بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.
بىرىنچى: ئەر-ئايال ھەر ئىككىسى رامزاننىڭ كۈندۈزىدە ئۆزىگە ئىگە بولالىسا بىر-بىرى بىلەن ئوينىشىشى دۇرۇس بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام رامزاندا كۈندۈزدە ئاياللىرىنى قۇچاقلاپ، سۆيۈپ قوياتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزىگە ئىگە بولالايتتى. [بۇخارى رىۋايىتى 1927-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1106-ھەدىس].
ئەر كىشى ئايالى بىلەن رامزاننىڭ كۈندۈزىدە جىما قىلماستىن قۇچاقلاپ، سۆيۈشسە چوقۇم ئىككى خىل ھالەتنىڭ بىرى يۈز بېرىدۇ:
بىرىنچى ھالەت: بۇ شەكىلدە قۇچاقلاپ، سۆيۈشۈشتىن سپېرما چىقىش كېلىپ چىقىدۇ. بۇنداق ھالەتتە روزا سۇنىدۇ، قايسىسىدىن مەنىي چىقىپ كەتكەن بولسا ئۇنىڭ ئۈچۈن شۇ كۈنلۈك روزىنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك بولىدۇ.
ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ "ئەلمەجمۇئ" ناملىق ئەسەر 6-توم 349-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "رامىزاندا كۈندۈزدە، ئايالى بىلەن قۇچاقلىشىپ، سۆيۈشۈپ، ئايالنىڭ جىنسى ئەزاسىدىن باشقا جايلىرىغا زەكەرنى سۈركەپ ياكى ئايالنىڭ بەدەنلىرىنى سىلاش ئارقىلىق سپېرما چىقىپ كەتكەن بولسا، روزا بۇزۇلىدۇ، مەنىي چىقمىغان بولسا روزا بۇزۇلمايدۇ". ساھىبۇلھاۋى ۋە باشقا ئالىملارنىڭ نەقىل قىلىشچە: "رامزاننىڭ كۈندۈزىدە ئايالى بىلەن قۇچاقلىشىپ، سۆيۈشۈپ، پەرجىدىن باشقا جايلارغا جىنسى ئەزاسىنى سۈركەش نەتىجىسىدە سپېرما چىقىپ كەتسە روزىسى سۇنىدۇ" تۈگىدى.
شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەر كىشى ئايالى بىلەن قۇچاقلىشىپ بەدەنلىرىنى سىلاپ ياكى يۈزلىرىگە سۆيۈپ ياكى جىما قىلماستىن پەرجىنى سىلاش ئارقىلىق مەنىي چىقىپ كەتكەن بولسا روزىسى سۇنىدۇ، مەنىي چىقمىغان بولسا روزىسى سۇنمايدۇ". تۈگىدى. [شەرھى مۇمتىئ ناملىق ئەسەر 6-توم 388-بەت].
ئىككىنچى ھالەت: يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار سەۋەبىدىن يەنى قۇچاقلىشىپ، سۆيۈشۈش ئارقىلىق مەنىي چىقماي، مەزى چىققان بولسا، بۇنداق ھالەتتە روزا بۇزۇلمايدۇ.
پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "روزىدار كىشىنىڭ (جىما قىلماستىن) ئايالى بىلەن قۇچاقلىشىپ، سۆيۈشۈشى دۇرۇس بولىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ روزىدار ھالەتتە تۇرۇپ ئاياللىرىنى قۇچاقلاپ، سۆيۈپ قوياتتى. ئەمما ئۇ كىشىنىڭ شەھۋىتى تىز قوزغىلىدىغان، ئۆزىنى تۇتالمايدىغان بولۇپ، روزىدا چەكلەنگەن ئىشلارنى سادىر قىلىپ قويۇشتىن ئەنسىرىسە، ئۇنداق ھالەتتە بۇ ئىشلاردىن يىراق تۇرۇشى كېرەك. ئەگەر مەنىي چىقىپ كەتسە، شۇ كۈنى روزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، كېيىن ئۇ بىر كۈننىڭ قازاسىنى قىلىدۇ. كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا ئۇلارغا كاپارەت كەلمەيدۇ، ئەمما مەزى چىققان بولسا، ئالىملارنىڭ توغرا قارىشىدا روزا بۇزۇلمايدۇ، چۈنكى روزىنىڭ ساغلاملىقى بۇزۇلماسلىقى ئەسلى قائىدىدۇر. چۈنكى مەزى چىقىپ كېتىشتىن كۆپ ۋاقىتلاردا ساقلانغىلى بولمايدۇ، ئاللاھ تائالا توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلسۇن". [شەيخ ئىبنى باز پەتىۋالىرى 15-توم 315-بەت].
پەزىلەتلىك شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھدىن: روزىدار كىشى ئايالى بىلەن قۇچاقلىشىپ مەزى چىقىپ كەتسە روزىسى بۇزۇلامدۇ؟ دەپ سورىغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: "روزىدار كىشى ئايالى بىلەن قۇچاقلىشىپ، مەزى چىقىپ كەتسە، بىزنىڭ قارىشىمىزدا ئالىملارنىڭ بىرلىكى بىلەن ئۇ كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلمايدۇ، چۈنكى روزا بۇزۇلىدۇ دەيدىغانغا ئېنىق دەلىل يوق، مەزىنى مەنىيگە قىياس قىلىش توغرا بولمايدۇ. چۈنكى مەزى مەنىيگە ئوخشىمايدۇ. بىز كۈچلاندۇرغان بۇ قاراش: ئىمام شافىئى، ئىمام ئەبۇ ھەنىپە رەھىمەھۇللاھلارنىڭ قارىشى بولۇپ، شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھمۇئۆزىنىڭ "شاخچى مەسىلىلەر" ناملىق ئەسىرىدە بۇ قاراشنى كۈچلاندۇرغان. شۇنداقلا، "ئەلئىنساپ" ناملىق ئەسىرىدە بۇ قاراشنى توغرا قاراش دېگەن". تۈگىدى.ئىبنى ئۇسەيمىين پەتىۋالار توپلىمى 19-بەت 236-بەت].
بۇ ھەقتە كۆپرەك مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن 37715-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.
ئۈچىنچى: مۇشۇنداق ھالەتتە روزىدار كىشى ئۆزىدىن مەنىي چىقتىمۇ ياكى مەزى چىقتىمۇ؟ بۇنى بىلەلمىسە، ئاساسەن چىققان نەرسە مەزى ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى مەزى دېگەن ئۆز-ئارا ئويناشقان ۋاقىتتا چىقىدۇ، بۇنداق شەكلىك ھالەت بىلەن روزىنىڭ بۇزۇلغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىنمايدۇ.
بىز ئىلگىرىمۇ تور بېتىمىزدە 99507- ۋە 2358-نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىدا مەنىي بىلەن مەزىنىڭ پەرقىنى ئوچۇق بايان قىلىپ ئۆتكەن ئىدۇق، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يەردە قايتا توختالمايمىز.