جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

روزىدار كىشىنىڭ ھور ياكى تۈتۈن چىقىرىدىغان ئۈسكىنىلەرگە يېقىن ئولتۇرىشىنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

رامزاننىڭ كۈندۈزدە ھور ياكى تۈتۈن چېقىپ تۇرىدىغان ئۈسكىنىلەرگە يېقىن ئولتۇرۇشنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟ بۇ مېنىڭ دائىملىق قىلىدىغان ئىشىم، بۇنىڭ ھۆكمى قانداق؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    بۇنىڭدا ھېچ گەپ يوق، لىكىن ھور ياكى تۈتۈننى سۈمۈرۈش ئۈچۈن قەستەن يېقىن ئولتۇرماسلىق كېرەك، ئەگەر ئۇنى مەقسەت قىلمىغان ۋە خالىمىغان ھالەتتە ھور ياكى تۈتۈن دىمىغىدىن ياكى ئېغىزىدىن كىرىپ كەتسە بۇنىڭ روزىغا زىيىنى بولمايدۇ.

["ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالار مەجمۇئەسى رامىزان پەتىۋاسى" 281-بەت].

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى