يەكشەنبە 19 شەۋۋال 1445 - 28 ئاپرىل 2024
Uygur

ھارام يوللار بىلەن ئىقتىساد تېپىپ ئۇنىڭغا ئۆي سېتىۋالغان بولسا، بۇنىڭدىن قانداق قۇتۇلۇش توغرىسىدا

سۇئال

    توي قىلىشتىن ئىلگىرى بىر يەردە ئىشلەيتتىم، ئۇ يەردە توغرا بولمىغان يوللار بىلەن بەزى ئىقتىساد تاپتىم، مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن بۇ پۇللارنى توپلاپ بىر ئۆي سېتىۋالدىم، بىر كىرا ماشىنىسىنىڭ يېرىمىغا شېرىك بولغان ئىدىم، مەن ئىگە بولغان ئىقتىسادنىڭ ھەممىسى مۇشۇنىڭدىن ئىبارەت، توي قىلغاندىن كېيىن ئائىلەمگە توغرا بولمىغان شەكىلدىكى ھارام ماللارنى ئەكىرمەسلىك توغرىسىدا ئاللاھ تائالاغا ۋەدە بەردىم، بۇرۇنقى خىزمەتنى تاشلىدىم، ئاللاھقا تەۋبە قىلدىم، ھازىر مەن ئۆزۈم ئىگە بولغان ئۆي بىلەن ماشىنىنى قانداق قىلىشىم كېرەك؟ مەن ئائىلەمنى ۋە ئىقتىسادىمنى ھارامدىن پاكىزلاشنى مەقسەت قىلىمەن؟، ئاللاھ تائالانىڭ مەندىن رازى بولىشى تەۋبەمنى قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن مەن نېمە قىلىشىم كېرەك؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى:  ئاللاھ تائالادىن سىزنىڭ تەۋبىڭىزنى قوبۇل قىلىشنى، سىزگە پاكىزە، ھالالدىن رىزىق ئاتا قىلىشنى سورايمىز، شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، ھەقىقى تەۋبىنىڭ شەرتلىرىدىن:  زۇلۇم قىلىنغان ئىشلاردا مەزلۇمنىڭ ھەققىنى قايتۇرۇش، ئەگەر باشقىلارنىڭ مېلىنى مال ئېگىسىنىڭ رازىلىقىسىز، ئوغرىلاپ، ئالداپ، ھېلە ئىشلىتىپ ئالغان بولسا ئۇنى ئىگىسىگە قايتۇرۇش كېرەك بولىدۇ، ئەگەر مالنى ئۇلارغا ياكى ئۇلارنىڭ ۋارىسلىرىغا يەتكۈزۈش مۇمكىن بولمىسا، بۇنىڭ ساۋابنى مال ئىگىسىگە ئاتاپ ئۇلارنىڭ ھەققىدە سەدىقە قىلىۋېتىش كېرەك. ئەگەر مەلۇم زامانلاردىن كېيىن ئۇ مالنىڭ ئىگىسى كېلىپ قالسا، ياكى مېلىنى قايتۇرىدۇ، قىلغان سەدىقىنىڭ ساۋابى سەدىقە قىلغان كىشىگە بولىدۇ ياكى سەدىقە قىلىۋەتكەن بولسىڭىز توغرا بوپتۇ دېسە، قىلغان سەدىقىنىڭ ساۋابى مالنىڭ ئەسلى ئىگىسىگە بولىدۇ.

    ئىككىنچى:  ئەگەر بۇ ماللار ھارام مال بولسا، ئۇنى توغرا بولمىغان يوللار بىلەن ياكى چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق ئالغان بولسا، ئىككى تەرەپنىڭ رازىلىقى بىلەن، ھاراق ساتقانغا، ساز چېلىپ-ناخشا ئوقۇپ پۇل تاپقانغا، رەمباللىق، پالچىلىق قىلىپ، جازانە توختاملىرىنى يېزىپ بېرىپ، يالغاندىن گۇۋاھلىق بېرىپ دېگەندەك ھارام ئىشلار بىلەن تاپقان بولسا، بۇنىڭدا تەپسىلى توختىلىمىز:

  1 -ئىندان يۇقىردا بايان قىلىنغان ئىشلارنىڭ چەكلەنگەن، ھارام ئىكەنلىكىنى بىلمەستىن تاپقان بولسا، ئۇ مال ئاشۇ كىشىنىڭ بولىدۇ. بۇنىڭدىن قۇتۇلۇپ كېتىش كېرەك بولمايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: فَمَنْ جَاءَهُ مَوْعِظَةٌ مِنْ رَبِّهِ فَانتَهَى فَلَهُ مَا سَلَفَ وَأَمْرُهُ إِلَى اللَّهِ وَمَنْ عَادَ فَأُوْلَئِكَ أَصْحَابُ النَّارِ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ‎ تەرجىمىسى: «كىمكى پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ۋەز ـ نەسىھەت كەلگەندىن كېيىن (يەنى جازانە مەنئى قىلىنغاندىن كېيىن ئۇنىڭدىن) يانسا، بۇرۇن ئالغىنى ئۆزىنىڭ بولىدۇ، ئۇنىڭ ئىشى ئاللاھقا تاپشۇرۇلىدۇ. قايتا جازانە قىلغانلار ئەھلى دوزاخ بولۇپ، دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ.» [سۈرە بەقەرە 275 ئايەت].

   2 -ئەمما بۇ شەكىلدە پۇل تېپىشنىڭ چەكلەنگەن، ھارام ئىكەنلىكىنى بىلىدىكەن لېكىن تاپقان ماللارنى سەرىپ قىلىپ تۈگىتىپ بولغان بولسا، ئۇ كىشىگە تەۋبە قىلىشتىن باشقا ھېچ ئىش كەلمەيدۇ.

    3-    ئەگەر مال قولىدا بولسا، ئۇ كىشىگە ئۇ ماللارنى ياخشىلىق يوللىرىغا سەرپ قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش كېرەك بولىدۇ، لېكىن ئۇ كىشى ئېھتىياجلىق بولسا، ئۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ ھاجىتى مىقداردا ئالىدۇ قالغىنىدىن قۇتۇلىشى كېرەك.

    دائىمىي كومىتېت پەتىۋا بۆلىمىدىكى ئالىملاردىن: مەن كىشىلەر ئارىسىدا بىر ئالىمدىن تارقالغان پەتىۋا توغرىسىدا سورايمەن:  ئۇ پەتىۋادا مۇنداق دېيىلگەن:  بىر كىشى ھاراق ئىشلەپ ياكى سېتىپ ياكى زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى سېتىپ پۇل تاپقان بولسا، كېيىن قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىپ ئاللاھقا تەۋبە قىلغان بولسا ئۇ كىشىنىڭ ھاراق ئىشلەپ چىقىرىپ، سېتىپ ياكى زەھەرلىك چېكىملىك سېتىپ تاپقان پۇلى ھالال دېيىلگەن بۇ توغىرمۇ؟ دەپ سورالغاندا، ئۇلار مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: "ئەگەر يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىشلارنى قىلغاندا، ئۇ ئىشلارنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ قىلغان بولسا، ئۇ كىشىنىڭ تەۋبە قىلىشى بىلەن تاپقان پۇللىرى ھالال بولمايدۇ، بەلكى ئۇ كىشىنىڭ قالغان پۇللارنى ياخشىلىق ۋە خەيرىيەت يوللىرىغا سەرپ قىلىش بىلەن قۇتۇلۇپ كېتىشى كېرەك بولىدۇ".  ["دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى"  14 -توم 33 بەت].

    ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "باشقىلار ھارام نەرسىنى بەرگەن بولسا، ناخشىچى، پاھىشە ئايال، ھاراق ساتقۇچى، يالغاندىن گۇۋاھلىق بەرگۈچى قاتارلىق ئىنسانلار  بۇ ھارام مالنى تاپشۇرۇپ ئالغان بولسا، ئاندىن كېيىن تەۋبە قىلغان بولۇپ، ئۇ مال قولىدا بولغان بولسا، بىر قىسىم ئالىملار: ئۇ مالنى ئىگىسىگە قايتۇرىدۇ، چۈنكى ئۇ شۇ كىشىدىن ئالغان مالنىڭ ئۆزى، بۇنى شەرىئەتنىڭ توغرا پىرىنسىپى بويىچە تاپشۇرۇپ ئالمىدى، مال ئىگىسى ئۈچۈنمۇ ئۇ مالنىڭ باراۋېرىدە توغرا بولغان بىر مەنپەئەت ھاسىل بولمىدى دەيدۇ، يەنە بىر قىسىم ئالىملار:  ئۇ كىشىنىڭ ھارام مالنى سەدىقە قىلىۋېتىش بىلەن تەۋبە قىلىش كۇپايە قىلىدۇ، مالنى ئالغان كىشىگە قايتۇرۇشى كېرەك بولمايدۇ، بۇ شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيەنىڭ قارىشى بۇ ئىككى تۈرلۈك قاراشنىڭ توغىرسىدۇر".  ["مەدارىجۇس سالىكىين"  1 -توم 389 بەت].

    ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ  "زادىل مىئاد"  5 -توم 778 -بەتتە بۇ مەسىلە توغرسىدا تەپسىلى توختالدى، بۇ مالدىن قۇتۇلۇشنىڭ يولىنى تولۇق تەۋبە قىلىش بىلەن بولىدۇ، ئۇ بولسىمۇ بۇ مالنى سەدىقە قىلىۋېتىش، ئەگەر ئېھتىياجى بولغان ھاجەت مىقداردا ئېلىپ قالىدۇ، قالغانلىرىنى سەدىقە قىلىۋېتىدۇ دېگەننى قارار قىلدى".

    شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەگەر ھاراق ساتقۇچى، پاھىشە قىلغۇچى تەۋبە قىلسا، ئەگەر ئۇلار كەمبەغەل بولسا، مۇشۇ مالدىن ئۆزىنىڭ ھاجىتى مىقدارىدا ئىلىپ قالىدۇ، ئەگەر ئۇلار تىجارەت قىلالىسا، ياكى ھۈنەر- كەسىپ قىلالىسا، ئاشۇ مالدىن دەسمى قىلغۇدەك مىقداردا بىر نەرسە بېرىلىدۇ".  ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى"  29 -توم 308 بەت].

    ئۇ كىشىگە دەيدىغىنىمىز:  ئەگەر سىزنىڭ ئۆيگە ۋە ماشىنىغا ھاجىتىڭىز بولسا، ئۇنى قوللانسىڭىز بولىدۇ، ئاللاھنىڭ ئەپۇ قىلىشىنى ئۈمىت قىلىمىز، ئۇلاردىن قۇتۇلۇپ كېتىشىڭىز كېرەك بولمايدۇ.

    سىز بۇنىڭدىن كېيىن ياخشى ئەمەلنى كۆپ قىلىشقا تېرىشىڭ، سەدىقىنى كۆپ قىلىڭ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَإِنِّي لَغَفَّارٌ لِمَنْ تَابَ وَآمَنَ وَعَمِلَ صَالِحًا ثُمَّ اهْتَدَى‎  تەرجىمىسى: « تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، ئاندىن توغرا يولدا ماڭغان ئادەمنى مەن ئەلۋەتتە ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىمەن».[سۈرە تاھا 82 ئايەت].

     ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى