قارشى تەرەپكە تېلېفون ئۇرغاندا ئۇنىڭ ساداسى ئۈچۈن كىشىلەر ئوخشاش بولمىغان ئاۋازلارنى قوللىنىدۇ: بەزىلەر بۇ ئاۋازنىڭ قۇرئان ئايەتلىرى ياكى دۇئا ياكى ئەزان بولۇشىنى تاللىسا، بەزىلەر ئۇنىڭ مۇزىكا ياكى ناخشا بولۇشىنى تاللايدۇ.
ئەسلى ئېتىبارى بىلەن بۇ خىزمەتتىن پايدىلىنىش جائىزدۇر. ئەمما ئۇنىڭ شەرتى مەزكۇرئاۋازنىڭ پايدىلىق ياكى ھېچ بولمىغاندائاڭلىسا گۇناھ بولمايدىغان نەرسىلەردىن بولۇشىدىن ئىبارەتتۇر. شۇنىڭدەك مەزكۇر ئاۋازنىڭ ناخشا ياكى مۇزىكا بولماسلىقى لازىم. چۈنكى مۇزىكا ۋە ناخشا ئاڭلاشنىڭ ھاراملىقى ھەققىدە كەلگەن شەرىئەت دەلىللىرى شۇنى تەقەززا قىلىدۇ.
ئەمما مەزكۇر تېلېفون ئاۋازى ئۈچۈن بىرەر قارىينىڭ قىرائىتىنى تاللاش قۇرئاننى خورلىغانلىق بولىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمنى ئوقۇش، چۈشىنىش، تىلاۋىتى بىلەن ئىبادەت قىلىش، كۆرسەتمىلىرى بويىچە ئەمەل قىلىش ئۈچۈن چۈشۈرگەندۇر.
ئاللاھ تائالانىڭ كالامى بولغان قۇرئان كەرىم بوش ۋاقتىمىزنى تولدۇرۇش ياكى قارىش تەرەپنى تېلېفونغا چاقىرىش ئۈچۈن قوللىنىشتىن ئەلۋەتتە ئۈستۈن ۋە ئۇلۇغدۇر. ئەزانمۇ شۇنىڭغا ئوخشاشتۇر. چۈنكى ئەزان ئىسلامدىكى ئەڭ ئۇلۇغ ۋە ئەڭ كاتتا ئىبادەت بولغان نامارنىڭ ۋاقتىنى ئېلان قىلىش ئۈچۈن بۇيرۇلغان چاقىرىقتۇر. ئۇنى لايىقىدا ئۇلۇغلاش
لازىم. ئۇنى تېلېفون ئاۋازى سۈپىتىدە قوللىنىشتىن ئىبارەت دۇنيا ئىشلىرى ئۈچۈن خىزمەتكە سېلىشقا بولمايدۇ. ئەمدى دۇئاغا كەلسەك، ئىش يەنە شۇنداقتۇر. سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ كاتتا ئۆلىمالىرىدىن شەيخ سالىھ ئەلفوزان قول تېلېفونىغا مۇزىكا ئورنىدا قۇرئان ياكى ئەزان ياكى دۇئا قويۇش مەسىلىسىگە نېمە دەيلا؟ دەپ سورالغان سوئالغا جاۋاب بېرىپ: بۇ ئەزاننى، قۇرئاننى ۋە زىكىرنى خورلىغانلىقتۇر. بۇلارنى تېلېفون ئاۋازى سۈپىتىدە قوللىنىشقا بولمايدۇ. بەزىلەر ” بۇنداق قىلىش مۇزىكىدىن ياخشىغۇ“دەيدۇ. سىز مۇزىكا قويۇِشقا مەجبۇرمۇ؟ مۇزىكىنى تاشلاڭ! مۇزىكىسى يوق، قۇرئانمۇ يوق زىلدىن بىرىنى قويۇڭ دېگەن.
(دەۋەتژۇرنىلى 2097- سان.