پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ئۆيلەردە بار بولغان خورمىلارنىڭ زاكىتى توغرىسىدا

11051

تارقاتقان ۋاقىت : 12-05-2022

كۆرگۈچىلەر : 775

سۇئال

    نۇرغۇن ئۆيلەردە خورمىلار بار، بەزەن ۋاقىتتا ئۇ خورمىلارنىڭ مېۋىسى زاكات ئۆلچىمىگە يېتىدۇ ياكى ئېشىپ كېتىدۇ، ئۇنىڭغا زاكات پەرىز بولامدۇ؟، ئەگەر ئۇنىڭدىن يېسە ۋە باشقىلارغا ھەدىيە-سوغات قىلسا ئۇ زاكاتقا كۇپايە قىلامدۇ؟، ئەگەر زاكات بەرسە قانچىلىك مىقداردا زاكات بېرىدۇ؟، ئۇنىڭ ئۆلچىمى قانداق بولىدۇ؟، ئەگەر بۇنىڭدىن سېتىلسا ئۇنىڭغىمۇ زاكات كېلەمدۇ؟، ئەگەر خورما كۆچىتىنى مايسىسىنى سېتىش مەقسىتىدە تىككەن بولسا ئۇنىڭغا زاكات كېلەمدۇ؟، ئاللاھ ئەجرىڭلارنى بەرسۇن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    ئۆيدە ساقلانغان خورمىلار زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتسە ئۇنىڭغا زاكات پەرىز بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‎  يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا أَنفِقُوا مِن طَيِّبَاتِ مَا كَسَبْتُمْ وَمِمَّا أَخْرَجْنَا لَكُم مِّنَ الْأَرْضِ ‏  تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! سىلەر ئېرىشكەن نەرسىلەرنىڭ ۋە بىز سىلەرگە زېمىندىن چىقىرىپ بەرگەن نەرسىلەر (يەنى ئاشلىقلار، مېۋىلەر) نىڭ ياخشىلىرىدىن سەدىقە قىلىڭلار». [سۈرە بەقەرە 267-ئايەت].

   ئۆيدە ساقلانغان خورمىلار ئاللاھ تائالا بىزگە زېمىندىن چېقىرىپ بەرگەن نەرسىلەردىن بولۇپ، ئۇنى ئۈزگەندىن كىيىن باشقىلارغا ھەدىيە قىلىنسۇن ياكى يېيىلسۇن ياكى بازاردا سېتىلسۇن ئۇنىڭغا زاكات پەرىز بولىدۇ.

ئەگەر زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتمىسە ئۇنىڭغا زاكات پەرىز بولمايدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «خورمىدىن بەش ۋەسەقتىن ئاز بولغىنىغا زاكات پەرىز بولمايدۇ».

   بىر ۋەسەق پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سا ئۆلچىمىدە ئاتمىش سا،  پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سا ئۆلچىمى ئىككى كىلو قىرىق ئىككى گىرام ( 2.42)، ئۇنداق بولغاندا زاكاتنىڭ ئۆلچىمى ئالتە يۈز ئون ئىككى كىلو(612) بولىدۇ، مۇشۇ ئۆلچەم ياخشى بۇغدايدىمۇ ئېتىبارغا ئىلىنىدۇ، ياخشى بۇغدايدىن ئىككى كىلو قىرىق ئىككى گىرامنى جىڭغا قويغاندا بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سا ئۆلچىمىگە باراۋەر كېلىدۇ، باشقا دانلىقلارمۇ بۇغدايدا قىياس قىلىنىدۇ.

    ھەممەيلەنگەنگە مەلۇمكى، كىلۇلىنىدىغان نەرسىلەر ئېغىر-يەڭگىللىكى پەرىلىق بولىدۇ، ئەگەر ئېغىر بولسا، ئۆزىنىڭ ئېغىرلىقى مىقدارى بىلەن ئۆلچىمى زىيادە بولىدۇ.

    ئۇنىڭغا چىققان مەھسۇلاتقا يىگىرمىدىن بىر ئۆشۈر-زاكات كېلىدۇ، چۈنكى ئۇ مېۋىلەر  قۇدۇقتىن ياكى دەريادىن سۇ چىقىرىلىپ سۇغۇرۇلغان، لېكىن سۇ چىقىرىش، يەتكۈزۈش ۋە مېۋىنى تازىلاش چىقىملىرى ئايرىم چىقىرىلمايدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «يامغۇر سۈيى، بۇلاق سۈيى ياكى سەل سۈلىرى بىلەن سۇغۇرۇلغان بولسا ئوندىن بىر، چېلەك، تولۇملاردا سۇ كەلتۈرۈپ سۇغۇرۇلغان بولسا يىگىرمىدىن بىر ئۆشرە-زاكات كېلىدۇ». [بۇخارى رىۋايىتى].

    خورمىنىڭ مايسىلىرىغا زاكات كەلمەيدۇ، ئەمما ئۇ پۇلغا سېتىلسا يىل توشقاندا ئۇ پۇلغا زاكات پەرىز بولىدۇ.

    مايسىلىرىنى سېتىش ئۈچۈن تىككەن خورمىلارغا ۋە ئۆينىڭ بېغىغا مېۋىلىرىنى سېتىش ئۈچۈن تىككەن خورمىلارغا زاكات پەرىز بولمايدۇ، ئۇنى ساتقان پۇلغا يىل توشقاندا زاكات پەرىز بولىدۇ، خورمىدىن رەسمى خورما بولۇشتىن ئىلگىرى رۇتەپ (يېڭى پىشقان خورما) كۆپ يېيىلگەن بولسا، ئۇنىڭ زاكىتى رۇتەپتىن چېقىرىلىدۇ، خورما بولغىچە قالغانلىرىنىڭ زاكىتى خورمىدىن چېقىرلىدۇ.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھنىڭ "دەۋەت ژۇرنىلى" 1752-سان 37-بەت.