چارشەنبە 3 جىمادۇسسانى 1446 - 4 دىكابىر 2024
Uygur

فوركىس سىستېمىسى ئارقىلىق پۇل سودىسى قىلىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

ئىنتېرنېت ئارقىلىق سودا قىلىنىدىغان فورىكىس سىستېمىسىدا پۇل ئىلىم-سېتىم سودىسى قىلسا توغرا بولامدۇ؟، سودا پۈتكەندىن كېيىن تاپشۇرۇپ بېرىشنى بىر-ئىككى كۈن كېچىكتۈرۈپ پۇلنى ئىلىپ قالسا قانداق بولىدۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ياخشىلىقتا ئۇلارغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمىتى، سالامى ۋە بەرىكىتى بولسۇن.

پۇل سودىسى سودا قىلىشقان پۇلنى ھەقىقى تاپشۇرۇپ ئىلىش ئەمەلىيلەشسە، مۇئامىلە جازانە شەرتلىرىدىن سالامەت بولسا دۇرۇس بولىدۇ. جازانە شەرتلىرى دېگەن:  پۇلنى كېچىسى قالدۇرغانغا ھەق ئېلىشنى شەرت قىلىشقا ئوخشاش بولۇپ، ئۇ مەبلەغ سالغۇچىغا شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە سودىنى بىر تەرەپ قىلمىسا پايدىنى شەرت قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

ئەمما تاپشۇرۇپ ئېلىش توغرىسىدىكى سۆزىمىز ئىلگىرى 72210 – نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا تەپسىلى بايان قىلىندى.

ئەمما پۇلنى كېچىسى قالدۇرغانغا ھەق ئېلىش ۋە پايدا نىسبىتى ئېلىش توغرىسىدا ئىسلام پىقھى مەجمۇئەسىدىن قارار چىقىرىلغان بولۇپ، ئۇ قارارنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىدىن ئىبارەت:

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر بىر ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز، سەيىدىمىز، ئەڭ ئاخىرىقى پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ  ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ئىسلام پىقھى مەجمۇئەسى كېڭىشى ھىجىرىيە 1427 -يىلى 3 -ئاينىڭ10-كۇنىدىن 14 -كۈنىگىچە، مىلادىيە 2006 -يىلى 8 -ئاپرىلدىن 12 -ئاپرىلغىچە، مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە ئىسلام دۇنياسى بىرلىكى بىلەن ھەمكارلىقتا ئىلىپ بارغان ئون سەككىزىنچى قېتىملىق قۇرۇلتايدا بۇ مەسىلىگە قاراپ چىققان: “خېرىدار ئۆزى سېتىۋالماقچى بولغان نەرسىنىڭ قىممىتىدىن ئازراق بىر نەرسىنى بېرىدۇ، ئوتتۇرىدا ۋاسىتە بولغۇچى(بانكا ياكى باشقا تەرەپ) مالنىڭ قىممىتىنىڭ قالغىنىنى قەرز شەكىلدە بېرىدۇ، سېتىۋالغان نەرسىنىڭ توختامى ۋاسىتە بولغۇچى تەرەپتە قەرز بەرگەن مالنىڭ ئورنىدا گۆرە ھېسابىدا تۇرىدۇ.

كىڭەش سۇنۇلغان تەتقىقاتقا قاراپ چىقىپ، بۇ تېما توغرىسىدا كۆپ مۇزاكىرە قىلىشقاندىن كېيىن بۇ مەسىلە توغرىسىدا  كېڭەشنىڭ قارىشى تۆۋەندىكىدىن ئىبارەت:

1-تىجارەت قىلىش: (پايدا ئىلىش مەقسىتىدە ئىلىم-سېتىم قىلىش)، بۇ مۇئامىلە كۆپ ۋاقىتلاردا ئاساسلىق مەبلەغدە ياكى مالىيە چەكلىرىدە (پاي چېكى، بانكا چېكى دېگەندەك) ياكى تاۋارنىڭ بەزى تۈرلىرىدە تامام بولىدۇ، بەزى ۋاقىتتا تاللاش توختاملىرى، قەرەللىك توختاملار ۋە ئاساسلىق بازار كۆرسەتكۈچلىرىدىكى سودىنىمۇ ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.

2-قەرز: ئۇ بولسىمۇ ئەگەر ۋاستىچى بانكا بولسا خېرىدارغا بىۋاستە بېرىدىغان مەبلەغ ياكى ۋاستىچى بانكا بولماي باشقا تەرەپ بولسا ئۇ بېرىدىغان مەبلەغدىن ئىبارەتتۇر.

3-جازانە: بۇ سودىدا پۇلنى كېچىسى قالدۇرغانغا ھەق ئېلىشنى شەرت قىلىش بىلەن بولىدۇ. ئۇ مەبلەغ سالغۇچىغا شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە سودىنى بىر تەرەپ قىلمىسا يۈزدە نەچچە پىرسەنت ياكى مەلۇم پايدىنى شەرت قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

4- ئارىچىلىق ھەققى: ئۇ بولسىمۇ خېرىدارغا سودا قىلىپ بېرىش نەتىجىسىدە ھاسىل بولغان مالدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇ ساتقان ياكى سېتىۋالغان مالنىڭ قىممىتىدىن ئىككى تەرەپ ئىتتىپاققا كەلگەن نىسبەتتىن ئىبارەتتۇر.

5-گۆرە: ئۇ بولسىمۇ، ۋاستىچىنىڭ يېنىدا قەرز بەرگەن پۇلنىڭ ئورنىدا سودا كېلىشىمىنى باقى قىلىش بىلەن خېرىدارنى لازىم تۇتۇش كېرەك بولۇپ، ئۇنى مۇشۇ سودا كېلىشىمىدە بەرگەن ھەقنىڭ ئورنىدا، خېرىدار تاۋارنىڭ باھاسى چۈشۈپ كەتكەننىڭ مۇقابىلىسىدە گۆرۈنى زىيادە قىلمىسا، ئۇنىڭ زىيىنى مالنىڭ نىسبىتىدىن گۆرۈگە قويغان نەرسىنىڭ نىسبىتىگە يەتكەندە قەرزنى تولۇقلاش ئۈچۈن تۇتۇپ قالىدۇ.

كېڭەش بۇ شەكىلدىكى سودىنى بىر قانچە سەۋەبلەر بىلەن شەرىئەتتە دۇرۇس بولمايدۇ دەپ قارىدى:

بىرىنچى: بۇ سودا پۇلنى كېچىسى قالدۇرغانغا ھەق ئىلىش دەپ ئاتالغان قەرز بەرگەن مەبلەغدىن زىيادە بىر نەرسە ئېلىشنى شەكىللەندۈرىدىغان ئوپ-ئوچۇق جازانىدىن ئىبارەتتۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اتَّقُوا اللَّهَ وَذَرُوا مَا بَقِيَ مِنَ الرِّبا إِنْ كُنْتُمْ مُؤْمِنِينَ * فَإِنْ لَمْ تَفْعَلُوا فَأْذَنُوا بِحَرْبٍ مِنَ اللَّهِ وَرَسُولِهِ وَإِنْ تُبْتُمْ فَلَكُمْ رُؤُوسُ أَمْوَالِكُمْ لا تَظْلِمُونَ وَلا تُظْلَمُونَ  تەرجىمىسى: «ئى ئىمان ئېيتقان كىشىلەر! ھەقىقىي مۆمىن بولساڭلار، ئاللاھنىڭ ئەمرىگە) مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، (كىشىلەرنىڭ زىممىسىدە )قېلىپ قالغان جازانىنى) يەنى ئۆسۈمنى ئالماڭلار، ئەگەر شۇنداق قىلمىساڭلار، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىغا ئۇرۇش ئاچقان بولىسىلەر.  ئەگەر جازانە قىلىشتىن) تەۋبە قىلساڭلار، (قەرز بەرگەن سەرمايەڭلار ئۆزۈڭلارغا قايتىدۇ، باشقىلارنى زىيان تارتقۇزمايسىلەر، ئۆزۈڭلارمۇ زىيان تارتمايسىلەر.» [سۈرە بەقەرە 278-279 – ئايەتلەر].

ئىككىنچى: ۋاستىچىنىڭ خېرىدارغا سودىنىڭ ئۆزى ئارقىلىق قىلىشنى شەرت قىلىشى قەرز بېرىش بىلەن ئارىچىلىق قىلىشنىڭ ئارىسىنى جۇغلاشقا ئېلىپ بارىدۇ. بۇ مەنادا سودا بىلەن قەرزنى جۇغلىغانلىق بولۇپ، بۇنداق قىلىش شەرىئەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «بىر كېلىشىمدە قەرز بىلەن سودا دۇرۇس بولمايدۇ» دېگەن سۆزىگە كۆرە چەكلەنگەن. [ بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد 3 -توم 304 -بەتتە، تىرمىزى 3 -توم 526 -بەتتە كەلتۈرگەن ۋە ھەسەن، سەھىھ دېگەن].

ئۇ كىشى بۇنىڭ بىلەن ئۆزى بەرگەن قەرزدىن مەنپەئەتلەنگەن بولدى، بارلىق پىقھى ئالىملىرى ئىنسانغا مەنپەئەت ئىلىپ كېلىدىغان ھەرقانداق قەرزنىڭ چەكلەنگەن جازانە ئىكەنلىكىگە ئىتتىپاققا كەلگەن.

ئۈچىنچى:  خەلقئارا سودا بازىرىدا ئىلىپ بېرىلىۋاتقان بۇنداق تىجارەتلەر كۆپ ۋاقىتلاردا شەرىئەتتە چەكلەنگەن نۇرغۇن كېلىشىملارنى ئۆز ئېچىگە ئالغان ھالەتتە تامام بولىدۇ. چەكلەنگەن كىلىشىملەردىن:

1-بانكا چېكىدە تىجارەت قىلىش، بۇ ھارام بولغان جازانىدۇر. بۇ توغرىدا ئىسلام پىقھى مەجمۇئەسى جىددە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئالتىنچى قۇرۇلتايدا 60 -نومۇرلۇق قارار  بىلەن ھۆججەت چىقاردى.

2-شىركەتلەرنى ئايرىماستىن ھەممىسىنىڭ پاي چېكى بىلەن تىجارەت قىلىش. ئىسلام پىقھى مەجمۇئەسى ھىجىرىيە 1415 -يىلى ئىسلام دۇنياسى بىرلىكى بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن ئون تۆتىنچى قېتىملىق قۇرۇلتايدا، ئاساسى نىشانى ھارام بولغان ياكى بەزى مۇئامىلىلىرى جازانە بولغان شىركەتلەرنىڭ پاي چېكىدە تىجارەت قىلىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى قارار قىلدى.

3-پۇل ئىلىم-سېتىم ئىشلىرى كۆپ ۋاقىتلاردا تەسەررۇپ قىلىش دۇرۇس بولىدىغان شەرئى پرىنسىپقا ئۇيغۇن شەكىلدە تامام بولىدۇ.

4-تاللاش توختاملىرى، قەرەللىك توختاملار بىلەن تىجارەت قىلىش، بۇ توغرىدا ئىسلام پىقھى مەجمۇئەسى جىددە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئالتىنچى قۇرۇلتايدا ئاتمىش ئۈچىنچى- نومۇرلۇق قارارىدا:  تاللاش توختاملىرى شەرىئەتتە توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ توختام  مەنپەئەتلىنىش دۇرۇس بولىدىغان ھەقىقى مالىيەگە ياكى مەنپەئەتكە ياكى مالغا كېلىشىم قىلىنمىغان، قەرەللىك توختاملار ۋە ئاساسلىق بازار كۆرسەتكۈچلىرىدىكى سودىنىڭ ھۆكمىمۇ مۇشۇنداق بولىدۇ.

5-ۋاستىچى بەزى ۋاقىتلاردا ئۆزىنىڭ بولمىغان نەرسىنى ساتىدۇ، ئۆزىنىڭ بولمىغان نەرسىنى سېتىش شەرىئەتتە چەكلەنگەن.

تۆتىنچى:  بۇ تۈردىكى تىجارەت ئەتراپىدا مۇئامىلە قىلىشقان تەرەپلەرگە ئىقتىسادى زىيان يەتكۈزۈشنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ. ئومۇمەن جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادىغا خۇسۇسەن مەبلەغ سالغۇچى خېرىدارغا زىيان يەتكۈزىدۇ. چۈنكى بۇ مۇئامىلە قەرزنى كېڭەيتىش ۋە تەخمىن سودا قۇرۇلمىسى بىلەن ماڭىدۇ. بۇ يەنە ئالداش، ئازدۇرۇش، شېرىكلىشىش، بېسىمدارلىق قىلىش، ئالمايدىغان نەرسىنىڭ باھاسىنى ئاشۇرۇپ قويۇش، كۈچلۈك شەكىلدە سودىنىڭ تۈرىنى ئۆزگەرتىش ۋە يوشۇرۇن باھا قويۇش قاتارلىق ئىشلارنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ. تىز باي بولۇش نىشانى بىلەن توغرا بولمىغان يوللار بىلەن زەھەرلىك چېكىملىك ئىلىم- سېتىملىرىغىچە كىرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ھارامدىن مال توپلاپ يەيدۇ، بۇنىڭدىن سىرت، ئىقتىساد گۈللەنگەن، تەرەققى قىلغان ۋە نەتىجىسى كۆرۈلۈۋاتقان جەمئىيەتتىكى ئىقتىسادنى ئىقتىسادى نەتىجە كۆرەلمەيدىغان قارىغۇلارچە تىجارەت يوللىرىغا يۆتكەيدۇ، بۇ جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادىنى كۈچلۈك تەۋرىتىۋېتىدۇ، جەمئىيەتكە ئېغىر زىيانلارنى كەلتۈرىدۇ.

ئىسلام پىقھى مەجمۇئەسى شىركەتلەرنى ئىقتىسادى مۇئامىلىدە جازانە ۋە شۈبھىلىك ئىشلارنى ئۆز ئېچىگە ئالمايدىغان قانۇنلۇق يوللار بىلەن مال يۆتكەشكە، خېرىدارلىرىغا ياكى ئۆزىگە شېرىك بولغان باشقا تەرەپلەرگە ئومۇمى تەرەپتىن ئىقتىسادى زىيان يەتكۈزمەسلىكنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

ئاللاھ تائالا ھەممەيلەننى ياخشىلىققا ۋە توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلغۇچىدۇر.

پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

“ئىسلام پىقھى مەجمۇئەسى ژورنىلى”  22 -سان 229 -بەت.

ئاللاھ تائالادىن بىزنى ۋە  سىزنى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلىشنى سورايمىز.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى