چارشەنبە 15 شەۋۋال 1445 - 24 ئاپرىل 2024
Uygur

تاڭ يورۇشتىن ئىلگىرى پاك بولغانلىقىدا شەكلىنىپ قالغان ئايال قانداق قىلىدۇ؟ روزا تۇتۇپ، نامازنى ئادا قىلىۋېرەمدۇ؟

سۇئال

   ئايلىق ئادىتىم توشىدىغان ئاخىرقى كۈنى تاڭ يورۇشتىن ئىككى سائەت بۇرۇن سېرىق ئارىلاش نەرسىلەر كەلدى، ئاندىن ئۇخلىدىم، كىلىدىغان نەرسە تاڭ يورۇشتىن بۇرۇن توختىدىمۇ ياكى تاڭ يورىغاندىن كېيىنمۇ بۇنى بىلمەيمەن، ئەتتىگەندە كىلىدىغان نەرسىنىڭ توختىغانلىقىنى مۇلاھىزە قىلدىم، ئاندىن يەنە ساقلاپ باقتىم بىر نەرسە كەلمىدى، پىشىنغا ئەزان ئوقۇلغاندىن كىيىن يۇيۇندۇم، مەن پىشىن نامىزىنىلا ئوقۇشۇم كېرەكمۇ ئۆتۈپ كەتكەن نامازنىڭمۇ قازاسىنى قىلىمەنمۇ؟رامزاندىن كىيىن مۇشۇ كۈندىكى روزىنىڭ قازاسىنى قىلىمەنمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

     ئايال ئادەت كۆرۈپ قالغاندا، تولۇق پاك بولغانلىقىغا ئىشەنچ قىلغانغا قەدەر ھەيزلىك ھالەتتە بولىدىغانلىقى ئەسلى قائىدىدۇر. ھەيز ئاخىرلاشتىمۇ ياكى ئاخىرلاشمىدىمۇ؟ دەپ شەكتە بولغاندا ناماز ئوقۇشى ۋە روزا تۇتىشى توغرا بولمايدۇ. بۇنىڭ تەپسىلاتىنى 106452-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلدۇق.

    ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئاياللارنى تولۇق پاكىزە بولغانلىقىغا ئىشەنچ قىلغانغا قەدەر ئالدىرماسلىق ۋە تەمكىن بولۇشقا بۇيرۇپ، ئۇلارغا مۇنداق دەيتتى: «ئاپپاق سۇنى كۆرگەنگە قەدەر ئالدىرماڭلار» بۇنىڭدىن ھەيزدىن تولۇق پاك بولىشىنى مەقسەت قىلاتتى.

    مۇشۇنىڭغا ئاساسەن: سىزگە شۇ كۈندىكى بامدات نامىزىنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك بولمايدۇ، پىشىن نامىزىنى ئادا قىلىشىڭىز پەرىز بولىدۇ، چۈنكى سىز ھەيزدىن تولۇق پاك بولغاندىن كىيىن پىشىن نامىزىنىڭ ۋاقتى كىردى.

    روزا مەسىلىسىگە كەلسەك، سىز گەرچە شۇ كۈندە روزا تۇتقان بولسىڭىزمۇ تۇتقان روزىڭىز توغرا بولمايدۇ، چۈنكى سىز روزىنىڭ دەسلەپكى ۋاقتىدا ھەيزدار ئىدىڭىز، رامزاندىن كىيىن شۇ كۈندىكى روزىنىڭ قازاسىنى قىلىشىڭىز كېرەك بولىدۇ.

     ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى