يەكشەنبە 19 شەۋۋال 1445 - 28 ئاپرىل 2024
Uygur

ئۆزىنىڭ قاتتىق ئۇخلىغان ياكى ئۇخلىمىغانلىقى توغرىسىدا شەكلىنىپ قالسا، بۇنىڭ بىلەن تاھارىتى بۇزۇلامدۇ؟

سۇئال

مەن 36889- نومۇرلۇق سوئالنى ئوقۇپ، شۇنى بىلدىمكى، بەك قاتتىق ئۇيقۇ راھەتنى بۇزىدىكەن، بەزى ۋاقىتتا پويىز، ماشىنا ياكى باشقا قاتناش ۋاستىلىرىدا كېتىۋاتقاندا ئۇيقۇ تۇتىدۇ، بۇ تاھارەتنى بۇزىدىغان قاتتىق ئۇيقۇغا كىرەمدۇ ياكى ئۇنىڭغا كىرمەمدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    مۇسۇلمان تاھارەت ئالغان بولسا تاھارىتى سۇنغانلىقىغا تولۇق ئىشەنچ قىلالمىسا ئۇ كىشىنىڭ تاھارىتى سۇندى دەپ ھۆكۈم قىلىنمايدۇ. شەك بىلەن ھەتتا شەك بەك كۈچلۈك بولسىمۇ ئۇنىڭ بىلەن تاھارەت بۇزۇلمايدۇ.

    بىر كىشى نامازغا تۇرغاندا قورسىقىدا بىر نەرسىلەرنىڭ غولدۇرلىغاندەك قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا شىكايەت قىلغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سەن بىرەر ئاۋازنى ئاڭلىمىساڭ ياكى پۇراقنى تاپمىساڭ نامازنى بۇزۇپ نامازدىن چىقمىغىن» دېگەن. [بۇخارى  رىۋايىتى 137-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 361-ھەدىس].

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ "سەھىھ مۇسلىمنىڭ شەرھىسىدە" مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «بىرەر ئاۋازنى ئاڭلىمىساڭ ياكى پۇراقنى تاپمىساڭ نامازنى بۇزۇپ چىقمىغىن» دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسى: ئىككى ئىشنىڭ بىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلىش دېمەكتۇر. بۇنى مەسچىتتىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسى ئاڭلىشى ياكى پۇرىشى شەرت قىلىنمايدۇ.

   بۇ ھەدىس ئىسلامنىڭ ئەسلى ئاساسلىرىدىن بىرى ۋە پىقھى قائىدىلىرىدىن بۈيۈك بىر قائىدىدۇر. ئۇ بولسىمۇ: نەرسىلەرگە ئىشەنچىلىك دەلىللەر بىلەن ئۇنىڭ زىتى ئىسپاتلانغانغا قەدەر ئۇ  ئۆزىنىڭ ئەسلى بويۇنچە ھۆكۈم قىلىنىدۇ. تۇيۇقسىز پەيدا بولغان شەكنىڭ ئۇنىڭغا تەسىرى بولمايدۇ. بۇ ھەدىستە بايان قىلىنغان مەسىلىمۇ يۇقىرىقى قائىدىگە چۈشىدىغان مەسىلىدۇر، ئۇ بولسىمۇ: بىر كىشى تاھارىتىنىڭ بار ئىكەنلىكىگە ئىشەنچ قىلىدىكەن، ئەمما تاھارىتى بۇزۇلغانلىق توغرىسىدا شەكلىنىپ قالغان بولسا، ئۇ كىشىنىڭ تاھارىتىنىڭ بار ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىنىدۇ. بۇ شەك نامازنىڭ ئىچىدە يۈز بەرسۇن ياكى نامازنىڭ سىرتىدا يۈز بەرسۇن بۇنىڭ پەرقى يوق. بۇ بىزنىڭ ۋە ئىلگىرىكى ۋە كىيىنكى كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ تۇتقان يولىدۇر.

    شافىئى مەزھەپ ئالىملىرى مۇنداق دەيدۇ: "شەك قىلىش تاھارەت بۇزۇلدىمۇ ياكى بۇزۇلمىدىمۇ دېگەن ئىككى ئېھتىماللىققا ئوخشاش بولسۇن ياكى ئىككى ئېھتىماللىقىنىڭ بىرى كۈچلۈك بولسۇن ياكى گۇمانغا ئىككى ئېھتىماللىقىنىڭ بىرى غالىپ كەلسۇن بۇنىڭ ئارىسىدا ھېچ پەرق يوق، ھەر قانداق ھالەتتە قايتا تاھارەت ئىلىش كېرەك بولمايدۇ".

   بەك قاتتىق ئۇخلىدىمۇ ياكى ئۇخلىمىدىمۇ؟ دەپ شەك پەيدا بولغان بولسا، بۇ شەك بىلەن تاھارەت بۇزۇلمايدۇ.

   شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئۇيقۇلۇق ھالەتتە يەل چىقىپ كەتتىمۇ ياكى چىقىپ كەتمىدىمۇ؟دەپ شەكلىنىپ قالغان بولسا، بۇنىڭ بىلەن تاھارەت بۇزۇلمايدۇ، چۈنكى تاھارەتنىڭ بولغانلىقى ئىشەنچ بىلەن بېكىتىلگەن بولۇپ بۇ شەك بىلەن بۇزۇلمايدۇ". ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 21-توم 394-بەت].

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى