جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

بەدەل ھەجنىڭ ھۆكمى ۋە ئۇنىڭ قائىدىلىرى

111794

تارقاتقان ۋاقىت : 13-04-2014

كۆرگۈچىلەر : 4777

سۇئال

بىزنىڭ يۇرتىمىزدا ھەج ئۆمەكلىرى ھەجگە مېڭىشتىن ئىلگىرى بەدەل ھەج قىلىدۇرغۇچىلارنى قوبۇل قىلىدۇ، بىز ئۇلارغا ھەج پائالىيىتى جەريانىدا خىراجەت قىلىدىغان مەلۇم مىقداردا ئىقتىساد بېرىمىز، بىز ئۈچۈن ھەرەم دىيارىدا بىلىم ئىلىۋاتقان دىنى ئوقۇغۇچىلار ھەج قىلىپ قويىدىكەن، مۇشۇنداق قىلىش توغرىمۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

كۆپچىلىك كىشىلەر بەدەل ھەج ئىشىغا سەل قارايدۇ، بەدەل ھەج قېلىشنىڭ ئايرىم قائىدىلىرى، شەرتلىرى ۋە خاس ھۆكۈملىرى بار، تۆۋەندە بىز ئۇنىڭدىن بەزىلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتىمىز. ئاللاھ تائالادىن ئۇنى ھەممىمىزگە مەنپەئەتلىك قىلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز:

1-ئىسلام دىنىدا پەرز قىلىنغان ھەجنى ئۆزى ھەج قېلىشقا قادىر بولالايدىغان كىشى ئۈچۈن باشقىلارنىڭ قىلىپ قويۇشى توغرا بولمايدۇ.

ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئۆزى ھەج قېلىشقا قادىر بولالايدىغان كىشى ئۈچۈن باشقا بىر كىشىنىڭ ھەج قىلىپ قويۇشى توغرا بولمايدۇ، بۇ ئالىملارنىڭ بىرلىككە كەلگەن قارىشىدۇر".

ئىبنى مۇنزىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پەرز ھەج قىلمىغان ئەمما ئۆزى ھەج قېلىشقا قادىر بولالايدىغان كىشى ئۈچۈن باشقا بىر كىشىنىڭ ئۇ كىشى ئۈچۈن بەدەل ھەج قىلىپ قويۇشىنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىغا ئىسلام ئۆلىمالىرى بىرلىككە كەلدى،" تۈگىدى. [مۇغنى 3-توم 185-بەت].

2-بەدەل ھەجنى ساقىيىشىدىن ئۈمىت ئۈزۈلگەن كېسەل ياكى جىسمانى جەھەتتىن سەپەر قېلىشتىن ئاجىز كەلگەن كىشى(بۇ يوقسۇللۇق، سىياسىي ياكى بىخەتەرلىك سەۋەبلىك ھەج قىلىشقا ئاتلىنالماسلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ).

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "جۇمھۇر ئالىملارنىڭ قارىشىدا: ۋاپات بولۇپ كەتكەن، كېسەل، ئاجىز ساقىيىشىدىن ئۈمىد ئۈزۈلگەن كىشىلەر ئۈچۈن بەدەل ھەج قىلىش توغرا بولىدۇ. قازىي ئىياز رەھىمەھۇللاھ مالىكى مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ "ۋاپات بولۇپ كەتكەن كىشى ئۈچۈن روزا تۇتۇش ۋە بەدەل ھەج قىلىش" توغرىسىدا كەلگەن ھەدىسكە خىلاپلىق قىلغانلىقىغا ئۈزرە بايان قىلىپ، ئۇ ھەدىس مۇزتەرىب يەنى ئىسنادلىرى مۇستەھكەم ئەمەس دەيدۇ، بۇ ئۈزرە باتىل قوبۇل قىلىنمايدۇ، ھەدىس مەزتەرىب ئەمەس، ھەدىسنىڭ ئىسنادى مۇستەھكەم، بۇ ھەدىسنى ئىمام مۇسلىم ئۆزىنىڭ سەھىھ كىتابىدا دەلىل قىلىپ كەلتۈرگەنلىكى ھەدىسنىڭ سەھىھ ئىكەنلىكىگە كۇپايە قىلىدۇ". [ئىمام نەۋەۋىينىڭ مۇسلىمغا قىلغان شەرھىسى 8-توم 27-بەت].

يۇقىرىدا ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ ئىشارەت قىلىپ ئۆتكەن ھەدىسنى مالىكى مەزھەب ئالىملىرى مۇزتەرىب يەنى ئىسنادى مۇستەھكەم ئەمەس دەپ ھۆكۈم قىلغان. ئۇ ھەدىس: ئابدۇللاھ ئىبنى بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دادىسىدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: شۇ ۋاقىتتا مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ئولتۇراتتىم، تۇيۇقسىز بىر ئايال پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: مېنىڭ ئانام ئۆلۈپ كەتكەن، ئۇنىڭ ئۈچۈن بۇ دېدەكنى ئازاد قىلىۋەتسەم بولامدۇ؟ دەپ سورىۋىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: ساڭا ئەجىر-ساۋاپ بولىدۇ، ئاناڭدىن كېلىدىغان مىراسىڭ بىلەن بۇ قۇلنىڭ ھەققى تولۇقلىنىدۇ، دېدى. ئۇ ئايال: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئانامنىڭ تۇتالمىغان بىر ئايلىق روزىسى بار ئىدى، مەن تۇتسام بولامدۇ؟، دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: تۇتساڭ بولىدۇ، دېدى. ئۇ ئايال: ئانام ھەج قىلمىغان، مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەج قىلسام بولامدۇ؟ دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ھەج قىلساڭ بولىدۇ، دەپ جاۋاپ بەردى.[مۇسلىم رىۋايىتى 1149-ھەدىس]

ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «بەدەل ھەج قىلىشنى دۇرۇس بولىدۇ دەپ قارىغان ئالىملار پەرز ھەجنى ئادا قىلالماي ئۆلۈپ كەتكەن ياكى پالەچ بولۇپ قالغان كىشىلەر ئۈچۈن بەدەل ھەج قىلسا بولىدۇ دېگەن قاراشتا بىرلىككە كەلگەن. ئەمما ساقىيىش ئىھتىماللىقى بولغان كېسەل، ئەقلى-ھوشى جايىغا كېلىشكە ئىشەنچ بولغان ساراڭ، تۈرمىدىن قۇتۇلۇشى مۇمكىن بولغان مەھبۇس ۋە باي بولۇش ئېھتىماللىقى بولغان كەمبەغەل ئۈچۈن بەدەل ھەج قىلىش توغرا بولمايدۇ." تۈگىدى. [پەتھۇل بارىي 4-توم 70]

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومتېتىئالىملىرىدىن: پەرز ھەجنى ئادا قىلىپ بولغان مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ خىتايدا ياشايدىغان، پەرز ھەجنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ھەرەمگە كېلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلمىگەن ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىنىڭ بىرى ئۈچۈن بەدەل ھەج قىلدۇرسا ياكى قىلسا توغرا بولامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، ئۇلار بۇ سوئالغا جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: ئۆزى ئۈچۈن پەرز ھەجنى ئادا قىلىپ بۇلغان مۇسۇلمان كىشى ياشىنىپ قالغان ياكى ساقىيىشتىن ئۈمىدى ئۈزۈلگەن ياكى ئۆلۈپ كەتكەن مېيىت ئۈچۈن بەدەل ھەج قىلسا توغرا بولىدۇ، بۇ ھەقتە نۇرغۇن سەھىھ ھەدىسلەر بايان قىلىنغان. ئەمما مەلۇم ئىشلار سەۋەبىدىن يەنى ساقىيىشتىن ئۈمىد بار كېسەل ياكى مەلۇم سىياسىي ئىشلار تۈپەيلى، يولنىڭ تىنچ بولماسلىقى قاتارلىق سەۋەبلەردىن ھەج قىلالمىغان كىشى ئۈچۈن يەنە بىر كىشىنىڭ بەدەل ھەج قىلىشى توغرا بولمايدۇ. پەتىۋادا: شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئىبنى باز، شەيخ ئابدۇراززاق ئەپىپىي، شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى قەئۇد قاتارلىقلار. [سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومتېتىپەتىۋالىرى (1151)].

3- مالىيە جەھەتتىن ھەج قىلىشقا قادىر بولالمىغان كىشى ئۈچۈن بەدەل ھەج قىلىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى كەمبەغەل بولغانلىقى ئۈچۈن ھەجنىڭ پەرزلىكى ئۇ كىشىدىنساقىت بولدى. بەدەل ھەج دېگەن جىسمانى تەرەپتىن قادىر بولالمىغان كىشى ئۈچۈن دۇرۇس بولىدۇ.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومتېتىدىن: بىر كىشى ئۆزىنىڭ مەككىدىن يىراقتا، جىسمانى تەرەپتىن ساغلام ئەمما مالىيە تەرەپتىن مەككىگە كېلىشكە قادىر بولالمايدىغان ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى ئۈچۈن ھەج-ئۆمرە قىلسا توغرا بولامدۇ؟ دەپ سورىغاندا، ئۇلار مۇنداق جاۋاب بەرگەن: مەزكۇر يىقىنىڭىز مادامىكى مالىيە جەھەتتىن ھەج قېلىشقا قادىر بولالمايدىكەن، ئۇ كىشى ئۈچۈن ھەج-ئۆمرە قىلىپ قويۇش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى ئەگەر ھەرەم زېمىنىغا كەلسە سالامەتلىكى ياخشى بولغانلىقى ئۈچۈن ھەج-ئۆمرە قىلىشقا قادىر بولالايدۇ. ھەقىقەتەن ھەج-ئۆمرە قىلىش مېيىت ئۈچۈن ياكى ئۆزى بىۋاستە ئۇ پائالىيەتلەرنى ئادا قېلىشتىن ئاجىز كەلگەن كىشى ئۈچۈندۇرۇس بولىدۇ. پەتىۋادا: شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئىبنى باز، شەيخ ئابدۇراززاق ئەپىپىي، شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان قاتارلىقلار. [سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومتېتىپەتىۋالىرى(1152)].

4-باشقىلار ئۈچۈن بەدەل ھەج قىلىدىغان كىشى ئالدى بىلەن ئۆزى ھەج قىلغان بولىشى كېرەك، ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا، گەرچە بەدەل ھەجنى نىيەت قىلسىمۇ ئەمماقىلغان ھەج ئۆزى ئۈچۈن بولىدۇ.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومتېتى ئالىملىرى بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: مۇسۇلمان كىشى ئۆزى ھەج قىلماي تۇرۇپ باشقىلار ئۈچۈن بەدەل ھەج قىلسا توغرا بولمايدۇ. بۇنىڭ دەلىلى، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر كىشىنىڭ "لەببەيكە ئەن شۇبرىمە يەنى شۇبرىمە ئۈچۈن ھەج قىلىمەن" دېگەن سۆزىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭدىن: ئۆزىڭىز ئۈچۈن ھەج قىلغانمۇ؟ دەپ سورىغاندا، ئۇ كىشى: ياق دەيدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئالدى بىلەن ئۆزىڭىز ئۈچۈن ھەج قىلىڭ، ئاندىن يەنە بىر يىلى شۇبرىمە ئۈچۈن ھەج قىلىڭ، دەيدۇ. [ئىبنى ھەببان ۋە بەيھەقى رىۋايىتى]. پەتىۋادا: شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئىبنى باز، شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان قاتارلىقلار. سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومتېتىپەتىۋالىرى(1150).

5-ئايال ئەر كىشى ئۈچۈن، شۇنداقلا ئەر كىشى ئايال ئۈچۈن بەدەل ھەج قىلسا توغرا بولىدۇ.

ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومتېتى ئالىملىرى بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ھەجگە ۋەكىل تۇرغۇزۇش، ۋەكىل بولغان كىشى ئۆزى ئۈچۈن ھەج قىلىپ بولغان بولىشى شەرتى ئاستىدا دۇرۇس بولىدۇ. ئايال كىشى ئانىسى ئۈچۈن ھەج قىلسا بولىدۇ. ھەج پائالىيىتىدە، ئايال كىشى باشقا ئايالغا ياكى ئەر كىشىگە ۋاكالەت ھەج قىلسا دۇرۇس بولىدۇ. چۈنكى بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن سەھىھ ھەدىسلەر بايان قىلىنغان. سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومتېتىپەتىۋالىرى(1152).

6-بىر كىشىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ كىشىلەر ئۈچۈن بەدەل ھەج قىلىشى توغرا بولمايدۇ. ئەمما ئۆزى ئۈچۈن ياكى باشقا بىرى ئۈچۈن ئۆمرە قىلىپ، ھەجنى يەنە بىر كىشىگە قىلسا دۇرۇس بولىدۇ. ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومتېتى ئالىملىرى بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ۋاپات بولۇپ كەتكەن كىشى ئۈچۈن، شۇنداقلا ھايات بولسىمۇ ھەجگە بېرىپ-كېلىشكە بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان كىشى ئۈچۈن بەدەل ھەج قىلسا ياكى قىلدۇرسا دۇرۇس بولىدۇ، ئەمما بىر ئادەم بىر ۋاقىتتا ئىككى كىشىگە تەڭ ھەج قىلالمايدۇ، بىر كىشى بىر يىلدا پەقەت بىر ئادەم ئۈچۈن بەدەل ھەج قىلالايدۇ. شۇنىڭدەك بىرلا ئېھرام بىلەن ئىككى كىشى ئۈچۈن ئۆمرە قىلغىلى بولمايدۇ. لېكىن بىر كىشى ئۈچۈن ئۆمرە قىلىپ يەنە ئىككىنچى بىر كىشى ئۈچۈن ھەج قىلسا دۇرۇس بولىدۇ، مۇھىمى بەدەل ھەج قىلغۇچى ئۆزى ئۈچۈن ھەج-ئۆمرە قىلىپ بولغان بولىشى لازىم. پەتىۋادا: شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئىبنى باز، شەيخ ئابدۇراززاق ئەپىپىي، شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان، شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى قەئۇد قاتارلىقلار. [سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومتېتىپەتىۋالىرى(1158)].

7-بەدەل ھەج قىلغۇچىنىڭ مەقسىتى ھەج قېلىش ئارقىلىق باشقىلاردىن پۇل-مال ئۈندۈرۈۋېلىش بولسا توغرا بولمايدۇ، پەقەت ئۇ كىشىنىڭ مەقسىتى بەدەل ھەج قېلىش ئارقىلىق مۇقەددەس ئورۇنلارغا بېرىپ ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىش ۋە ئۆزىنىڭ دىنى قېرىندىشىغا ئېھسان قېلىش نىيىتىدە بولۇشى كېرەك.

شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەلئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ھەجگە ۋاكالەت قېلىش توغرىسىدا نۇرغۇن ھەدىسلەر بايان قېلىنغان. بىر ئايال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: ئاللاھ تائالا بەندىلەرگە ھەجنى پەرز قىلدى. دادام ياشىنىپ قالغان ئۇلاغقا ئولتۇرالمايدۇ، دادام ئۈچۈن مەن ھەج قىلسام بولامدۇ؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: بولىدۇ، دەپ جاۋاپ بەرگەن. [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].

پۇل-مال ئىلىپ باشقىلار ئۈچۈن ھەج قىلىش مەسىلىسىدە، بەدەل ھەج قىلغۇچىنىڭ مەقسىتى مال-دۇنيا تېپىش بولسا، بۇ ھەقتە شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بەدەل ھەج قىلغۇچىنىڭ مەقسىتى نان تېپىپ يېيىش بولسا، ئۇ كىشى ئۈچۈن ئاخىرەتتە ھېچ نەسىبە بولمايدۇ. ئەمما بەدەل ھەج قىلىپ بېرىش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان مالنى ئالسا بولىدۇ، بۇ مالنى ئۆزىنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن ۋە ھەج پائالىيىتىنى ئادا قېلىش جەريانىدىكى خىراجەتلەر ئۈچۈن سەرپ قىلسا بولىدۇ. بەدەل ھەج قىلدۇرغۇچىمۇ ئۆزى ئۈچۈن ھەج قىلىپ قويىدىغان كىشىنىڭ ئېھتىياجىنى قامداشنى مەقسەت قېلىش ۋە ئۆزىنىڭ ئورنىدا ھەج قىلىدىغان كىشى تىپىلغانلىقىدىن خۇرسەن بولىشى، ھەج پائالىيىتىنى ئادا قىلىش جەريانىدا ئۇ كىشىگە خەيرى-ئېھسان قىلىشنى مەقسەت قىلسا، بۇ ئىشتا ئەڭ ساغلام نىيەت قىلغان بولىدۇ." [ئوچۇق ئۇچرىشىش پروگراممىسى (896-سۇئال)].

شەيخ ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ يەنە مۇنداق دەيدۇ: ھەقىقەتەن ئەپسۇسلىنارلىق بىر ئىش، بەدەل ھەج قىلىدىغان كۆپچىلىك كىشىلەر پەقەت مال-دۇنيا توپلاش ئۈچۈن بەدەل ھەج قىلىدۇ، بۇنداق قىلىش توغرا ئەمەس، بەلكى بۇ ئۇلار ئۈچۈن ھارام بولىدۇ. بەندىنىڭ مال-دۇنيانى كۆزلەپ ئىبادەت قىلىشى توغرا ئەمەس. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:﴿مَن كَانَ يُرِيدُ الْحَيَاةَ الدُّنْيَا وَزِينَتَهَا نُوَفِّ إِلَيْهِمْ أَعْمَالَهُمْ فِيهَا وَهُمْ فِيهَا لَا يُبْخَسُونَ. أُولَـٰئِكَ الَّذِينَ لَيْسَ لَهُمْ فِي الْآخِرَةِ إِلَّا النَّارُ ۖ وَحَبِطَ مَا صَنَعُوا فِيهَا وَبَاطِلٌ مَّا كَانُوا يَعْمَلُونَ﴾ تەرجىمىسى: (قىلغان ياخشى ئەمەللىرى بىلەن پەقەت) ھاياتىي دۇنيانى ۋە ئۇنىڭ زىبۇزىننىتىنى(يەنى دۇنيانىڭ نېمەتلىرىنى) كۆزلەيدىغان كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنىڭ ئەجرىنى بۇ دۇنيادىلا تولۇق بېرىمىز، دۇنيادا ئۇلارنىڭ ئەجرىدىن ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەيدۇ. بۇنداق كىشىلەرگە ئاخىرەتتە دوزاختىن باشقا نەرسە يوقتۇر، ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرى يوققا چىقىرىلىدۇ، قىلغان(ياخشى) ئەمەللىرى ھېسابقا ئېلىنمايدۇ. [سۈرە ھۇد 15-16-ئايەتلەر].

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: فَمِنَ النَّاسِ مَن يَقُولُ رَبَّنَا آتِنَا فِي الدُّنْيَا وَمَا لَهُ فِي الْآخِرَةِ مِنْ خَلَاقٍتەرجىمىسى: «بەزى كىشىلەر: ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە (نېسىۋىمىزنى) بۇ دۇنيادىلا بەرگىن دەيدۇ. ھالبۇكى، ئۇنىڭغا ئاخىرەتتە (ياخشىلىقتىن) ھېچ نېسىۋە يوقتۇر.» [سۈرە بەقەرە 200-ئايەت].

ئاللاھ تائالا بەندىلەرنىڭ ئىبادىتىدىن ئۆزىنىڭ رازىلىقى تەلەپ قىلىنمىغان ئىبادەتنى قوبۇل قىلمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىبادەت قىلىنىدىغان مۇقەددەس ئورۇنلارنى دۇنيالىق ئۈچۈن كەسىپ قىلىنىدىغان ئورۇن بولۇپ قىلىشتىن ھىمايە قىلغان. بۇ ھەقتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سەھىھ ھەدىستە: مەسچىتتە ياكى ئىبادەت ئورۇنلىرىدا سودا-سېتىق قىلىۋاتقان كىشىلەرنى كۆرسەڭلار، ئۇلارغا: ئاللاھ تائالا قىلغان تىجارىتىڭلارغا بەرىكەت بەرمىسۇن دەڭلار، دېگەن. [تىرمىزى رىۋايىتى].

مانا يۇقىرىقى ھەدىستە بايان قىلىنغاندەك، مەسچىتتە ياكى ئىبادەت ئورۇنلىرىدا سودا-سېتىق قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ تىجارىتىگە ئاللاھ تائالادىن بەرىكەت ئاتا قىلماسلىق توغرىسىدا دۇئا قىلىشقا بۇيرۇلغان تۇرسا، ئىبادەتنى دۇنيا مەنپەئەتى ئۈچۈن كەسىپقىلىۋالغان گوياكى ھەج ئىبادىتىنى بىناكارنىڭ قۇرۇلۇش ماتېرىيالى ياكى ياغاچچىنىڭ سايمانلىرىغا ئوخشاش دەسمايە قىلىۋالغانلارنىڭ ئەھۋالى قانداق بولار؟!.

بەدەل ھەج قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ مۇشۇ ئازغىنە پۇلنى دەپ نەرخىنى تالىشىپ سودىلاشقىنىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ، بىرسى بەدەل ھەج قىلىپ بىرىڭ دېسە، بۇ پۇل يەتمەيدۇ، كۆپرەك بەرسىلە، پالانى مۇنچىلىك بېرەي دېگەن، پوكۇنى كۆپرەك بېرەي دېگەن دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىپ ئىبادەتنى ئىلىم-سېتىمغا ئايلاندۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەنبەلى مەزھەپ قارىشىدىكى پىقھى ئالىملار بەدەل ھەج قىلىشنى تىجارەت شەكلىگە ئايلاندۇرىۋېلىشنى توغرا ئەمەس دەپ ئوچۇق بايان قىلغان.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مال-دۇنيا توپلاش ئۈچۈن ھەج قىلغان كىشىگە ئاخىرەتتە ساۋابتىن ھېچ نەسىبە بولمايدۇ. ئەمما دىنى مەقسەتتە ئالسا بولىدۇ، يەنى قېرىندىشىغا بەدەل ھەج قىلىپ بېرىش ئارقىلىق مەنپەئەت يەتكۈزۈش ياكى مۇقەددەس ئورۇنلارغا چېقىپ كۆپلەپ زىكىر-تەسبىھ ۋە تائەت-ئىبادەت قىلىۋېلىشنى مەقسەت قىلغان بولسا، بۇ توغرا مەقسەت ھېسابلىنىدۇ.

بەدەل ھەج قىلغۇچىلار خالىس-سەمىمى بولۇپ، قىلغان ھەجىدە ئاللاھ رازىلىقىنى مەقسەت قىلىشى لازىم، ئۇلارنىڭ مەقسىتى، مۇقەددەس جايلاردا ئاللاھنى ياد ئېتىپ، دۇئا قىلىپ، كۆپرەك ئىبادەت قىلىش ۋە بەدەل ھەج قېلىش ئارقىلىق دىنى قېرىندىشىنىڭ ھاجىتىنى ئادا قىلىش بولىشى، پۇلنى مەقسەت قىلىشتىن ئىبارەت پەس-ناچار نىيەت-مەقسەتتىن يىراق بولىشى لازىم، ئەگەر ئۇلارنىڭ مەقسىتى مال توپلاش بولسا، ئۇنداق كىشىلەرنىڭ بەدەل ھەج قىلىشى توغرا بولمايدۇ. قاچان توغرا نىيەت بىلەن بەدەل ھەج قىلسا ئالغان پۇلنىڭ ھەممىسى ئۆزى ئۈچۈن بولىدۇ، ئۇنداق بولمىغاندا ئاشقان پۇلنى قايتۇرۇپ بېرىشى شەرت قىلىنىدۇ." [ئەددىيائۇللامىئ مىنەل خۇتەب ئەلجەۋامىئ ناملىق ئەسەر 2-توم 477-478-بەتلەرگە قارالسۇن].

8-مۇسۇلمان كىشىدە ھەجنى ئادا قىلىشنىڭ شەرتلىرى تولۇق بولۇپ، پەرزنى ھەجنى ئادا قىلماي ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، ئۇ كىشى ئۆزى ئۈچۈن ھەج قىلدۇرۇشنى ۋەسىيەت قىلغان بولسۇن ياكى ۋەسىيەت قىلمىغان بولسۇن، ئۇ كىشىنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن پۇل-مىلىدىن سەرپ قىلىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن بەدەل ھەج قىلدۇرۇش ۋاجىپ بولىدۇ.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومتېتى ئالىملىرى مۇنداق دەيدۇ: مۇسۇلمان كىشى ھەجنىڭ شەرتلىرى تېپىلغان ھالدا، پەرز ھەجنى ئادا قىلماستىن ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، ئۇ كىشىنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن ئىقتىسادىدىن سەرپ قىلىپ بەدەل ھەج قىلدۇرۇش ۋاجىپ بولىدۇ، مېيىت ئۆزى ئۈچۈن ھەج قىلدۇرۇشقا ۋەسىيەت قىلسۇن ياكى ۋەسىيەت قىلمىسۇن بۇنىڭ ھېچ پەرقى يوق. باشقا بىر كىشى مېيىت ئۈچۈن ھەج قىلىپ قويسا بۇ ھەج مېيىتتىن ئادا بولىدۇ، بەدەل ھەج قىلغۇچى ئالدى بىلەن ئۆزى پەرز ھەجنى ئادا قىلىپ بولغان بولىشى كېرەك. شۇنداق بولسا مېيىتتىن پەرز ھەج ساقىت بولىدۇ. پەتىۋادا: شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئىبنى باز، شەيخ ئابدۇراززاق ئەپىپىي، شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان، شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى قەئۇد قاتارلىقلار. [ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومتېتى (11100)].

9-بەدەل ھەج قىلغان كىشى ئۈچۈنمۇ ئۆزى تولۇق ھەج قىلغاندەك ئەجىر-ساۋاپ بولامدۇ؟ ھەدىستە بايان قىلىنغاندەك: ئانىدىن تۇغما ھالەتتە قايتامدۇ؟ دېگەن سوئالغا سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومتېتى ئالىملىرى مۇنداق جاۋاپ بېرىدۇ: بەدەل ھەج قىلغان كىشىنىڭ ھەجى ساۋاپتا ئۆزى ئۈچۈن قىلغان ھەجگە ئوخشاش بولامدۇ؟ ياكى ئۇنىڭدىن ئازراق ياكى كۆپرەك بولامدۇ؟ بۇ ئاللاھنىڭ پەزلى-رەھمىتىگە قايتۇرۇلىدۇ. بۇنىڭغا بىز ئوچۇق بىر نەرسە دېيەلمەيمىز. پەتىۋادا: شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئىبنى باز، شەيخ ئابدۇراززاق ئەپىپىي، شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان، شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى مۇنىيئ قاتارلىقلار. [ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومتېتى (11100)].

ئۇلار مۇنداق دەيدۇ: كىمكى باشقىلار ئۈچۈن بەدەل ھەج-ئۆمرە قىلىدىكەن، قىلغان ھەج-ئۆمرەنىڭ ساۋابى نىيابەتەن قىلغان كىشىگە بولىدۇ، شۇنداقلا ۋەكىل بولۇپ قىلغان كىشى ئۈچۈنمۇ ئۆزىنىڭ ئىخلاسى ۋە ياخشىلىققا بولغان رىغبىتى بويىچە ئەجىر-ساۋاپ بولىدۇ. ھەرەم مەسچىتىگە كەلگەن ھەر بىر كىشى ئۇ يەردە نەپلە ئەمەللەرنى ۋە ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىدىغان تۈرلۈك ئىبادەتلەرنى كۆپ قىلىش كېرەك. چۈنكى ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنى خالىس ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ئادا قىلسا كۆپ ساۋاپ بولىشى ئۈمىت قېلىنىدۇ. [ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومتېتى پەتىۋالىرى (1177-78-بەت)].

ئىمام ئىبنى ھەزمى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ، داۋۇد زاھىرىي سەئىد ئىبنى مۇسەييەبتىن: ئى ئەبۇ مۇھەممەد! بەدەل ھەجنىڭ ساۋابى، ھەج قىلغۇچىغا بولامدۇ ياكى ھەج قىلىنغۇچىغا بولامدۇ؟ دەپ سورىغاندا، سەئىد ئىبنى مۇسەييەب رەھىمەھۇللاھ: ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئىككىلىسىگە رەھمىتىنى كەڭرى قىلدى، دەپ جاۋاپ بەرگەن. ئىبنى ھەزمى رەھىمەھۇللاھ: سەئىد ئىبنى مۇسەييەب رەھىمەھۇللاھ راست ئېيتتى، دەيدۇ. [مۇھلا 7-توم 61-بەت].

ھەج بەدەل قىلىشقا ۋەكىل قېلىنغان كىشى ھەج پائالىيىتىدىن باشقا ۋاقىتتا ھەرەمدە ناماز ئوقۇسا، قۇرئان تىلاۋەت قىلسا، ۋە باشقا نەپلە ئەمەللەرنى قىلسا، بۇنىڭ ساۋابى ئۆزى ئۈچۈن بولىدۇ.

شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەلئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ھەج پائالىيىتىگە ئالاقىدار ئەمەللەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ساۋابى ھەج قىلدۇرغۇچىغا بولىدۇ، ئەمما ھەرەمدە ئوقۇغان نامازنىڭ ساۋابىنىڭ زىيادە بولىشى، ھەج پائالىيىتىنىڭ سىرتىدا قىلىنغان نەپلە تاۋاپلار، زىكىر-تەسبىھ ۋە قۇرئان تىلاۋىتى قاتارلىق ئەمەللەرنىڭ ساۋابى بەدەل ھەجقىلغان كىشىنىڭ ئۆزىگە بولىدۇ. [ئەددىيائۇللامىئ مىنەل خۇتەب ئەلجەۋامىئ ناملىق ئەسەر 2-توم 478-بەت].

10- دادىسى ئۈچۈن بالىسى ياكى يېقىن تۇغقانلار بىر-بىرى ئۈچۈن ھەج قىلغىنى ئەۋزەلدۇر ئەمما يات بىر كىشىگە ھەق بېرىپ قىلدۇرسىمۇ توغرا بولىدۇ. بىر كىشى شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھدىن: مەن كېچىك ۋاقتىمدا ئاپام ۋاپات بولۇپ كەتكەن، ئىشەنچىلىك بىر كىشىنى ئاپام ئۈچۈن ھەج قىلىشقا دېيىشتىم، داداممۇ ۋاپات بولۇپ كەتكەن بولۇپ، بەزى يېقىن تۇغقانلىرىمدىن دادامنىڭ بۇرۇن ھەج قىلغانلىقىنى ئاڭلىدىم. ئاپام ئۈچۈن مەن ھەج قىلىشىم كېرەكمۇ ياكى ئىشەنچىلىك بىر كىشىنى ۋەكىل قىلساممۇ بولامدۇ؟، دادامغىمۇ شۇنداق قىلدۇراي دېگەن ئەمما دادامنى ھەج قىلىپ بولدى دەپ ئاڭلىدىم، شۇڭا ئۇنىڭ ئۈچۈن قىلدۇرمىساممۇ بولامدۇ؟ دەپ سورىغاندا، شەيخ ئۇ كىشىگە جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: ئاتا-ئانىڭىز ئۈچۈن ئۆزىڭىز ھەج قىلسىڭىز ۋە ھەجنى شەرىئەت كۆرسەتمىسىگە ئۇيغۇن ئادا قىلىشقا تىرىشسىڭىز بۇ بەك ياخشى ئىش، ئەگەر ئىشەنچىلىك، دىيانەتلىك كىشىنى تېپىپ بەدەل ھەج قىلدۇرسىڭىز بولىدۇ، ياخشىسى ئاتا-ئانىڭىز ئۈچۈن ھەج-ئۆمرىنى بىرگە قىلدۇرۇڭ، شۇنداقلا ۋەكىل قىلغان كىشىنى ئاتا-ئانىڭىز ئۈچۈن ھەج-ئۆمرە قىلىشقا بۇيرۇڭ. مانا بۇ سىزنىڭ ئاتا-ئانىڭىزغا قىلغان ياخشىلىقىڭىز ۋە ئۇلارغا قىلغان خەيرى-ئېھسانىڭىز بولىدۇ. جانابى ئاللاھ سىزنىڭ ۋە بىزنىڭ قىلغان ئەمەللىرىمىزنى قوبۇل قىلسۇن. [شەيخ ئىبنى باز پەتىۋالار توپلىمى 16-توم 408-بەت].

11-بەدەل ھەج قىلغۇچى، بەدەل ھەج قىلىنغۇچى كىشىنىڭ ئىسمىنى بىلىشى شەرت قىلىنمايدۇ، ئەمما بىلسە ياخشى، بەلكى ئۇ كىشى ئۈچۈن ھەج قىلىشنى نىيەت قىلىش كۇپايە قىلىدۇ.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومتېتى ئالىملىرىدىن: مېنىڭ تاغام، چوڭ دادام بولۇپ تۆت تۇغقۇنۇم ۋاپات بولۇپ كەتكەن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاياللارمۇ بار، ئۇلاردىن بەزىسىنىڭ ئىسمىنى بىلمەيمەن، مەن ئۆز ھېسابىمدىن ئۇلارنىڭ ھەر بىرى ئۈچۈن ئايرىم-ئايرىم بەدەل ھەج قىلىدىغانغا ئادەم ئەۋەتسەم توغرا بولامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، ئۇلار مۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەن: ئەھۋال سىز يۇقىرىدا بايان قىلغاندەك بولسا، ئەر-ئايال تۇغقانلاردىن سىز ئىسمىنى بىلىدىغانلار ئۈچۈن ھېچقىيىنچىلىق يوق، ئەمما ئىسمىنى بىلمەيدىغان تۇغقانلاردىن ئەر-ئايال تاغا-ھاممىلىرىڭىز ئۈچۈن ئۇلارنىڭ يېشى ۋە باشقا سۈپەتلىرى بويىچە ھەج قىلدۇرۇشنى نىيەت قىلسىڭىز توغرا بولىدۇ، چۈنكى سىز ئۇلارنىڭ ئىسمىنى بىلمىگەندىن كېيىن ھەج قىلدۇرۇشنى نىيەت قىلغانلىقىڭىزنىڭ ئۆزى كۇپايە قىلىدۇ. [ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومتېتى پەتىۋالىرى (11172-بەت)].

12- بەدەل ھەجگە ۋەكىل قېلىنغان كىشى ۋەكىل قىلغۇچىنىڭ رازىلىقىسىز ئورنىغا باشقا بىر كىشىنى ۋەكىل قىلسا توغرا بولمايدۇ.

شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەلئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: بەدەل ھەجگە ۋەكىل قىلىنغان كىشى بېرىلگەن پۇلنىڭ ئۆزىگە ياكى ئۇنىڭدىن ئازراقىغا ياكى كۆپرەكىگە ۋەكىل قىلغۇچىنىڭ رازىلىقىسىز باشقا بىر كىشىنى ۋەكىل قىلسا توغرا بولمايدۇ، ئەمما ۋەكىل قىلغۇچى رازى بولسا ئالغان پۇلنىڭ ئۆزىگە باشقا (پايدا ئالماستىن) بىر كىشىنى ۋەكىل قىلسا بولىدۇ. [ئەددىيائۇللامىئ مىنەل خۇتەب ئەلجەۋامىئ ناملىق ئەسەر 2-توم 478-بەت].

13-پەرز ھەجدىن باشقا نەپلە ھەجگىمۇ باشقىلارنى ۋەكىل قىلسا توغرا بولامدۇ؟. بۇ مەسىلىدە ئالىملار ئارىسىدا ئىختىلاپ بار. ئەمما شەيخ ئىبنى ئەلئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ: پەرز ھەجدىن باشقىسىغا ۋەكىل قىلىش دۇرۇس بولمايدۇ، دېگەن قاراشنى تاللىدى.

ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: پەرز ھەجنى ئادا قىلىپ بولغان كىشى ئۆزى ئۈچۈن نەپلە ھەج-ئۆمرە قىلىدىغانغا ۋەكىل قىلسا دۇرۇس بولامدۇ؟، بۇ مەسىلىدە ئالىملار ئارىسىدا ئىختىلاپ بار. بەزى ئالىملار دۇرۇس بولىدۇ دىسە، بەزى ئالىملار دۇرۇس بولمايدۇ، دەيدۇ. مېنىڭ قارىشىمدىمۇ ئەڭ توغرىسى بۇنداق قىلىشتىن چەكلەشتۇر.

نەپلە بولغان ھەج-ئۆمرە ئۈچۈن باشقا بىر كىشىنى ۋەكىل قىلىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئەسلىدە ئىبادەتنى ھەر كىشى ئۆزى قىلىشى كېرەك. بىر كىشى يەنە بىر كىشىنى ئۆزى ئۈچۈن روزا تۇتۇشقا ۋەكىل قىلسا توغرا بولمايدۇ. شۇنداقتىمۇ زىممىسىدە رامزاننىڭ قازا روزىسى بولۇپ، ئۇنى ئادا قىلالماي ئۆلۈپ كەتكەن كىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىگىلىرى قازا روزىنى تۇتۇپ قويسا بولىدۇ، ھەجمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدۇ. ئەسلىدە ھەج ھەر كىشى ئۆز بەدىنى ئارقىلىق ئادا قىلىدىغان ئىبادەت بولۇپ، پۇل ئارقىلىق باشقىلارغا قىلدۇرىدىغان مالىيە جەھەتتىكى ئىبادەت ئەمەس. ئىبادەت جىسمانىي بولىدىكەن ئۇنى ھەر بىر كىشى ئۆزى ئادا قىلىشى كېرەك، باشقا كىشىلەر ئۇ كىشى ئۈچۈن قىلىپ قويسا توغرا بولمايدۇ. پەقەت ھەدىستە قىلسا بولىدۇ دەپ دەلىل بايان قىلىنغانلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنادۇر. ھەدىس شەرىپتە باشقىلار ئۈچۈن نەپلە ھەج-ئۆمرە قىلىشنىڭ دۇرۇسلىقى توغرىسىدا دەلىل بايان قىلىنمىغان. ئىمام ئەھمەدتىن كەلتۈرۈلگەن ئىككى رىۋايەتنڭ بىرىدىمۇ شۇنداق بايانقىلىنغان. يەنى ئىنسان نەپلە ئۆمرە-ھەجگە ئۆزى قادىر بولالىسۇن ياكى بولالمىسۇن باشقا بىر كىشىنى ئۆزى ئۈچۈن ۋەكىل قىلسا توغرا بولمايدۇ.

بىز بۇنداق دېيىش ئارقىلىق ئىقتىسادى بار بايلارنى ھەج قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىمىز، چۈنكى بەزى كىشىلەر يىللارچە مەككىگە بارماستىن ھەر يىلى ئۆزى ئۈچۈن ھەج قىلىپ قويىدىغانغا ۋەكىل ئەۋەتىدۇ. شۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئۆزى ھەج قىلىش پۇرسىتىنى كەتكۈزۈپ قويىدۇ.[ئىسلام پەتىۋالىرى 2-توم 192-193-بەتلەر].

14-ھەج پائالىيىتى جەريانىدا بەدەل ھەج قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئىلىملىك، ئامانەتدار، سەمىمى، راستچىل ياخشى كىشىلەرنى تاللاش كېرەك.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومتېتى ئالىملىرى مۇنداق دەيدۇ: بەدەل ھەج قىلدۇرغۇچى بەدەل ھەج قىلىدىغانغا دىندار، ئامانەتدار، ئىبادەتنى تولۇق ئورۇنداشقا كۆڭلى خاتىرجەم بولىدىغان كىشىلەرنى تاللىشى كېرەك. [ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومتېتى پەتىۋالىرى (1153)].

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى