جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

دۇخان سۈرىسىدە كەلگەن ئايرىم كېچىدىن قايسى كېچە مەقسەت قىلىنىدۇ؟

سۇئال

شەبان ئېيىنىڭ ئون بەشىنچى كېچىسىنىڭ نېمە ئەھمىيتى بار؟ بۇ ھەر بىر كىشىنىڭ ئاقىۋىتى بېكىتىلىنىدىغان كېچىمۇ؟، دۇخان سۈرىسىدە كەلگەن ئايرىم كېچىدىن قايسى كېچە مەقسەت قىلىنىدۇ؟ بۇ شەباننىڭ ئون بەشىنچى كېچىسىمۇ ياكى قەدىر كېچىسىمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    شەبان ئېيىنىڭ ئون بەشىنچى كېچىسى ئادەتتە باشقا كېچىلەرگە ئوخشاش بولۇپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بۇ كېچىدە كىشىلەرنىڭ ئاقىۋىتى ياكى تەقدىرى بېكىتىلىدىغانلىقى توغرىسىدا سەھىھ ھەدىس بايان قىلىنمىغان. بۇ توغرىدا 8907- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

    ئەمما قۇرئان كەرىمدە دۇخان سۈرىسى 3-4- ئايەتتە بايان قىلىنغان:  إِنَّا أَنْزَلْنَاهُ فِي لَيْلَةٍ مُبَارَكَةٍ إِنَّا كُنَّا مُنْذِرِينَ فِيهَا يُفْرَقُ كُلُّ أَمْرٍ حَكِيمٍ  تەرجىمىسى: بىز قۇرئاننى ھەقىقەتەن مۇبارەك كېچىدە (يەنى شەبى قەدردە) نازىل قىلدۇق، بىز ھەقىقەتەن ئىنسانلارنى (قۇرئان بىلەن) ئاگاھلاندۇرغۇچى بولدۇق، ئۇ كېچىدە ھەر بىر ھېكمەتلىك (يەنى ھېكمەتنىڭ تەقەززاسى بويىچە قىلىنغان) ئىش (يەنى بەندىلەرنىڭ رىزقى، ئەجىلى ۋە باشقا ئەھۋالى)ئايرىلىدۇ، بۇ كېچە توغرىسىدا ئىبنى جەرىر تەبەرى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "تەپسىر ئۆلىمالىرىنىڭ بۇ كېچە توغرىسىدىكى قاراشلىرى ئوخشىمايدۇ، بەزىلەر بۇ يىلنىڭ كېچىلىرىدىن بىر كېچە دەيدۇ. بەزى ئۆلىمالار: قەدىر كېچىسى دەيدۇ. قەتادە رەھىمەھۇللاھ: بۇ قەدىر كېچىسى دەيدۇ، يەنە بىر قىسىم ئۆلىمالار: شەئبان ئېيىنىڭ ئون بەشىنچى كېچىسى دەيدۇ، مېنىڭچە: بۇ توغرىدىكى ئەڭ توغرا قاراش: قەدىر كېچىسى دېگەن قاراشتۇر، چۈنكى بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:  إنا كنا منذرين  تەرجىمىسى: بىز ھەقىقەتەن ئىنسانلارنى (قۇرئان بىلەن) ئاگاھلاندۇرغۇچى بولدۇق. [تەپسىر تەبەرى 11-توم 221-بەت].

    ئاللاھ تائالانىڭ :  فيها يُفرق كل أمر حكيم  تەرجىمىسى: ئۇ كېچىدە ھەر بىر ھېكمەتلىك (يەنى ھېكمەتنىڭ تەقەززاسى بويىچە قىلىنغان) ئىش (يەنى بەندىلەرنىڭ رىزقى، ئەجىلى ۋە باشقا ئەھۋالى)ئايرىلىدۇ دېگەن بۇ ئايەت توغرىسىدا ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ سەھىھ بۇخارىنىڭ شەرھىسىدە: بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى بۇ كېچىدە شۇ يىللىق ھۆكۈملەر بېكىتىلىنىدۇ دېگەن بولىدۇ دەيدۇ.

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ سۆزىنى: ئۇ كېچىدە ھەربىر ھېكمەتلىك (يەنى ھېكمەتنىڭ تەقەززاسى بويىچە قىلىنغان)ئىش(يەنى بەندىلەرنىڭ رىزقى، ئەجىلى ۋە باشقا ئەھۋالى)ئايرىلىدۇ دېگەن ئايەت بىلەن باشلاپ مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ تائالانىڭ مۇشۇ ئايىتى بويىچە پەرىشتىلەر بۇ كېچىدە تەقدىرنى پۈتىدىغانلىقى ئۈچۈن ئۆلىمالار بۇ كېچىنى قەدىر كېچىسى دەپ ئاتىغان، بۇ ئەسەرنى ئابدۇرەززاق ۋە باشقا تەپسىر ئۆلىمالىرى توغرا ئىسناد بىلەن مۇجاھىد، ئىكرەمە، قەتادە ۋە ئۆلىمالاردىن رىۋايەت قىلغان.

   تەۋىربەشتىي مۇنداق دەيدۇ: تەقدىر دېگەن سۆز قەزا دېگەن سۆز بىلەن يېقىن بولۇپ، بۇنىڭدىن ھۆكۈمدە شۇ يىلدا ئىجرا بولىدىغان نەرسىلەرنى تەپسىلى بېكىتىش ۋە ئاشكارا قىلىش ۋە شۇ يىلدا ئۇلار ئۇچرىشىدىغان ھەر بىر بەلگىلىمىنى ھاسىل قىلىش مەقسەت قىلىنىدۇ. قەدىر كېچىسىدە ئىبادەتكە تېرىشقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشى ئۈچۈن كاتتا پەزىلەت بولىدۇ.

   ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: 

إِنَّا أَنْزَلْنَاهُ فِي لَيْلَةِ الْقَدْرِ. وَمَا أَدْرَاكَ مَا لَيْلَةُ الْقَدْرِ. لَيْلَةُ الْقَدْرِ خَيْرٌ مِنْ أَلْفِ شَهْرٍ. تَنَزَّلُ الْمَلائِكَةُ وَالرُّوحُ فِيهَا بِإِذْنِ رَبِّهِمْ مِنْ كُلِّ أَمْرٍ. سَلامٌ هِيَ حَتَّى مَطْلَعِ الْفَجْرِ 

تەرجىمىسى:بىز قۇرئاننى ھەقىقەتەن شەبى قەدرىدە نازىل قىلدۇق. شەبى قەدرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟،شەبى قەدرى (شەرەپ ۋە پەزىلەتتە) مىڭ ئايدىن ئارتۇقتۇر. پەرىشتىلەر ۋە جىبرىئىل شۇ كېچىدە پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرى بىلەن (ئاللاھ تەقدىر قىلغان) بارلىق ئىش ئۈچۈن (زېمىنغا)چۈشىدۇ. شۇ كېچە تاڭ يورۇغانغا قەدەر پۈتۈنلەي تىنچ ـ ئامانلىقتىن ئىبارەتتۇر.

     بۇ كېچىنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا نۇرغۇن ھەدىسلەر بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇ ھەدسلەردىن: ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: كىمكى قەدىر كېچىسىدە ئاللاھقا ئىشىنىپ ۋە ساۋاپ ئۈمىت قىلىپ تۇرىدىكەن، ئاللاھ ئۇ كىشىنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ. كىمكى رامىزان ئېيىدا ئاللاھقا ئىشىنىپ ۋە ساۋاپ ئۈمىت قىلىپ روزا تۇتسا ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى 1768-ھەدىس].

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد