جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

ئامانەتنى ياخشى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن ئۇنى ئەۋلىيالارنىڭ قەبرىسىنىڭ يېنىدا ساقلاشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

بەزى كىشىلەرئۆزىنىڭ زۆرۈر ئېھتىياجلىق نەرسىلىرى ۋە ئامانەتلىرىنى ئەۋلىيالارنىڭ قەبرىسىنىڭ يېنىدا ساقلاپ قويۇپ، ئۆز قارىشىدا، ئۇلار بۇ ئامانەتنى ئوغۇرلىنىش، بۇلاڭ-تالاڭ ۋە ئالداپ ئېلىپ كېتىشتىن مۇھاپىزەت قىلىدۇ دەپ قارايدۇ؟، بۇ توغرىمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىزمۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، بارلىق ساھابىلىرى ۋە قىيامەتكىچە توغرا يولغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     ئۆلۈكلەرنى ئۆزىنىڭ قەبرىسىنىڭ يېنىغا قويۇلغان نەرسىلەرنى مۇھاپىزەت قىلىدۇ دەپ ئېتىقاد قىلىش، ئوچۇق كۇپۇرلۇق ۋە ئاللاھنىڭ پەرۋەردىگارلىقىغا شېرىك كەلتۈرگەنلىك بولۇپ، ئىنسان ئەگەر مۇشۇ ئېتىقاد بىلەن ئۆلۈپ كەتسە، شېرىك ئۈستىگە ئۆلگەن بولىدۇ. شۇنىڭدەك ئامانەت ۋە زۆرۈر ھاجەتلىرىنى ساقلاش ئۈچۈن ئەۋلىيالارنىڭ قەبرىسىنىڭ يېنىدا قويۇشمۇ توغرا بولمايدۇ.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچ ىدۇر.

   ئاللاھ تائالا توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلغۇچىدۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت، سالاملىرى بولسۇن.

مەنبە: [دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى 3-توم 68-بەت].