پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

خەلقئارا ئەدلىيە سوتىغا ھۆكۈم قىلىشىغا سۇنۇش

11233

تارقاتقان ۋاقىت : 15-02-2007

كۆرگۈچىلەر : 10039

سۇئال

مەسىلىلەرنى خەلقئارا ئەدلىيە سوتىنىڭ ھۆكۈم قىلىشىغا سۇنۇشنىڭ ھۆكمى نىمە ؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن .
قۇرئان ۋە ھەدىستىن ئىبارەت توغرا ئىسپاتلار شۇنى كۆرسىتىدۇكى ، بارلىق مۇسۇلمانلار شەخىسلەر ۋە جامائەتلەر بولسۇن ، ياكى ھۆكۈمەت ۋە دۆلەتلەر بولسۇن ئارىسىدا يۈزبەرگەن ھەرقانداق ئىختىلاپلار ياكى جىدەل-ماجرالارنى ئاللاھنىڭ قانۇنىنىڭ ھۆكۈم قىلىشىغا سۇنىشى ، ھەمدە ئۇنىڭغا بويسۇنىشى ۋە ئۇنىڭ قانۇن-نىزاملىرىنى قوبۇل قىلىشى لازىم .بۇ ئوچۇق دەلىللەرنىڭ ئىچىدىكى ئايەتلەر بولسا :
(ﺋﻰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ!) ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻪﺳﻪﻣﻜﻰ، ﺋﯘﻻﺭ (ﻳﻪﻧﻰ ﻣﯘﻧﺎﭘﯩﻘﻼﺭ) ﺋﯚﺯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﻩﺗﺎﻻﺷﻘﺎ ﺳﯧﻨﻰ ﻫﯚﻛﯜﻡ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻘﺎ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﯩﭽﻪ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺳﯧﻨﯩﯔ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ﻫﯚﻛﻤﯩﯖﮕﻪ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺩﯨﻠﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﻠﭽﻪ ﻏﯘﻡ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻳﻮﻗﺎﻟﻤﯩﻐﯩﭽﻪ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﻤﯩﻐﯩﭽﻪ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ [ ئاياللار : 65]
ﺋﯘﻻﺭ ﺟﺎﻫﯩﻠﯩﻴﻪﺕ ﺩﻩﯞﺭﯨﻨﯩﯔ ﻫﯚﻛﻤﯩﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻼﻣﺪﯗ؟ (ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ) ﭼﯩﻦ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﻪﯞﻣﻨﯩﯔ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﺪﻩ ﻫﯚﻛﯜﻣﺪﻩ ﺍﻟﻠﻪ ﺩﯨﻨﻤﯘ ﺋﺎﺩﯨﻞ ﻛﯩﻢ ﺑﺎﺭ [ داستىخان : 50 ]
ﺋﻰ ﻣﯚﻣﯩﻨﻠﻪﺭ! ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ، ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﮔﻪ ﯞﻩ ﺋﯚﺯﻩﯕﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺶ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺷﻪﻳﺌﯩﺪﻩ ﺋﯩﺨﺘﯩﻼﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎﯕﻼﺭ، ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮﯨﺪﺍ ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ ﯞﻩ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﮔﻪ ﻣﯘﺭﺍﺟﯩﺌﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ ﯞﻩ ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺕ ﻛﯜﻧﯩﮕﻪ (ﻫﻪﻗﯩﻘﯩﻲ) ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﯕﻼﺭ، ﺑﯘ (ﻳﻪﻧﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻐﺎ ﯞﻩ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﯜﻧﻨﯩﺘﯩﮕﻪ ﻣﯘﺭﺍﺟﯩﺌﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ) ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻘﺘﯘﺭ، ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮔﯜﺯﻩﻟﺪﯗﺭ
[ ئاياللار : 59 ]
ﺳﯩﻠﻪﺭ (ﺩﯨﻦ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ) ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺋﯩﺨﺘﯩﻼﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻤﺎﯕﻼﺭ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺍﻟﻠﻪ ﻫﯚﻛﯜﻡ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ. (ﺋﻰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ! ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﯧﻴﺘﻘﯩﻨﻜﻰ) ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﺍﻟﻠﻪ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﻤﺪﯗﺭ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺗﻪﯞﻩﻛﻜﯜﻝ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ، (ﻫﻪﻣﻤﻪ ﺋﯩﺸﺘﺎ) ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ ﻣﯘﺭﺍﺟﯩﺌﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ [ كېڭىشىش : 10 ]
بۇنىڭغا ئوخشاش ئايەتلەر ناھايىتى نۇرغۇن .
بۇ ئايەتلەردىن بىز شۇنى بىلەلەيمىزكى ، مۇسۇلمان سۈنئىي قانۇنلارغا ، ياكى شەرىئەتكە زىت كىلىدىغان قەبىلە قائىدە-تۈزۈملىرىگە ھۆكۈم قىلدۇرۇشقا بولمايدۇ .
بۇ مەسىلە توغىرسىدا مىنىڭ بارلىق ئىسلام ھۆكۈمەتلىرىنىڭ باشلىقلىرىغا سەمىمى نەسىھىتىم - ئۇلارنىڭ ئارىسىدا نۇرغۇن ئىختىلاپلار يۈزبەرگەنلىكى ۋە ھىلىمۇ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئۈچۈن - ھۆكۈمەتلەر ئارىسىدىكى بايلىق، ھەق-ھوقۇق ، سىياسى چىگرالار قاتارلىقلار ھەققىدىكى بۇ ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ قايتىپ كىلىشىگە تىگىشلىك بىردىنبىر يول - ئاللاھنىڭ قانۇنىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا سۇنۇش . ھەمدە بۇ بىلىم ، چۈشىنىش ، ئادىللىق ۋە تەقۋالىقتا ھەممە رازى بولىدىغان ، ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرىنى كۆرەلەيدىغان ئاندىن ئىسلام شەرىئىتىنىڭ بۇيرىغىنى بويىچە ھۆكۈم چىقىرىدىغان شەرىئەت ئالىملىرىدىن تەركىپ تاپقان شەرىئەت سوتى ياكى بىر كومىتىت تەشكىللەش ئارقىلىق ۋۇجۇتقا چىقىدۇ .ئۇلار شۇنى تونۇشى كىرەككى ،ئۇلارنىڭ خەلقئارا ئەدلىيە سوتى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش غەيرى ئىسلام تەشكىلاتلىرىغا ھۆكۈم قىلدۇرۇش ئارقىلىق پۈتتۈرگەن بىر قىسىم ئىشلار ئاللاھنىڭ قانۇنىدىن باشقا قانۇنلارغا ھۆكۈم قىلدۇرۇش ماۋزۇسى دائىرسىگە كىرىدۇ ، ھەمدە ئۇ قانۇنلار بىلەن ھۆكۈم قىلىشقا ياكى ئۇنى مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى دىلولارغا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ .ئۇلار ئۇنى قىلىشتىن ساقلىنىشى كىرەك ؛ ئۇلار ئاللاھتىن قورقسۇن ھەمدە ئۇنىڭ قانۇن-نىزاملىرىدىن يۈز ئۆرۈگىچىلەرنى ئاگاھلاندۇرغان جازاغا دىققەت قىلسۇن . ئاللاھ دەيدۇ :
ﻛﯩﻤﻜﻰ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺯﯨﻜﺮﯨﻤﺪﯨﻦ ﻳﯜﺯ ﺋﯚﺭﯛﻳﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻫﺎﻳﺎﺗﻰ ﺗﺎﺭ (ﻳﻪﻧﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻣﺴﯩﺰ) ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﺑﯩﺰ ﻛﻮﺭ ﻗﻮﭘﯘﺭﯨﻤﯩﺰ (124). ﺋﯘ: ﺋﻰ ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﻢ!ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﻣﯧﻨﻰ ﻛﻮﺭ ﻗﻮﭘﯘﺭﺩﯗﯓ، ﯞﺍﻫﺎﻟﻪﻧﻜﻰ، (ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﭼﺎﻏﺪﺍ) ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻛﯚﺯﯛﻡ ﻛﯚﺭﻩﺗﺘﯩﻐﯘ؟ ﺩﻩﻳﺪﯗ (125). ﺍﻟﻠﻪ ﺋﯧﻴﺘﯩﺪﯗ: ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﺳﺎﯕﺎ (ﺭﻭﺷﻪﻥ) ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻛﻪﻟﺪﻯ، ﺳﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺗﻪﺭﻙ ﺋﻪﺗﺘﯩﯔ، ﺳﻪﻥ ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺗﻪﺭﻙ ﺋﯧﺘﯩﻠﯩﺴﻪﻥ » [تاھا : 124-126 ]
ﺋﯘﻻﺭ (ﻳﻪﻫﯘﺩﯨﻴﻼﺭ ﯞﻩ ﻧﺎﺳﺎﺭﺍﻻﺭ) ﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺍﻟﻠﻪ ﺳﺎﯕﺎ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻨﯩﯔ (ﺋﻪﻫﻜﺎﻣﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻫﯚﻛﯜﻡ ﻗﯩﻠﻐﯩﻦ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻧﻪﭘﺴﻰ ﺧﺎﻫﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﻪﮔﻪﺷﻤﯩﮕﯩﻦ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺍﻟﻠﻪ ﺳﺎﯕﺎ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﯩﺪﯨﻦ ﺳﯧﻨﻰ ﯞﺍﺯ ﻛﻪﭼﯜﺭﯨﺸﯩﺪﯨﻦ ﺳﺎﻗﻼﻧﻐﯩﻦ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘﻻﺭ ﺍﻟﻠﻪ ﺳﺎﯕﺎ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻫﯚﻛﯜﻣﺪﯨﻦ) ﻳﯜﺯ ﺋﯚﺭﯛﺳﻪ (ﺋﻰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ!) ﺑﯩﻠﮕﯩﻨﻜﻰ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﮔﯘﻧﺎﻫﻠﯩﺮﻯ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﺍﻟﻠﻪ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺟﺎﺯﺍﻻﺷﻨﻰ ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺷﻪﻙ- ﺷﯜﺑﻬﯩﺴﯩﺰﻛﻰ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻰ ﭘﺎﺳﯩﻘﺘﯘﺭ (ﻳﻪﻧﻰ ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﻨﯩﯔ ﺗﺎﺋﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺵ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ، ﻫﻪﻗﻘﻪ ﺧﯩﻼﭘﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﮔﯘﻧﺎﻫﻘﺎ ﭼﯚﻣﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭﺩﯗﺭ) (49). ﺋﯘﻻﺭ ﺟﺎﻫﯩﻠﯩﻴﻪﺕ ﺩﻩﯞﺭﯨﻨﯩﯔ ﻫﯚﻛﻤﯩﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻼﻣﺪﯗ؟ (ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ) ﭼﯩﻦ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﻪﯞﻣﻨﯩﯔ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﺪﻩ ﻫﯚﻛﯜﻣﺪﻩ ﺍﻟﻠﻪ ﺩﯨﻨﻤﯘ ﺋﺎﺩﯨﻞ ﻛﯩﻢ ﺑﺎﺭ [ داستىخان : 49-50 ]
بۇ ئوخشاش مەنىنى كۆرسىتىدىغان ئايەتلەر نۇرغۇن ، ھەممىسى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسىگە بويسۇنۇشنىڭ بۇ ھاياتتا بەخىت تېپىش ، ئاخىرەتتە نىئىمەتلىنىشكە سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ، ھەمدە ئۇنىڭ ئەلچىسىگە بويسۇنماسلىق ، ئاللاھنىڭ ئەسكەرتىشىدىن ۋە ئۇنىڭ بەلگىلىمىلىرىدىن يۈز ئۆرۈش بۇ ھاياتتا شور پېشانىلىك ۋە جاپالىق تۇرمۇشقا ، ئاخىرەتتە ئازاپقا سەۋەپ بولىدىغانلىقىنى كۈچەيتىدۇ .ئاللاھتىن ھەممەيلەننى ھەقىقەتكە يىتەكلىشىنى ، بىزنى چىدامچان قىلىشىنى ، ئىشلىرىمىزنى جايىغا چۈشۈرۈپ بىرىشىنى ھەمدە بىزنىڭ دىنىي ۋە دۇنياۋى ئىشلىرىمىزغا ياخشى بولىدىغان بارلىق ئىشلارنى قىلىشىمىزغا ياردەم قىلىشىنى سورايمىز .ئۇ ھەممەيلەننى ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسىنىڭ ھۆكۈمىنى قوبۇل قىلىدىغان قىلسۇن ، چۈنكى ئۇ ئەڭ مەرد ۋە مىھرىبان .
ئاللاھ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەھ ۋە ئۇنىڭ بارلىق ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ، ھەمراھلىرىنى تەرىپلىسۇن ۋە ئامان قىلسۇن .
ھۆرمەتلىك پېشىۋا يىتۈك ئالىم ئابدۇل ئەزىيز بىن باز (ئاللاھ ئۇ كىشىگە رەھىم قىلسۇن ) نىڭ تۈرلۈك ماقالىلار ۋە فەتىۋالار توپلىمى 5.ب تىن ئىلىندى .

مەنبە: www.islamqa.com