سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

شەۋۋال ئېيىدا تۇتىدىغان ئالتە كۈن روزا قەسەمنىڭ كاپارىتىگە تۇتىدىغان روزىغا ھېساب بولامدۇ؟

سۇئال

ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلغانلىق توغرىسىدا بىر سوئالىم بار، مەن ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ پالانى جايغا بارمايمەن دېگەن ئىدىم، لېكىن قەسەم قىلىپ بىر ھەپتىدىن كېيىن شۇ جايغا باردىم، شۇنىڭ بىلەن شەۋۋالنىڭ ئالتە كۈنلۈك روزىسىدىن ئۈچ كۈننى مۇشۇ قەسەمگە كاپارەت قىلىپ تۇتۇشنى قارار قىلدىم، قىلغىنىم توغرا بولاپتىمۇ؟،بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاللاھ سىلەرگە ياخشى مۇكاپات بەرسۇن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى: سوئال سورىغان قېرىندىشىمىزنىڭ سوئالىغا جاۋاپ بېرىشتىن ئىلگىرى قېرىندىشىمىزغا بەزى مۇھىم ئىشلار توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىمىز:

1-ئەسلىدە مۇسۇلمان كىشى ئۆزىنىڭ قىلغان قەسىمىنى مۇھاپىزەت قىلىشى، ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن قەسەم قىلىشقا لايىق بولمايدىغان ئىشلارغا قالايمىقان قەسەم قىلماسلىقى كېرەك. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَاحْفَظُوا أَيْمَانَكُمْ تەرجىمىسى: قەسىمىڭلارغا رىئايە قىلىڭلار (يەنى قەستەن قىلغان قەسىمىڭلارنى ئورۇنداڭلار ياكى كەففارىتىنى ئادا قىلىڭلار). [سۈرە مائىدە 89- ئايەت].

بۇ ھەقتە شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئەسلىدە قەسەمنى كۆپ قىلىش توغرا بولمايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَاحْفَظُوا أَيْمَانَكُمْ تەرجىمىسى: قەسىمىڭلارغا رىئايە قىلىڭلار (يەنى قەستەن قىلغان قەسىمىڭلارنى ئورۇنداڭلار ياكى كەففارىتىنى ئادا قىلىڭلار). [سۈرە مائىدە 89- ئايەت].

بەزى ئۆلىمالار بۇ ئايەتنى :قەسەمنى كۆپ قىلماڭلار دېگەن بولىدۇ دەپ شەرھىلىگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمان كىشى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى ۋە كۆپ قەسەم قىلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. ["شەرھۇل مۇمتىئ" ناملىق ئەسەر 15-توم، 117-بەت].

1-سىز بارمايمەن دەپ قەسەم قىلغان ئورۇن، ئاللاھنىڭ شەرىئىتىدە بېرىش توغرا بولمايدىغان، چەكلەنگەن ئورۇن بولسا، ئۇ جايغا بارماي قىلغان قەسىمىڭىزگە ۋاپا قىلىشىڭىز كېرەك. ئەمما ئۇ جاي ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقىنى يەتكۈزۈش ياكى يېقىنلىرىنى زىيارەت قىلىش دېگەندەك شەرىئەتتە بېرىش زۆرۈر بولغان جايلار بولسا، ئۇ ۋاقىتتا قەسەمنى بۇزۇپ كاپارەت بېرىپ ئۇ جايغا بېرىش زۆرۈر بولىدۇ. ئەگەر بېرىش مۇستەھەپ (ياخشى بولىدىغان) ئورۇن بولسا، قەسەمنى بۇزۇپ كاپارەت بېرىپ ئۇ يەرگە بېرىش مۇستەھەپ (ياخشى بولىدۇ)، شۇ ئورۇنغا بېرىش مۇباھ (رۇخسەت) بولسا، سىز دىنىڭىز ۋە دۇنيارىڭىز ئۈچۈن ياخشى بولغىنىغا، پەرۋەردىگارىڭىز ئۈچۈن تەقۋالىقراق بولغىنىغا قاراپ شۇنى قىلىڭ، ئۇ جايغا بېرىش ياخشىلىق ۋە تەقۋادارلىققا ئېلىپ بارسا ئۇ جايغا بېرىڭ ۋە قەسىمىڭىزگە كاپارەت بېرىڭ، ئۇنداق بولمىسا بېرىشتىن ئۆزىڭىزنى چەكلەپ تۇرغىنىڭىز ياخشى.

ئابدۇرەھمان ئىبنى سەمۇرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: سەن بىر ئىشقا قەسەم قىلىپ، ئۇنىڭدىن باشقا بىر ئىشنى قەسەم قىلغان ئىشتىن ياخشى دەپ ئويلىساڭ، قەسىمىڭگە كاپارەت بېرىپ، ئۇنىڭدىن ياخشى بولغان ئىشنى قىلغىن. [بۇخارى رىۋايىتى 6343-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1652-ھەدىس].

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: كىمكى بىر ئىشقا قەسەم قىلىپ، يەنە بىر ئىشنى قەسەم قىلغان ئىشتىن ياخشى دەپ ئويلىسا، قەسىمىگە كاپارەت بېرىۋېتىپ، ياخشى دەپ ئويلىغان ئىشىنى قىلسۇن. [مۇسلىم رىۋايىتى 1650-ھەدىس].

پىقھى ئېنىسكلۇپېدىيسى ناملىق ئەسەر 8-توم 63-بەتتە: ياخشى قەسەم دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى: قىلغان قەسىمىدە سەمىمى بولۇپ، قەسەم قىلغان ئىشىنى ئادا قىلىش دېمەكتۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَأَوْفُوا بِعَهْدِ اللَّـهِ إِذَا عَاهَدتُّمْ وَلَا تَنقُضُوا الْأَيْمَانَ بَعْدَ تَوْكِيدِهَا وَقَدْ جَعَلْتُمُ اللَّـهَ عَلَيْكُمْ كَفِيلًا ۚ إِنَّ اللَّـهَ يَعْلَمُ مَا تَفْعَلُونَ تەرجىمىسى: قەسىمىڭلارنى (ئاللاھنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىپ) پۇختىلىغاندىن كېيىن بۇزماڭلار، چۈنكى سىلەر ئاللاھنى گۇۋاھچى قىلدىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ. [سۈرە نەھل 91-ئايەت].

ئەگەر ئۇ ۋاجىپ ئىشنى قىلىش ياكى ھارام ئىشنى تاشلاش ئۈچۈن قىلىنغان قەسەم بولسا، ئاللاھغا ئىتائەت قىلىش ئۈچۈن قىلىنغان قەسەم بولۇپ، بۇنىڭغا رېئايە قىلىش زۆرۈر بولىدۇ، بۇ شەكىلدىكى قەسەمنى بۇزۇش چەكلىنىدۇ.

ئەمما ۋاجىپ ئىشنى تاشلاش ياكى ھارام ئىشنى قىلىش ئۈچۈن قىلىنغان قەسەم بولسا، بۇ ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىش ئۈچۈن قىلىنغان قەسەم بولۇپ، بۇنى بۇزۇش زۆرۈر.

ئەگەر نەپلە ناماز ئوقۇش ياكى نەپلە سەدىقە قىلىش دېگەندەك ئىشلارغا قىلىنغان قەسەم بولسا، بۇ قەسەمگە رېئايە قىلغان ياخشى، خىلاپلىق قىلىش ياقتۇرۇلمايدۇ.

نەپلە ئەمەلنى تاشلاش ئۈچۈن قىلىنغان قەسەم مەكرۇھ (ياقتۇرۇلمايدىغان) قەسەم بولۇپ، ئۇ قەسەمنى ئادا قىلىشمۇ ياقتۇرۇلمايدۇ، سۈننەت بويىچە ئۇنى بۇزۇش كېرەك. ئەگەر مۇباھ (رۇخسەت) بىر ئىشنى قىلىش ئۈچۈن قىلىنغان قەسەم بولسا، ئۇ قەسەمنى بۇزۇش مۇباھ (رۇخسەت) بولىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: بىرەر ئىشقا قەسەم قىلىپ، باشقا بىر ئىشنى قەسەم قىلغان ئىشتىن ياخشى دەپ قارىساڭ، ياخشى دەپ قارىغان ئىشنى قىلىپ، قەسىمىڭگە كاپارەت بەرگىن.

2-قەسىمىڭىزنى بۇزغاننىڭ بەدىلىگە ئۈچ كۈن روزا تۇتۇشىڭىز، ئەگەر سىز ئون كەمبەغەلگە يېمەك بېرىش ياكى كىيىم بېرىش ياكى بىر قۇلنى ئازات قىلىشقا قادىر بولالمىغاندا توغرا بولىدۇ. چۈنكى قەسەمنىڭ كاپارىتى: ئون كەمبەغەلگە يېمەك بېرىش ياكى كىيىم بېرىش ياكى قۇل ئازات قىلىش، بۇنىڭغا قىلالمىغان كىشى ئۈچ كۈن روزا تۇتىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  لا يُؤَاخِذُكُمُ اللَّهُ بِاللَّغْوِ فِي أَيْمَانِكُمْ وَلَكِنْ يُؤَاخِذُكُمْ بِمَا عَقَّدْتُمُ الأَيْمَانَ فَكَفَّارَتُهُ إِطْعَامُ عَشَرَةِ مَسَاكِينَ مِنْ أَوْسَطِ مَا تُطْعِمُونَ أَهْلِيكُمْ أَوْ كِسْوَتُهُمْ أَوْ تَحْرِيرُ رَقَبَةٍ فَمَنْ لَمْ يَجِدْ فَصِيَامُ ثَلاثَةِ أَيَّامٍ ذَلِكَ كَفَّارَةُ أَيْمَانِكُمْ إِذَا حَلَفْتُمْ وَاحْفَظُوا أَيْمَانَكُمْ كَذَلِكَ يُبَيِّنُ اللَّهُ لَكُمْ آيَاتِهِ لَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ 

تەرجىمىسى: ئاللاھ سىلەرنى سەۋەنلىك بىلەن قىلغانقەسىمىڭلار ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتمايدۇ، لېكىن سىلەرنى قەستەن قىلغان قەسىمىڭلار ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىدۇ. (مۇنداق قەسىمىڭلارنى بۇزساڭلار) ئۇنىڭ كەففارىتى ئائىلەڭلارغا بېرىدىغان ئوتتۇرا دەرىجىلىك تاماق بىلەن ئون مىسكىننى بىر ۋاخ غىزالاندۇرۇشتۇر ياكى ئۇلارغا (يەنى ئون مىسكىنگە بەدىنىنى يېپىپ تۇرىدىغان) بىر قۇر كىيىم بېرىشتۇر ياكى بىر قۇل ياكى بىر چۆرىنى ئازاد قىلىشتۇر. كىمكى بۇنداق قىلىشقا كۈچى يەتمىسە، ئۈچ كۈن روزا تۇتۇشى لازىم. بۇ ئەنە شۇ ئىچكەن قەسىمىڭلارنى بۇزغانلىقىڭلارنىڭ كەففارىتىدۇر، قەسىمىڭلارغا رىئايە قىلىڭلار (يەنى قەستەن قىلغان قەسىمىڭلارنى ئورۇنلاڭلار ياكى كەففارىتىنى ئادا قىلىڭلار). سىلەرنىڭ شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ ئايەتلىرىنى سىلەرگە ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ. [سۈرە مائىدە 89-ئايەت]. تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن 45676- نۇمۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قاراڭ.

ئىككىنچى: سىزنىڭ، قەسەمنىڭ كاپارىتىگە تۇتىدىغان روزىنى شەۋۋالدا تۇتۇپ، ئۇنى رامزاندا روزا تۇتۇش بىلەن بىرگە شەۋۋالدا ئالتە كۈن روزا تۇتسا يىل بويى روزا تۇتقانغا ئوخشاش ساۋاپ بولىدىغانلىقى بايان قىلىنغان ئالتە كۈنگە ھېسابلاش توغرىسىدىكى سوئالىڭىزغا جاۋابىمىز: يېمەك ياكى كىيىم بېرەلمىگەنلىكىڭىز ئۇچۈن روزا تۇتۇش زۆرۈر بولغان بولسا، ئۇ روزىنى شەۋۋالنىڭ ئالتە كۈنلۈك روزىسىغا ھېسابلىماڭ، ۋاجىپ روزا بىلەن نەپلە روزىنىڭ نىيىتىنى بىرلەشتۈرۈش توغرا ئەمەس، قەسەمنىڭ كاپارىتىگە تۇتىدىغان روزا شەۋۋالدىكى ئالتە كۈنلۈك روزىغا ئوخشاش ئايرىم نىيەت بىلەن تۇتىلىدىغان خاس روزا بولغاچقا، قەسەمنىڭ كاپارىتى ئۈچۈن تۇتقان ئۈچ كۈنلۈك روزىڭىز شەۋۋالدىكى ئالتە كۈنلۈك روزىسىغا ھېساب بولمايدۇ.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، دىنى تەشۋىقات كومىتېتى ئالىملىرىدىن: قەسەملىرىنىڭ سانىنى ئالالمىغان ھالەتتە شەۋۋالنىڭ ئالتە كۈنلۈك روزىسى، ئاشۇرا كۈنىنىڭ روزىسى، ئەرەپات كۈنىنىڭ روزىسى قەسەمنىڭ كاپارىتىگە تۇتىدىغان روزىغا ھېساپ بولامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، ئۇلار جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: "قەسەمنىڭ كاپارىتى بولسا: مۆمىن قۇلدىن بىرنى ئازات قىلىش ياكى ئون كەمبەغەلگە يېمەك بېرىش ياكى كىيىم بېرىش، بۇ نەرسىلەرنى ھازىرلىيالمىغان كىشى ھەر بىر قەسەمنىڭ كاپارىتى ئۈچۈن ئۈچ كۈندىن روزا تۇتىشى كېرەك. سىز قەسەملىرىڭىزنىڭ سانىنى ئىلىشقا قادىر بولالمىغان بولسىڭىز، سىز ئۈچۈن ئەڭ توغرا بولغان بىر سانغا بىكىتىپ، ئاندىن بۇزۇۋەتكەن قەسەملىرىڭىز ئۈچۈن كاپارەت بېرىسىز، ئاللاھ خالىسا مۇشۇنىڭ ئۆزى كۇپايە، شەۋۋالنىڭ ئالتە كۈنلۈك روزىسى، ئاشۇرا كۈنىنىڭ روزىسى، ئەرەپات كۈنىنىڭ روزىسى قەسەمنىڭ كاپارىتىگە تۇتىدىغان روزىغا ھېساپ بولمايدۇ، لېكىن نەپلە دەپ ئەمەس، قەسەمنىڭ كاپارىتىگە دەپ نىيەت قىلسىا ئۇ ۋاقىتتا توغرا بولىدۇ". [شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز، شەيخ ئەبدۇرەززاق ئەپىپىي، شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان قاتارلىقلار. سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، دىنى تەشۋىقات كومىتېتى پەتىۋاسى 23-توم، 37-38-بەتلەر].

بىر ھەمشىرە، شەيخ مۇھەممەد ئىبنىسالىھ ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھدىن: مەن قەسەم قىلغان، ھازىر قەسىمىمنى بۇزۇپ ئۇنىڭغا كاپارەت بېرىشنى مەقسەت قىلغان ئىدىم، مەن شەۋۋال ئېيىنىڭ ئالتە كۈنلۈك روزىسىنى تۇتماقچى، قەسەمنىڭ كاپارىتىگە تۇتىدىغان روزىنى شەۋۋالنىڭ ئالتە كۈنلۈك روزىسى بىلەن بىرگە نىيەت قىلىپ تۇتسام بولامدۇ؟، دەپ سورىغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: "بىرىنچى: قەسەم قىلغۇچى قەسىمىنى بۇزىۋەتسە ئون كەمبەغەلگە يېمەك بېرىش ياكى كىيىم بېرىش ياكى قۇل ئازات قىلىشقا قادىر بولالمىسا ئاندىن روزا تۇتسا بولىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: فَكَفَّارَتُهُ إِطْعَامُ عَشَرَةِ مَسَاكِينَ مِنْ أَوْسَطِ مَا تُطْعِمُونَ أَهْلِيكُمْ أَوْ كِسْوَتُهُمْ أَوْ تَحْرِيرُ رَقَبَةٍ فَمَنْ لَمْ يَجِدْ فَصِيَامُ ثَلاثَةِ أَيَّامٍ ذَلِكَ كَفَّارَةُ أَيْمَانِكُمْ إِذَا حَلَفْتُمْ تەرجىمىسى: (قەسىمىڭلارنى بۇزساڭلار) ئۇنىڭ كەففارىتى ئائىلەڭلارغا بېرىدىغان ئوتتۇرا دەرىجىلىك تاماق بىلەن ئون مىسكىننى بىر ۋاخ غىزالاندۇرۇشتۇر ياكى ئۇلارغا (يەنى ئون مىسكىنگە بەدىنىنى يېپىپ تۇرىدىغان) بىر قۇر كىيىم بېرىشتۇر ياكى بىر قۇل ياكى بىر چۆرىنى ئازاد قىلىشتۇر. كىمكى بۇنداق قىلىشقا كۈچى يەتمىسە، ئۈچ كۈن روزا تۇتۇشى لازىم. بۇ ئەنە شۇ ئىچكەن قەسىمىڭلارنى بۇزغانلىقىڭلارنىڭ كەففارىتىدۇر، قەسىمىڭلارغا رىئايە قىلىڭلار (يەنى قەستەن قىلغان قەسىمىڭلارنى ئورۇنداڭلار ياكى كەففارىتىنى ئادا قىلىڭلار). [سۈرە مائىدە 89-ئايەت].

كىشىلەر ئارىسىدا كەڭ تارقالغان بىر ئىش: قەسەم قىلغۇچى قەسىمىنى بۇزۇۋەتسە ئون كەمبەغەلگە يېمەك بېرىش ياكى كىيىم بېرىش ياكى قۇل ئازات قىلىشقا قادىر بولالىغان ياكى بولالمىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۈچ كۈن روزا تۇتۇشنى ئادەت قىلىۋالغان بولۇپ، بۇ خاتا قاراش، ئەسلىدە قەسەم قىلغۇچى قەسىمىنى بۇزغان ۋاقىتتا ئون كەمبەغەلگە بېرىدىغان يېمەك تاپالمىسا ياكى يېمەك تېپىپ لېكىن بېرىدىغانغا كەمبەغەل تاپالمىسا بۇ ۋاقىتتا ئارقىمۇ-ئارقا ئۈچ كۈن روزا تۇتىدۇ.

قەسەمنىڭ كاپارىتىگە تۇتىدىغان ئۈچ كۈنلۈك روزىنى شەۋۋالنىڭ ئالتە كۈنلۈك روزىسى بىلەن بىرگە نىيەت قىلىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ ئىككىلىسى ئايرىم- ئايرىم ئىبادەت، بىرى يەنە بىرىنىڭ ئورنىدا تۇرالمايدۇ، بەلكى شەۋۋالنىڭ ئالتە كۈنلۈك روزىسىنى تۇتىدۇ ئاندىن قەسەمنىڭ كاپارىتىگە ئۈچ كۈن روزا تۇتىدۇ". ["نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋالىرى توپلىمى "84-85- بەت].

قەسەمنىڭ كاپارىتىگە تۇتىدىغان ئۈچ كۈنلۈك روزىنى ئارقىمۇ- ئارقا تۇتۇش كېرەك ئەمەس، بۇ مەسىلىنى 12700- نۇمۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا تەپسىلى بايان قىلدۇق، شۇنىڭغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

ئۇنىڭغا ئالاقىدار تىمىلار