پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

يېڭىدىن مۇسۇلمان بولغان كىشى شەرىئەت ھۆكۈملىرىنى بىر قېتىمدىلا بىلىشى كېرەكمۇ؟

سۇئال

يېڭىدىن مۇسۇلمان بولغان كىشى ئىسلام شەرىئەتلىرى ۋە ھۆكۈملىرىنى بىر قېتىمدىلا بىلىشى كېرەكمۇ؟ياكى تەدرىجى ئۆگىنەمدۇ؟، دەسلەپتە ئېتىقاد ئاساسلىرىدىن باشلامدۇ ياكى پەرز، ھارام قاتارلىق شەرىئەت ھۆكۈملىرىنىڭ ئاساسىدىن باشلامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بۇ سوئالنىڭ ئۆلچىمى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسلامغا دەۋەت قىلىش ئۈچۈن دەۋەتچىلەرنى ئەۋەتكەن ھالىتىدۇر. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دەۋەتچىلەرنى ئەۋەتكەن ۋاقتىدا ئۇلارنى ئالدى بىلەن تەۋھىد يەنى ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ مەبۇد بەرھەق يۇقتۇر دېگەن سۆزگە، ئاندىن ناماز، ئاندىن زاكات، ئاندىن ۋاقتى كەلگەندە روزا ۋە ھەجگە بۇيرۇشقا ئەۋەتەتتى. مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى يەمەنگە ئەۋەتكەندە، ئەڭ ئاۋۋال ئاللاھنىڭ بىرلىكى تەۋھىدكە چاقىرىشقا ئەگەر ئۇلار بۇنى قوبۇل قىلسا، نامازغا چاقىرىش، بۇنى قوبۇل قىلسا، زاكاتقا چاقىرىشقا بۇيرىغان، روزا بىلەن ھەج زىكىر قىلىنمىغان، چۈنكى مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى يەمەنگە ئەۋەتكەن ۋاقىت رامىزان بىلەن ھەج ۋاقتى ئەمەس ئىدى، ئۇنى ھىجىريىنىڭ 10-يىلى 3-ئاي رەبىئۇل ئەۋۋەل ئېيىدا ئەۋەتكەن بولۇپ ھەجگە مەلۇم ۋاقىت بار ئېدى، رامىزانغىمۇ شۇنداق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھېكمەتلىرىدىن ئىسلام شەرىئەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىراقلا بايان قىلىش بىلەن دەۋەت قىلىنغۇچىلارنى چۆچۈتۈپ قويماسلىق ئېدى. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايەتتىكى ھېكمىتىنىڭ دائىرىسىدىندۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ادْعُ إِلَى سَبِيلِ رَبِّكَ بِالْحِكْمَةِ تەرجىمىسى: پەرۋەردىگارىڭنىڭ يولىغا (يەنى ئىسلام دىنىغا) ھېكمەتلىك ئۇسلۇبتا ياخشى ۋەز ـ نەسىھەت بىلەن دەۋەت قىلغىن. [سۈرە نەھل 125-ئايەت].

    ئۇ كىشى مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن دەرھال ساقال قويۇش ۋە ئىشتاننى قىسقا كېيىش قاتارلىق شاخچە ھۆكۈملەرنى بايان قىلامدۇ؟.

     بۇنىڭ جاۋابىمۇ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يولى بويىچە بولىدۇ، ئالدى بىلەن ئىسلام ئاساسلىرىدىن باشلايدۇ، ئىسلام ئاساسلىرى دىلىدا ئورناشقاندىن، كۆڭلى ئۇنىڭغا قانائەت ھاسىل قىلغاندىن كېيىن مۇھىم ھۆكۈملەردىن باشلاپ چۈشەندۈرۈلىدۇ، بۇ ئاللاھنىڭ قانۇنىي پرىنسىپىدۇر. تۆرەلمىنىڭ بەچچىداندا قايسى شەكىلدە تەدرىجى تەرەققى قىلىدىغانلىقىغا قاراڭ، شۇنىڭغا ئوخشاش تۆت پەسىلمۇ بىردىن كېيىن يەنە بىرى كېلىدۇ، قۇياش چىققاندىن باشلاپ غەرپكە پاتقىچىمۇ شۇنداق بولىدۇ، ئەگەر ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىپ شەرىئەتنىڭ ھەممىسىگە بۇيرىساق ياكى شەرىئەتنىڭ ھەممىسىنى تەلىم بەرسەك ۋاقىت ئۇزۇن بولۇپ كېتىدۇ، بەلكى ئۇ كىشىنىڭ ئىسلام دىندىن يىراقلىشىپ كېتىشىگە سەۋەپ بولۇپ قالىدۇ". [شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھنىڭ "مۇسۇلمانلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاپ" ناملىق رىسالىسى 1-توم 27-30-بەت]. 

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى