جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

ئىبادەتتە ساۋابقا ئېرىشىش ئۈچۈن قىيىنچىلىقنى مەقسەت قىلىش يولغا قويۇلمىغان

سۇئال

ئىنسان ئۈچۈن مەلۇم بىر ئىبادەتتە ئەجىر-ساۋاپ تەلەپ قىلىش ئۈچۈن قىيىنچىلىقنى مەقسەت قىلىش يولغا قويۇلمىغانمۇ؟ قىش كۈنلىرى ئىسسىق سۇ بولسىمۇ سوغۇق سۇدا تەرەت ئېلىش ياكى ئۆينىڭ يېنىدا مەسچىت بولسىمۇ يىراقتىكى مەسچىتكە بېرىش قاتارلىق ئىشلار توغرىمۇ؟. مەن ئىمام شاتىبىي رەھىمەھۇللاھنىڭ "ئەلمۇۋاپىقات" دېگەن كىتابىدا ئىبادەتتە قىيىنچىلىقنى مەقسەت قىلغان كىشىگە ساۋاپ بېرىلمەيدۇ دېگەن ئىبارىنى ئۇقۇدۇم بۇ توغرىمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ئىنسان ئىبادەتتە مۇشەققەتنى ئۆزى مەقسەت قىلىدىكەن بۇنىڭغا ئەجىر بېرىلمەيدۇ، ئەمما مۇشەققەتتە قىلىدىغان ئىبادەتتەبولسا، يەنى ئۇنى قىلسا ئەجىرگە ئېرىشىدۇ، چۈنكى ئىبادەتتە پەقەت قىيىنچىلىق مەقسەت قىلىنمايدۇ.

شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ ئۆزىنىڭ "قائىدىلىرىنىڭ تۈزۈلۈشىنىڭ ئىزاھاتى"دېگەن ئەسىرىدە مۇنداق دەيدۇ:"شەرىئەت ئىبادەتتە قېيىنچىلىقنىڭ ئۆزىنىلا مەقسەت قىلمايدۇ، بىزنىڭمۇ ئىبادەتتە قىيىنچىلىقنى مەقسەت قىلىشىمىز توغرا بولمايدۇ، ئىش-ھەرىكەتلەرنى قىيىنچىلىقسىز ئادا قىلىش مۇمكىن بولسا شۇنداق قىلىش كېرەك، ئىبادەتتە قىيىنچىلىق يولغا قويۇلمىغان. بۇنىڭ مىسالى:بىر كىشى مەن ھەج ئىبادىتىدە چارچاپ زور ئەجىر-ساۋابقا ئېرىشىش ئۈچۈنپىيادە يۈرۈپ ھەج قىلىمەن دېگەن بولسا، ئۇ كىشىگە:قىيىنچىلىقنى مەقسەت قىلىش يولغا قويۇلمىغان، چۈنكى شەرىئەت قىيىنچىلىقنى مەقسەت قىلمايدۇ،سىز مۇشۇ قىلمىشىڭىز بىلەن شەرىئەتنىڭ مەقسىتىگە خىلاپلىق قىلدىڭىز دەيمىز.

ئەگەر بىرسى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسىدە:سېنىڭ ئەجىر-ساۋابىڭ سېنىڭ چارچىشىڭنىڭ مىقداردا بولىدۇدېگەن دېسە، ئۇ كىشىگە: ھەدىستە مەقسەت قىلىنغان چارچاشتىن ئەمەل-ئىبادەتنى ئادا قىلغۇچى مەقسەت قىلىنمايدۇ، ئۇنىڭ ئىبادەتنى ئادا قىلغۇچى مەقسەت قىلمىغان بەلكى ئىبادەتنىڭ ئۆزىدىكى قىيىنچىلىق مەقسەت قىلىنىدۇ دەيمىز".

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، دىنى تەشۋىقات كومىتېتى ئۆلىمالىرىدىن: ئىنسان جۇنابەتتىن غۇسلى قىلغاندا ئىسسىق سۇ ئىشلىتىش ياخشىمۇ ياكى سوغۇق سۇ ئىشلىتىش ياخشىمۇ؟دەپ سورالغاندا، ئۇلار جاۋاپ بېرىپ: "بارلىق گۈزەل ماختاشلار بىر ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

مۇسۇلمان قايسى سۇنى ئىشلىتىش ئەھۋالىغا مۇۋاپىق بولسا شۇ سۇنى ئىشلىتىش كېرەك، بۇ مەسىلىدە كەڭرىچىلىك بار، ئاللاھنىڭ دىنى ئاساندۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:يُرِيدُاللَّهُبِكُمُالْيُسْرَوَلَايُرِيدُبِكُمُالْعُسْرَتەرجىمىسى:ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ، تەسلىكنى خالىمايدۇ. [سۈرە بەقەرە سۈرىسى 185-ئايەت].

ئاللاھ ياخشىلىققا مۇۋەپپەق قىلسۇن،پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن. [شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز، شەيخ ئابدۇرەززاق ئەپىپىي، شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان ۋە شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى قەئۇد قاتارلىقلار. سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، دىنى تەشۋىقات كومىتېتى پەتىۋالىرى 5-توم328-بەت].

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى