جۈمە 17 شەۋۋال 1445 - 26 ئاپرىل 2024
Uygur

بانكىدا قويۇلغان ئامانەتنىڭ تۈرلىرى ۋە ئۇنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

   پايسال ئىسلام بانكىسىغا ئوخشاش ئىسلامى بانكىلارىدا خىزمەت قىلىش ۋە ئامانەت قويۇشنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

   ئامانەت دېگەن؛ باشقىلارنىڭ يېنىدا ساقلاش ئۈچۈن قويۇلغان ۋە ئۇنى ئىشلىتىشكە بولمايدىغان مالدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ بەزى مېھمانخانا ۋە باشقا ئورۇنلاردىكى ئايرىم قويۇلغان ئامانەت ساقلاش ساندۇقىغا ئوخشاش بولۇپ، بەزى بانكىلاردىمۇ شۇنداق ساندۇقلار بولىدۇ.

   ئەمما بانكىدا قويۇلغان ئامانەت: يۇقىرىدا بايان قىلىنغان چۈشەنچىنىڭ سىرتىدا، چۈنكى بانكا قويۇلغان مالنى پەقەت ساقلاپ قويمايدۇ بەلكى ئۇنى ئىشلىتىپ تۇرىدۇ.

   بۇ ئاتالغۇ ياكى ئىسىم تەرەپتىن بولغان چۈشەندۈرۈش بولۇپ، ئەمما بۇنىڭ ھۆكمىگە كەلسەك، بانكىدا قويۇلغان ئامانەت ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ.

    بىرىنچى تۈرى: پايدىلانمايدىغان ئامانەت بولۇپ، بۇ تەلەپ قىلغان ھامان قايتۇرۇلىدىغان ئامانەت ياكى داۋاملىشىۋاتقان ھېساب دېيىلىدۇ، بۇنىڭ شەكلى: بانكىدىن ھېساب ئاچقان كىشى مېلىنى خالىغان ۋاقتىدا ئالىدىغان ۋە بۇنىڭدىن ھېچقانداق پايدا تەلەپ قىلمايدىغان شەكىلدە بانكىدا قويىدۇ، بۇنداق قىلسا خاتا قىلغان بولمايدۇ، چۈنكى بۇ ئەمەلىيەتتە بانكىدىن ھېساب ئاچقان كىشىنىڭ بانكىغا قەرز بېرىشى ھېسابلىنىدۇ. لېكىن بۇ بانكا جازانە ئىشلىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ قىلىدىغان بانكا بولسا، ئۇنداق بانكىلاردا پۇلنى ئامانەت قويۇش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇنداق بانكىلار ئامانەت قويۇلغان پۇللاردىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ چەكلەنگەن-ھارام ئىشلىرىنى جانلاندۇرىدۇ.

   ئەمما بىر ئىنسان ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىنى بانكىدا ساقلاشقا ئېھتىياجلىق بولىدىكەن، ئۇ ئەتراپتا ئىقتىسادىنى ئامانەت قويىدىغان ئىسلامى بانكىلار تېپىلمايدىكەن، ئۇ ۋاقىتتا، مېلىنى ساقلاش ئۈچۈن جازانە مۇئامىلىلىرى قىلىدىغان بانكىدا ئامانەت قويسىمۇ گۇناھ بولمايدۇ. بۇ توغرىدا 22392- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

   ئىككىنچى تۈرى: پايدىلىنىدىغان ئامانەت، بۇنىڭ شەكلى: بانكىدىن ھېساب ئاچقان كىشى  ئىقتىسادىنى بانكىدا مەلۇم مۇددەت  ئامانەت قويىدىغان بۇنىڭ بەدىلىگە بانكىدىن مەلۇم مىقداردا پايدا ئېلىشنى كېلىشىپ ئامانەت قويىدۇ. بۇ شەكىلدىكى ئامانەتنىڭ بىرقانچە تۈرى بولۇپ، ئۇنىڭ بەزىسى ھارام بولىدۇ-چەكلىنىدۇ، بەزىسى دۇرۇس-توغرا بولىدۇ.

   دۇرۇس-توغرا بولغان شەكىلدە ئامانەت قويۇش بولسا: بانكىدا ئامانەت قويغۇچى بىلەن بانكا ئارىسىدا مۇزارىبەت كېلىشىمى بولسا يەنى بىر تەرەپ مال چىقىرىدىغان، يەنە بىر تەرەپ كۈچ چىقىرىپ سودا قىلىپ، ئېرىشكەن پايدىنى تەڭ بۆلۈشىش، بانكا ئامانەت قويۇلغان ماللارنى دۇرۇس بولغان يوللار بىلەن پايدىلىنىپ، بۇنىڭ بەدىلىگە مال ئىگىسىگە ئېرىشكەن پايدىدىن مەلۇم مىقداردا ئايرىپ بېرىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى شەرتلەر كېرەك بولىدۇ:

   1-بانكا بۇ ماللارنى تۇرالغۇ ئۆي سېلىش، يول-كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى ۋە زاۋۇت، كان-كارخانا دېگەندەك پايدىسى چىقىدىغان توغرا ئىشلارغا سەرپ قىلىش بىلەن پايدىلىنىدۇ، بۇ ماللارنى جازانە شەكىلدىكى بانكىلارغا پاي سېلىش، كىنو-تىياتىرخانا سېلىش ياكى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە جازانە شەكىلدە قەرز بېرىدىغان ئامانەت-قەرز كوپىراتىپى دېگەندەك ئورۇنلارنى سېلىشقا ئىشلىتىش توغرا بولمايدۇ.

   بانكىغا ئامانەت قويغان كىشى بانكىنىڭ بۇ ماللارنى قانداق ئورۇنلارغا سەرپ قىلىپ پايدىلىنىدىغانلىقىنى بىلىشى كېرەك.

   2-خۇسۇسىي كاپىتالغا يەنى ئەسلى مالغا كاپالەتلىك قىلىنمايدۇ، بانكىدىن تىجارەتتە زىيان تارتىشقا سەۋەپ بولىدىغان كەمچىللىك سادىر بولماستىن زىيان تارتقان ئەھۋالدا بانكا ئەسلىدە ئامانەت قويۇلغان  مالنى تولۇق قايتۇرۇشنى ئۈستىگە ئالمايدۇ . چۈنكى ئەگەر ئەسلى ئامانەت قويۇلغان مالغا كاپالەتلىك قىلىنسا، بۇ ئەمەلىيەتتە قەرز كېلىشىمى بولىدۇ، ئۇنىڭدىن كەلگەن پايدىلار جازانە بولىدۇ.

   3-ئالىدىغان پايدا دەسلەپتە بېكىتىلگەن كېلىشىم بويىچە بولىدۇ، لېكىن پايدىنى بۆلۈشۈش ئامانەت قويۇلغان مالنىڭ نىسبىتى بىلەن ئەمەس بەلكى توغرا شەكىلدىكى تىجارەتتە  كەڭ ئومۇملاشقان پايدىنى بەلگىلەش نىسبىتى بويىچە بىكىتىلىنىدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ بىرى ئۈچۈن ئالىدىغان پايدا، ئومۇمى پايدىنىڭ ئۈچتىن بىرى ياكى يېرىمى ياكى بەشتىن بىرى بولىدۇ، قالغان قىسمى ئىككىنچى تەرەپنىڭ بولىدۇ، ئەگەر  ئىككى تەرەپنىڭ بىرىنىڭ ئالىدىغان پايدىسى ئېنىق بېكىتىلمىگەن بولسا، بۇ شەكىلدىكى كېلىشىم توغرا بولمايدۇ، پىقھى ئالىملىرىنىڭ بايانىدا: ئالىدىغان پايدىنىڭ نىسبىتى ئېنىق بولمىغان ئەھۋالدا، مۇزارىبەت كېلىشىمى بۇزۇلىدۇ دېيىلگەن. (مۇزارىبەت كېلىشىمى دېگەن: بىر تەرەپ مال چىقىرىدىغان، يەنە بىر تەرەپ كۈچ چىقىرىپ، ئالغان پايدىنى تەڭ ياكى مەلۇم نىسبەت بويىچە بۆلۈشۈش دېمەكتۇر).

    ھارام-چەكلەنگەن شەكىلدە ئامانەت قويۇش:

   1-ئەسلى ئامانەت قويۇلغان مالغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ، بۇنىڭ مىسالى: بىر كىشى ئەسلى مالغا كاپالەتلىك قىلىش  شەرتى بىلەن بىرگە ئون يۈئەن پايدىغا ئېرىشىش ئۈچۈن يۈز يۈئەن پۇلنى بانكىدا قويىدۇ، بۇ جازانە شەكىلدىكى قەرز ھېسابلىنىدۇ، كۆپچىلىك بانكىلاردا مۇشۇنداق شەكىلدە بولىدۇ.

    بۇ بەزى ۋاقىتتا ئامانەت ياكى مەبلەغ سىلىش ئىسپاتى ياكى پۇل ئامانەت كىنىشكىسى دەپ ئاتىلىدۇ. پايدا پەسىللىك ياكى چەك تارتىش ئارقىلىق تەقسىم قىلىنىدۇ، (ج) تۈرىدىن بولغان مەبلەغ سىلىش ئىسپاتىغا ئوخشاش. بۇنىڭ ھەممىسى چەكلەنگەن-ھارام قىلمىشتۇر. بۇنىڭ تەپسىلاتى 98152- ۋە 97896- نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىنغان.

   2-بانكا كىنوخانا، تۈرلۈك چەكلەنگەن ئىشلار سادىر بولىدىغان ساياھەت رايونى قاتارلىق ئورۇنلارنى قۇرۇش ئۈچۈن مالنى چەكلەنگەن ئىشلارغا مەبلەغ سالىدۇ، بۇنداق ھالەتتە بۇ بانكىغا مالنى ئامانەت قويۇش چەكلىنىدۇ، چۈنكى بۇنداق ھارام ئىشلارغا مەبلەغ سالىدىغان بانكىدا پۇل ئامانەت قويۇش، گۇناھ-مەسىيەتكە ياردەم بەرگەنلىك ھېسابلىنىدۇ.

    قويۇلغان ئامانەتنى چەكلەنگەن ئورۇنلارغا مەبلەغ سىلىش ئارقىلىق پايدىغا ئېرىشىپ مال ئىگىسىگە جازانە شەكىلدە پايدا ئايرىپ بېرىدىغان بانكىلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق بولىدۇ.

    ئىسلام كومپىرانسىسىغا قاراشلىق ئىسلام پىقھى مەجمۇئەسىنىڭ قارارىدا تۆۋەندىكىدەك بايان قىلىنغان:

   بىرىنچى: تەلەپ ئاستىدىكى ئامانەت(ئوچۇق ھېساب)بۇ ئىسلام بانكىسىدا بولسۇن ياكى جازانە شەكىلدىكى بانكىدا بولسۇن پىقھى قاراشتا قەرز دېيىلىدۇ، مۇشۇ ئامانەتكە ئىگە بولغۇچى بانكا ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىدۇ، شەرئى ھۆكۈم بويىچە بانكا ئامانەت تەلەپ قىلىنغاندا دەرھال ئۇنى قايتۇرىدۇ.

    بانكىنىڭ قەرزگە تولۇپ كەتكەنلىكى قەرزنىڭ ھۆكمىگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ.

   ئىككىنچى: بانكىدا قويۇلغان ئامانەت بانكىنىڭ ئامانەت قويغۇچى بىلەن بولغان ئەمەلىي مۇئامىلىسى بويىچە ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ:

   ئا-بانكا مەلۇم مىقداردا پايدا ئايرىپ بېرىدىغان ئامانەت-جازانە بانكىلىرىدا ئەھۋال شۇنداق-ئۇ چەكلەنگەن جازانە قەرزى ھېسابلىنىدۇ، ئامانەت تەلەپ ئاستىدىكى ئامانەت بولسۇن(ئوچۇق ھېساب)ياكى  مۇددەتلىك ئامانەت بولسۇن ياكى مۇراجىئەت قىلىنىدىغان ئامانەت بولسۇن ياكى ئامانەت كىنىشكىسى ئارقىلىق ئالىدىغان ئامانەت بولسۇن ئوخشاش.

    ب-ئىسلام شەرىئى ھۆكۈملىرىنى ئەمەلىي ئىجرا قىلىدىغان بانكىغا پايدىدىن مەلۇم پىرسەنتىنى ئىلىش شەرتى بىلەن مەبلەغ سىلىنىپ تاپشۇرۇلغان ئامانەت، مۇزارىبەت پۇلىنىڭ ئەسلىدۇر، بۇنىڭغا ئىسلام پىقھىسىدىكى مۇزارىبەت ھۆكۈملىرى ماس كېلىدۇ، ئىسلام پىقھىسىدا، بانكا مۇزارىبەت قىلىنغان ئەسلى مالغا كاپالەتلىك قىلمايدۇ دېيىلگەن". "پىقھى مەجمۇئەسى ژۇرنىلى" بىرىنچى قىسىم 9-سان 931-بەت.

    ئەگەر پايسال بانكىسى  ئىسلام شەرىئىتىدە بېكىتىلگەن كۆرسەتمىلىەرگە ئەمەل قىلىپ، ئامانەت قويۇلغان ماللارنى توغرا بولغان ئورۇنلارغا مەبلەغ سالغان بولسا، ئامانەت قويغۇچىنىڭ ئەسلى مېلىغا كاپالەتلىك قىلىنماسلىق، پايدىدىن مەلۇم نىسبەتنى بېرىشكە ئىتتىپاق كەلگەن بولسا، بۇ بانكىغا مالنى ئامانەت قويسا ۋە مەبلەغ سالسا توغرا بولىدۇ، شۇنىڭ بۇ بانكىدا ھېساب ئاچسا بولىدۇ.  

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى