مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن
بارلىق مەدھىيە سىزنى بۇنىڭغا يىتەكلىگەن ئاللاھقا بولسۇن . ناۋادا سىزنى ئاللاھ يىتەكلىمىگەن بولسا توغرىغا يىتەكلەنمەيىتتىڭىز . سىزنىڭ دىنىمىزغا كىرىشكە بولغان قىزىقىشىڭىز بىز ئۈچۈن بۇ كېچەئەڭ خۇشاللىق خەۋەر . بىز ئاللاھتىن سىزنىڭ ئىسلامغا مۇۋەپپىقىيەت بىلەن كىرىشىڭىزنى ھەمدە ئۇنىڭدا چىڭ تۇرىشىڭىزنى سوراينىز .
سىزنىڭ بىرىنچى سۇئالىڭىزغا كەلسەك ، خەتنە قىلدۇرۇش سىزگە زىيان كەلتۈرمەيدۇ ، شۇڭا سىز ئۇنى تەجىربىسى ۋە ماھارىتىگە ئىشىنىدىغان دوختۇرغا قىلدۇرسىڭىز بولىدۇ .ئەگەر ئۇ سىزگە زىيان پەيدا قىلىدىغان بولسا ، ئۇنداقتا سىزنىڭ ئۇنى قىلىشىڭىز لازىم ئەمەس ھەمدە ئۇ ئاللاھ خالىسا ، سىزنىڭ ئىسلامىڭىزغا سەلبىي تەسىر كۆرسەتمەيدۇ .
ئىسمىڭىزنى ئۆزگەرتىشكە كەلسەك، بىلىڭكى ، ئاللاھقا ئەڭ ياقىدىغان ئىسىملار : ئابدۇللاھ ( ئاللاھنىڭ قۇلى ياكى ئىبادەتچىسى) ھەمدە ئابدۇررەھمان( مىھرىبان ئاللاھنىڭ قۇلى ياكى ئىبادەتچىسى) . بۇ بىزگە مۇسلىم نەقىل قىلغان پەيغەمبەرنىڭ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) ئىشەنچىلىك ھەدەيسىدە كەلگەن ، 3975 .
ئەگەر سىز بىزنىڭ سىز كۆرسەتكەن ئىسىملارنىڭ بىرىنى تاللاپ بىرىشىمىزنى ئويلىسىڭىز ، ئۇنداقتا سىز ئاسىمنى قوللىنىڭ ، ئۇنىڭ مەنىسى : قوغدىغۇچى ، ساقلىغۇچى ،مۇھاپىزەتچى ، مۇداپىئەچى .
ئاللاھتىن سىزگە بۈيۈك ئىسلامنىڭ سايىسىدا بەخىتلىك ، ياخشى تۇرمۇشنى سورايمىز .
پېشىۋا مۇھەممەد سالىھ مۇنەججىد