بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ياخشىلىقتا ئۇلارغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمىتى، سالامى ۋە بەرىكىتى بولسۇن.
بىرىنچى: كېسەلنىڭ تاھارىتى:
1-كېسەلگىمۇ ساق كىشىگە ۋاجىپ بولغاندەك چوڭ-كېچىك تاھارەتسىزلىكتىن سۇ بىلەن پاكىزلىنىش ۋاجىپ بولىدۇ، كېچىك تەرەت ئۈچۈن تاھارەت ئالىدۇ، چوڭ تەرەت ئۈچۈن غۇسلى(يۇيۇنىدۇ)قىلىدۇ.
2-تاھارەت ئېلىشتىن ئىلگىرى چوقۇم سۇ بىلەن ياكى تاش-چالما، قەغەز دېگەندەك تازىلاش مۇمكىن بولىدىغان نەرسىلەر بىلەن ئىستىنجا قىلىدۇ.
چوقۇم پاكىز ئۈچ تال تاش بىلەن ياكى شۇنىڭدەك نەرسىلەر بىلەن تازىلىق قىلىشى كېرەك، تېزەك، سۆڭەك ۋە باشقا يەيدىغان نەرسىلەر بىلەن تازىلىق قىلىش ھارام بولىدۇ. ياخشىسى تاش دېگەندەك نەرسىلەر بىلەن تازىلاش كېرەك، تازىلىق قەغىزى ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن سۇ بىلەن يۇيۇۋېتىش كېرەك، چۈنكى تاش نىجاسەتنىڭ ئۆزىنى تازىلىسا، سۇ نىجاسەتنىڭ ئورنىنى تازىلايدۇ، بۇنداق قىلىش ياخشى بولىدۇ.
سۇ بىلەن ئىستىنجا قىلىش ياكى تاش، چالما، قەغەز دېگەندەك نەرسىلەر بىلەن تازىلاش ئىنساننىڭ ئىختىيارلىقىدا بولىدۇ، ئىككىدىن بىرىنى قىلماقچى بولسا سۇ بىلەن تازىلاش ياخشىدۇر. چۈنكى سۇ بىلەن نىجاسەت چىققان ئورۇن، نىجاسەت ۋە ئۇنىڭ ئىزى تازىلىنىدۇ بۇ تازىلىقتا بەك ياخشىدۇر. ئەگەر تاش، چالما بىلەن تازىلىماقچى بولسا ئاز بولغان ئۈچ تال ئىشلىتىپ ئورۇننى پاكىزلاش كېرەك، پاكىز بولمىسا تۆت، بەش ھەتتا پاكىز بولغىچە ئېشلىتىش كېرەك، ياخشىسى تاق ئىشلىتىش لازىم.
ئوڭ قول بىلەن ئىستىنجا قىلىش توغرا بولمايدۇ، ئەگەر سول قولى يوق ياكى سۇنۇق ياكى كېسەللىك بولسا، ھاجەت بولغانلىقى ئۈچۈن ئوڭ قولنى ئىشلەتسە خاتا بولمايدۇ.
3-كېسەل كىشى كېسىلىنىڭ زىيادە بولۇپ كېتىشى ياكى ساقىيىشىنىڭ كېچىكىپ قىلىشى دېگەندەك ئەھۋاللار بىلەن سۇ بىلەن ئىستىنجا قىلىشتىن ئەنسىرىسە تەيەممۇم قىلسا بولىدۇ.
تەيەممۇم قىلىش دېگەن: ئىككى قولى بىلەن پاك تۇپراققا بىر قېتىم ئۇرۇپ بارماقلىرىنىڭ ئېچى بىلەن يۈزىنى ۋە ئىككى قولىنى بېغىشىغىچە سىلاشتىن ئىبارەتتۇر.
زېمىندىن باشقا جايدا بولسىمۇ چاڭ-توزان بولغان پاكىز نەرسىنىڭ ھەممىسى بىلەن تەيەممۇم قىلىش دۇرۇس بولىدۇ، توپىنىڭ توزاندىسى ياكى چاڭ-توزاڭ مەۋجۇت بولغان تام قاتارلىق ئورۇنلاردا تەيەممۇم قىلسا بولىدۇ. ئەگەر بىرىنچى قېتىم تەيەممۇم قىلغان ھالىتىدە تاھارەت بىلەن بولسا تاھارەتكە ئوخشاش ئۇ تەيەممۇم بىلەن بىر قانچە نامازلارنى ئادا قىلسا بولىدۇ. يەنى يېڭىدىن يەنە تەيەممۇم قىلىش كېرەك بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ تاھارەتنىڭ ئورنىدا بولغانلىقى ئۈچۈن، تاھارەتنىڭ ھۆكمىنى ئالىدۇ.
تاھارەتنى بۇزۇۋېتىدىغان ھەر قانداق نەرسە تەيەممۇمنىمۇ بۇزۇۋېتىدۇ. سۇ ئىشلىتىشكە قادىر بولۇش ياكى دەسلەپتە سۇ بولماي كېيىن تېپىلغانغا ئوخشاش.
4-كېسەل باش ئاغرىقى، چېش ئاغرىقى دېگەندەك يەڭگىل بولۇپ، سۇ ئىشلىتىشتىن ، كېسەلنىڭ شىپا تېپىشىنىڭ كېچىكىپ قىلىشى، زىيادە بولۇپ كېتىشى، ئاغرىقنىڭ بەك كۈچىيىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىمىسە ياكى ئىسسىق سۇ ئىشلەتسە بۇنىڭ كېسەلگە زېيىنى بولمىسا، بۇنداق ھالەتتە تەيەممۇم قىلىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى تەيەممۇمنىڭ دۇرۇس بولىشى دېگەن زىياننى يوق قىلىش ئۈچۈندۇر، بۇنداق ھالەتتە زىيان بولمايدۇ، چۈنكى سۇ بولغاندىن كېيىن ئۇنى ئىشلىتىش ۋاجىپ بولىدۇ.
5-كېسەلنىڭ ئۆزىنىڭ تاھارەت ئىلىشى ياكى تەيەممۇم قىلىشى قىيىن بولسا، ئۇنى باشقىلار تاھارەت ئالدۇرۇپ ۋە تەيەممۇم قىلدۇرۇپ قويسا دۇرۇس بولىدۇ.
6-قانداق بىر ئادەمدە جاراھەت، يارا، سۇنۇق ياكى سۇ ئىشلەتسە زىيان قىلىدىغان كېسەللىك بولسا، جۇنۇپ بولغان ھالەتتىمۇ تەيەممۇم قىلسا دۇرۇس بولىدۇ. ئەگەر بەدىنىنىڭ ساق ئورۇنلىرىنى يۇيۇش مۇمكىن بولسا ساق ئورۇننى يۇيۇش ۋاجىپ بولىدۇ، قالغان ئورۇنلارغا تەيەممۇم قىلىدۇ.
7-بىر كىشىنىڭ تاھارەتتە يۇيىدىغان ئەزالىرىنىڭ بىرىدە جاراھەت بولسا ئۇنى سۇ بىلەن يۇيىدۇ، ئەگەر سۇ بىلەن يۇيۇش قىيىن بولسا ياكى سۇ زىيان قىلىدىغان بولسا، جاراھەت بولغان ئەزاغا تەرتىپ بويۇنچە مەسىھ قىلىدۇ، ئەگەر مەسىھ قىلىشمۇ قىيىن بولسا تەيەممۇم قىلسا دۇرۇس بولىدۇ.
8-ئەزالىرىدا تېڭىق بولغان كىشى، ئۇ ئەزالىرىدىن بىرى سۇنۇپ ئۇ يەرنى لاتا ياكى باشقا نەرسىلەر بىلەن تېڭىۋالغان كىشى، تېڭىقنىڭ ئۈستىگە مەسىھ قىلىدۇ، گەرچە ئۇ كىشى تېڭىقنى تاھارەت بىلەن تاڭمىغان بولسىمۇ ئۇنىڭغا مەسىھ قىلىش كۇپايە قىلىدۇ.
9-كېسەل كىشى ناماز ئادا قىلماقچى بولسا بەدىنى ۋە كىيىمىنى ۋە ناماز ئادا قىلىدىغان ئورۇننى نىجاسەتتىن پاكىز تۇتۇشقا تېرىشىدۇ، ئەگەر ئۇنداق قىلىشقا قادىر بولالمىسا، ئۆز ھالى بويۇنچە نامازنى ئادا قىلىدۇ، بۇنىڭدا گۇناھ بولمايدۇ.
10-كېسەل؛ سۈيدۈك تامچىپ تۇرىدىغان ياكى يەل چىقىپ تۇرىدىغان ياكى بۇرنى قاناپ تۇرىدىغان ئەھۋاللاردا بولسا، داۋالاشنىڭ ئۈنۈمى بولمىسا، ھەر نامازنىڭ ۋاقتى كىرگەندىن كېيىن ئىستىنجا قىلىپ تاھارەت ئالىدۇ، كىيىمى ۋە بەدىنىنىڭ نىجاسەت يۇققان ئورۇنلىرى بولسا يۇيىدۇ ياكى ناماز ئۈچۈن پاكىزە بىر تو كىيىم قىلىپ قويىدۇ، ئەگەر ھەر نامازدا كىيىم ئالماشتۇرۇش قىيىن بولمىسا، ئەگەر قىيىن بولسا ئۇ كىشىدىن ئەپۇ قىلىنىدۇ. ئەۋرەت ئەزاسىنىڭ ئۇچىغا بىر نەرسە قويۇۋېلىش بىلەن بەدىنى، كىيىمى ۋە ناماز ئادا قىلىدىغان ئورۇنغا سۈيدۈك چاچراپ كېتىشتىن ساقلىنىپ ئېھتىيات بىلەن تەرەت سۇندۇرىدۇ.
ئىككىنچى: كېسەلنىڭ نامىزى:
1-كېسەل ئادەم قادىر بولالىسا ئۆرە تۇرۇپ ناماز ئادا قىلىشى ۋاجىپ بولىدۇ.
2-ئۆرە تۇرۇشقا قادىر بولالمىسا، ئولتۇرۇپ ناماز ئادا قىلىدۇ، قىيام ھالىتىدە چازانە قۇرۇپ ئولتۇرۇش ياخشى بولىدۇ.
3-ئەگەر ئولتۇرۇپ ناماز ئادا قىلىشتىن ئاجىز كەلسە، يۈزىنى قىبلىگە قىلىپ يېنىچە ناماز ئادا قىلىدۇ، ئوڭ تەرىپىنى بېسىپ يېتىش مۇستەھەپ بولىدۇ.
4-يېنىچە يېتىپ ناماز ئادا قىلىشقا قادىر بولالمىسا ئىككى پۇتىنى قىبلىگە قىلىپ ئوڭدىسىغا يېتىپ ئادا قىلىدۇ.
5-قىيامدا تۇرۇشقا قادىر بولۇپ، رۇكۇ قىلىشتىن ياكى سەجدە قىلىشتىن ئاجىز كەلسە، ئۇ كىشىدىن قىيامدا تۇرۇش ساقىت بولمايدۇ، بەلكى ئۆرە تۇرۇپ ناماز ئادا قىلىدۇ، ئىشارەت بىلەن رۇكۇ قىلىدۇ، ئاندىن ئولتۇرۇپ ئىشارەت بىلەن سەجدە قىلىدۇ.
6-كۆزىدە ئاغرىق بولۇپ، ئىشەنچىلىك دوختۇر چاقۇندا يىتىپ ناماز ئادا قىلسىڭىز داۋالاش مۇمكىن بولىدۇ ، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا داۋالاش مۇمكىن بولمايدۇ دېگەن بولسا، ئۇ كىشى ئوڭدىسىغا يېتىپ ناماز ئادا قىلىشى كېرەك.
7-رۇكۇ ۋە سەجدە قىلىشتىن ئاجىز كەلگەن كىشى بۇنى ئىما-ئىشارەت بىلەن قىلىدۇ، سەجدىنىڭ ئىشارىتىنى رۇكۇنىڭكىدىن پەسرەك قىلىدۇ.
8-پەقەت سەجدە قىلىشتىن ئاجىز كەلگەن كىشى رۇكۇ قىلىپ سەجدىنى ئىشارەت بىلەن قىلىدۇ.
9-دۈمبىسىنى (ئۇچىسىنى) ئېگىشكە قادىر بولالمىغان كىشى گەردىنىنى(بوينىنى) ئېگىدۇ، ئەگەر دۈمبىسى دۈمچەك بولسا گوياكى ئۇ كىشى رۇكۇ قىلغانغا ئوخشاش بولۇپ، رۇكۇ قىلغاندا بىر ئاز ئېگىلىدۇ، سەجدە قىلغاندا مۇمكىن بولغان ھالەتتە يۈزىنى زېمىنغا يېقىن قىلىدۇ.
10-بېشى بىلەن ئىشارەت قىلىشقا قادىر بولالمىغان كىشى تەكبىر ئېيتىپ، قىرائەت قىلىپ، دىلى بىلەن قىيامدا تۇرۇشنى، رۇكۇ قىلىشنى، رۇكۇدىن تۇرۇشنى، سەجدە قىلىشنى، سەجدىدىن تۇرۇشنى، ئىككى سەجدىنىڭ ئارىسىدا ئولتۇرۇشنى، تەشەھھۇت ئۈچۈن ئولتۇرۇشنى نىيەت قىلىدۇ، ئوقۇيدىغان زىكىرلەرنى ئوقۇيدۇ. ئەمما بەزى كېسەللەرنىڭ بارمىقىنى چېقىرىپ ئىشارەت قىلىدىغانلىقىنىڭ ئەسلى يوقتۇر.
11-كېسەل كىشى ناماز ئادا قىلىش جەريانىدا ئىلگىرى ئاجىز كەلگەن: قىيامدا تۇرۇش، ئولتۇرۇش، رۇكۇ قىلىش، سەجدە قىلىش ياكى ئىشارەت قىلىش قاتارلىق ئىشلاردىن بىرىنى ئادا قىلىشقا قادىر بولسا، بۇنى ئادا قىلىپ نامىزىنى كەلگەن يېرىدىن داۋاملاشتۇرىدۇ.
12-كېسەل ياكى باشقا ساق كىشىلەر ناماز ۋاقتىدا ئۇخلاپ قالسا ياكى نامازنى ئادا قىلىشنى ئۇنتۇپ قالسا، ئۇ كىشىگە ئۇيقۇدىن ئويغانغاندا ياكى ئېسىگە يەتكەندە دەرھال ئۇ نامازنى ئادا قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ، ئۇ نامازنى كېچىكتۈرۈپ شۇنىڭ ئوخشىشىنىڭ ۋاقتى كىرگەندە ئادا قىلىمەن دەپ كېچىكتۈرۈش توغرا بولمايدۇ.
13-ھەر قانداق ئەھۋالدا نامازنى تەرك قىلىش توغرا بولمايدۇ، بەلكى مۇكەللەپ بولغان ئىنسانغا ساق بولسۇن ياكى كېسەل بولسۇن ھەر قانداق ھالەتتە نامازنى ئۆز ۋاقتىدا ئادا قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ، چۈنكى ناماز دېگەن ئىسلامنىڭ تۈرىكىدۇر. ئىككى شاھادەت كەلىمىسىدىن كېيىنكى ئەڭ كاتتا پەرزدۇر. مۇسۇلمان ئۈچۈن گەرچە كېسەل بولسىمۇ، پەرز نامازنى ھەتتا ۋاقتى چىقىپ كەتكۈچە ئادا قىلماي تەرك قىلىش لايىق بولمايدۇ، ئەقلى ھۇشى جايىدا بولغان مۇددەتتە يۇقىرىدا تەپسىلى بايان قىلىنغان بويۇنچە تاقىتىنىڭ يېتىشچە نامازنى ۋاقتىدا ئادا قىلىشى كېرەك. ئەمما بەزى كېسەللەرنىڭ نامازنى كېچىكتۈرۈپ كېسەلدىن شىپا تاپقاندىن كېيىن ئادا قىلىشى توغرا بولمايدۇ، بۇنداق قىلىشنىڭ شەرىئەتتە ھېچ ئەسلى يوقتۇر.
14-كېسەل ئۈچۈن ھەر نامازنى ئۆز ۋاقتىدا ئادا قىلىش قىيىن بولسا، ئۇ كىشى پېشىن بىلەن ئەسىرنڭ، شام بىلەن خۇپتەننىڭ ئارىسىنى جۇپلاپ ئىلگىرى ياكى كېيىن قىلىپ قايسى شەكىلدە ئادا قىلىش ئاسان بولسا شۇ شەكىلدە ئوقۇسا بولىدۇ. ئەمما بامدات نامىزى ئۆزىنىڭ ئالدىدىكى ياكى كېيىنكى ناماز بىلەن جۇغلانمايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ۋاقتى ئۆزىدىن ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى نامازنىڭ ۋاقتىدىن ئۈزۈلگۈچىدۇر.
ئاللاھ تائالا ياخشىلىققا مۇۋەپپەق قىلغۇچىدۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
پەتىۋادا: شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز. شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئال شەيخ. شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى غەديان. شەيخ سالىھ پەۋزان. شەيخ بەكىر ئەبۇ زەيد. [” سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، دىنى تەشۋىقات پەتىۋا كومىتېتى پەتىۋاسى” 24-توم 405-بەت].