىنى كۆيدۈرۈۋەتتى، ئادەتتە خورما دەرىخى ئۇچار قۇش ياكى تۈرلۈك ھاشارەتلاردىن خالى بولمايدۇ". ["ئەللىقائۇن مەفتۇھ"59 -ئۇچرىشىش 12-نۇمۇرلۇق سوئال].

بىزنىڭ قارىشىمىزچە ھاشارەتلەرنى توك بىلەن ئۆلتۈرۈش توغرا بولىدۇ، بۇ ئوت بىلەن ئازابلاش ھېسابلانمايدۇ، بىزنىڭ بىلىشىمىزچە ھاشارەت توكنىڭ كۈچى بىلەن ئۆلىدۇ، بۇنىڭ ئىسپاتى، بىر ۋاراق قەغەزنى بۇ ئۈسكىنىگە قويسا ئۇنى كۆيدۈرمەيدۇ، بۇمۇ ئۇنىڭ ئۆت بىلەن كۆيدۈرۈش ئەمەس بەلكى توك بىلەن ئۆلتۈرۈش ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ، بىر ئىنسان ئوچۇق بولغان توك سىمىنى تۇتىدىكەن، ئۇ ئىنسان كۆيۈپ كەتمەستىن ئۆلىدۇ".

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى