جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

تىل ئاستىغا سالىدىغان دورا روزىنى بۇزامدۇ؟

سۇئال

قەلب كېسىلى بولغان بەزى بىمارلار يۈتىۋەتمەستىن تىلىنىڭ ئاستىغا قويۇۋالىدىغان تابلېت بولۇپ، بۇنى بەدەن سۈمۈرىدۇ، بۇنى ئىشلىتىش روزىنى بۇزامدۇ؟.بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    دوختۇرلارنىڭ ئېيتقىنى بويىچە تىلنىڭ ئاستىدىكى ئورۇن بەدەن ئۈچۈن تابلېت دورىلارنى ئەڭ تىز سۈمۈرىدىغان ئورۇن ھېسابلىنىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن قەلب كېسىلى بولغان بەزى بىمارلارنى ئەڭ تىز داۋالاشنىڭ يولى، تىلىنىڭ ئاستىغا دورا قويۇش بولۇپ، بىمارنىڭ جىسمى بۇ دورىنى بىۋاستە، ئەڭ تىز شەكىلدە سۈمۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ تابلېت يۈرەككە قان يەتكۈزۈپ بېرىش ئارقىلىق تۇيۇقسىز قەلب كېسىلى قوزغىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. بۇ تۈردىكى دورىلار روزىنى بۇزمايدۇ، چۈنكى ئۇ دورا ئېغىزدا سۈمۈرۈلىدۇ، ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسە ئاشقازانغا كىرمەيدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ تۈردىكى دورىلارنى ئىستىمال قىلغۇچىلار دورا ئېغىزدا ئېرىگەندىن كېيىن بەدەن سۈمۈرۈشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭدىن بىرەر نەرسىنى يۈتۈۋېتىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

   بۇ توغرىدا "ئىسلام پىقھى ئېنىسكىپىدىيىسىدە مۇنداق قارار بايان قىلىنغان: تۆۋەندىكى نەرسىلەر روزىنى بۇزىدىغان نەرسىلەرنىڭ قاتارىدىن ھېسابلانمايدۇ: قەلب كېسىلى بولغان بىمارلارنىڭ تىل ئاستىغا قويىدىغان دورىلارنى، ئېرىگەندە ئۇنىڭدىن بىر نەرسىنى يۈتۈۋېتىشتىن ساقلىنىپ  ئىستىمال قىلىشىنىڭ روزىغا تەسىرى بولمايدۇ.

   "ئىسلام پىقھى ئېنىسكىپىدسىيىسى"1996-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى 454-نومۇرلۇق قارارىغا ۋە دوكتۇر ئەھمەد خەلىلنىڭ "زامانىمىزدىكى روزىنى بۇزىدىغان ئامىللار" ناملىق كىتابىنىڭ 38-39-بەتلىرىگە قارالسۇن.

   ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى