شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

ئاللاھ تائالا ئاللاھنىڭ غەيرىگە ئاتاپ مال ئۆلتۈرگەن كىشىگە لەنەت قىلدى دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى توغرىسىدا

سۇئال

   پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا ئاللاھنىڭ غەيرىگە ئاتاپ مال ئۆلتۈرگەن كىشىگە لەنەت قىلدى دېگەن» بۇ سۆزدىن بولغان مەقسەت نېمە؟. مېھمان ئۈچۈن مال بوغۇزلاشمۇ ئاللاھنىڭ غەيرى ئۈچۈن مال بوغۇزلىغاننىڭ قاتارىغا كېرەمدۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

   ھەدىس بولغان مەقسەت:  ئۆلۈپ كەتكەن پەيغەمبەرلەر، ئەۋلىيالار  ئۈچۈن ئۇلارغا ئاتاپ، ئۇلارنىڭ بەرىكىتىنى تىلەپ مال بوغۇزلاش، جىنلارنى رازى قىلىش، ئۇلاردىن ھاجەتلىرىنى ئادا قىلىشنى ياكى يامانلىقىنى دەپئى قىلىشنى تىلەش ئۈچۈن مال بوغۇزلاش ھارامدۇر، بۇنداق قىلىش بولسا ئاللاھنىڭ غەزىبى ۋە لەنىتىگە ھەقلىق بولىدىغان چوڭ شېرىك ھېسابلىنىدۇ.

    مېھماننى ھۆرمەتلەپ ياكى ئائىلىسىدىكىلەرگە كەڭرىچىلىك قىلىش، ئاللاھقا يېقىنلىشىش ئۈچۈن ۋە ئاللاھدىن ھاياتلار ۋە ۋاپات بولغان ئۈچۈن ساۋاپ ئۈمىت قىلىپ ۋاپات بولغانلارنىڭ ھەققىدە سەدىقە قىلىش مەقسىتىدە مال بوغۇزلاش توغرا بولىدۇ، بەلكى بۇ ئاللاھدىن ساۋاپ ئۈمىت قىلىنىدىغان ياخشى ئىشتۇر، شۇنىڭدەك قۇربان ھېيت كۈنىدە ھاياتلار ۋە مەيىتلەر ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىشمۇ ياخشى ئىش ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا ھەممەيلەننى ياخشىلىققا مۇۋەپپەق قىلغاي. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تتاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھبىلىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن. [شەيخ ئابدۇل ئەزىز بىن ئابدۇللاھ بىن باز، شەيخ ئابدۇرەززاق ئەپىپي، شەيخ ئابدۇللاھ غۇدەييان، شەيخ ئابدۇللاھ بىن قەئۇد قاتارلىقلار. "دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى" 1 -توم 196 -بەت.]

يەنە بىر پەتىۋادا مۇنداق كەلگەن: " مېھمان ئۈچۈن مال بوغۇزلىغاندا ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلىپ مال بوغۇزلاش توغرا بولىدۇ، بۇ ئاللاھ تائالانىڭ : «ئاللاھنىڭ غەيرى ئۈچۈن مال بوغۇزلاش» دېگەن ئايەتنىڭ تەركىبىگە كىرمەيدۇ، بەلكى بۇ ئايەتتىن بولغان مەقسەت، ئاللاھنىڭ قويۇپ، ئۆلۈكلەرگە ئاتاپ ئۇلارغا يېقىنلىشىش ئۈچۈن مال بوغۇزلاش دېمەكتۇر، ئەمما مېھمان ئۈچۈن مال بوغۇزلاشتىن بولغان مەقسەت، ئىبادەت ئەمەس بەلكى ئۇ كىشىنى ئىززەت قىلىشتىن ئىبارەتتۇر، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەدىستە مېھماننى ئىكرام قىلىشقا بۇيرىغان". ئاللاھ مۇۋەپپەق قىلسۇن، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن". [دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى" 1-توم 225-بەت. شەيخ ئابدۇل ئەزىز بىن ئابدۇللاھ بىن باز، شەيخ ئابدۇرەززاق ئەپىپي، شەيخ ئابدۇللاھ غۇدەييان، شەيخ ئابدۇللاھ بىن قەئۇد قاتارلىقلار. 

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى