شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

زىياندىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئەتتىگەندە ۋە ئاخشامدا ئوقۇيدىغان زىكىرلەر

سۇئال

ئىنسان ئاتا-ئانىسى ۋە قېرىنداشلىرىغا ۋاكالىتەن دۇئا قىلسا بولامدۇ؟ ھەدىستە: نامىنى تىلغا ئېلىش بىلەن زېمىن ۋە ئاسماندا ھېچ نەرسە زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن دېگەن زىكىرنى ئەتتىگەندە دېسە، كەچ كىرگۈچە، كەچتە دېسە تاڭ يورۇغىچە ئۇ كىشىگە زىيان يەتمەيدۇ دەپ بايان قىلىنغان، بەزى مەنبەلەردە ئەبۇ دەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇشۇ زىكىرنى دەيتتى، بىر قېتىم ئۇ ئولتۇراقلاشقان مەھەللىدە ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ ئەتراپتىكى ھەممە ئۆيلەر كۆيۈپ، ئۇنىڭ ئۆيىدىن ھېچ نەرسە كۆيمىگەن، دېىلگەن بۇ سەھىھ ھەدىسمۇ؟، بۇ دۇئانى بىر كىشى ئائىلىسىدىكىلەرگە ۋاكالىتەن دىسە توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى: سوئالدا زىكىر قىلىنغان دۇئا بەزى ئۆلىمالارنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن كەلگەن سەھىھ ھەدىستۇر.

ئەبانە ئىبنى ئوسمان، ئوسمان ئىبىنى ئەپپان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلغان ھەدىستە، ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان دەيدۇ: كىمكى نامىنى تىلغا ئېلىش بىلەن زېمىن ۋە ئاسماندا ھېچ نەرسە زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن، دېگەن زىكىرنى كەچتە ئۈچ قېتىم دېسە، تاڭ يورۇغىچە تۇيۇقسىز بىر بالاغا ئۇچرىمايدۇ، ئەتتىگەندە ئۈچ قېتىم دېسە، كەچ كىرگۈچە تۇيۇقسىز بىر بالاغا ئۇچرىمايدۇ.

ئەبانە بىن ئوسمان پالەچ بولۇپ قالغاندا، ئۇنىڭدىن بۇ ھەدىسنى ئاڭلىغان بىر كىشى ئۇنىڭغا قارىغان ئېدى، ئەبانە ئۇنىڭغا: ساڭا نېمە بولدى ماڭا قاراۋاتىسەن؟ ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن ئوسمانغا يالغاننى توقۇمىدىم، ئوسمان پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا يالغاننى توقۇمىدى، لېكىن مەن پالەچ بولۇپ قالغان كۈنى ئاچچىقلىنىپ قىلىپ بۇ دۇئانى ئوقۇشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، دېدى. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى5088-ھەدىس].

تىرمىزى 3388 – نومۇرلۇق ھەدىستە مۇنداق بايان قىلغان: كىمكى ھەر كۈنى ئەتتىگەندە ۋە ئاخشامدا، نامىنى تىلغا ئېلىش بىلەن زېمىن ۋە ئاسماندا ھېچ نەرسە زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن، دېگەن زىكىرنى ئۈچ قېتىم دېسە، ئۇ كىشىگە ھېچ نەرسە زىيان يەتكۈزمەيدۇ. [تىرمىزى بۇ ھەدىسنى ھەسەن، سەھىھ ۋە غېرىپ دېگەن، ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ "زادۇل مىئاد" ناملىق ئەسەر 2-توم 338-بەتتە سەھىھ دېگەن. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دەپ ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

دوكتۇر ئابدۇراززاق بەدرى مۇنداق دەيدۇ: "بۇ مۇسۇلمان ھەر كۈنى ئەتتىگەن-كەچتە ئوقۇشنى ئېسىدە تۇتۇشى تەلەپ قىلىنىدىغان ئۇلۇغ زىكىر بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن ئىنسان ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن تۇيۇقسىز بالا-مۇسىبەتكە ئۇچراشتىنساقلىنىپ قالىدۇ.

ئىمام قۇرتۇبى رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىس توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: "بۇ توغرا خەۋەر، راست سۆز بولۇپ، بىز بۇنى ۋە بۇنىڭ دەلىلىنى دەلىل ۋە تەجىربە بىلەن بىلدۇق. مەن مۇشۇ ھەدىسنى ئاڭلىغاندىن بىرى ئەمەل قىلىپ كەلدىم، مەن بۇنى دېيىشنى تەرك ئەتكەنگە قەدەر ماڭا بىر نەرسە زىيان يەتكۈزمىدى، مەدىنىدە بىر كۈنى كېچىدە مېنى يىلان چىقىۋالدى، ئويلاپ باقسام مەن شۇ كۈنى مەزكۇر زىكىرنى ئېيتىشنى ئۇنتۇپ قالغان ئىكەنمەن." [ئىبنى ئەلاننىڭ"ئەل پۇتۇھات ئەررەببانىي" ناملىق ئەسىرى 3 -توم 100-بەتكە قارالسۇن].

سۈننەت بويىچە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تەلىم بەرگەندەك بۇ زىكىرنى ھەر كۈنى ئەتتىگەن-كەچتە ئۈچ قېتىم دېيىلىدۇ.

ھەدىستىكى: نامىنى تىلغا ئېلىش بىلەن زېمىن ۋە ئاسماندا ھېچ نەرسە زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن دەپ ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن پاناھلىق تىلىگەن كىشىگە زېمىننىڭ تەرىپىدىنمۇ ۋە ئاسماننىڭ تەرىپىدىنمۇ بىر مۇسىبەت يەتمەيدۇ دېگەن بولدى. ھەدىستىكى: ئۇ ئاللاھ ئاڭلىغۇچى ۋە بىلگۈچىدۇر دېگەنلىك، ئاللاھ تائالا بەندىلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغۇچىدۇر، ئىش-ھەرىكەتلىرىنى بىلگۈچىدۇر، ئاللاھ تائالاغا ئاسمان-زېمىندا ھېچ نەرسە مەخپى قالمايدۇ دېگەن بولدى.

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقىل قىلغان سەھىھ ھەدىستە، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى: ئەتتىگەن مېنى يىلان چېقىۋالدى دېگەن ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئەگەر كەچتە ئاللاھنىڭ مۇكەممەل كەلىمىلىرى بىلەن ئاللاھ تائالا ياراتقان نەرسىلەرنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن دېگەن دۇئانى ئوقۇغان بولساڭ، ئۇ ساڭا زىيان يەتكۈزەلمەيتتى ئەمەسمۇ؟، دېدى. [مۇسلىم رىۋايىتى 2709-ھەدىس].

يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: كىمكى كەچ تەرەپتە ئۈچ قېتىم: ئاللاھنىڭ مۇكەممەل كەلىمىلىرى بىلەن ئاللاھ تائالا ياراتقان نەرسىلەرنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن دېگەن دۇئانى ئوقۇسا، ئۇ كېچىدە ئۇنىڭغا ھېچ قانداق زەھەرلىك نەرسە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. [تىرمىزى رىۋايىتى 3604-ھەدىس].

ئىمام تىرمىزى بۇ ھەدىسكە ئەگەشتۈرۈپ، راۋىيلاردىن بىرى بولغان سۇھەي ئىبنى ئەبى سالىھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ: «بىزنىڭ ئائىلىدىكىلەر بۇ دۇئانى ئۈگەنگەن ئۇلار ھەر كېچىسى بۇ دۇئانى ئوقۇپ ياتاتتى، بىر كېچىسى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىر قىزنى چايان چېقىۋالغان بولسىمۇ ئۇ قىز ئاغرىق ھېس قىلمىدى».

يۇقىرىقى ھەدىس بۇ دۇئا-زىكىرنىڭ پەزىلىتىنى بىلدۈرىدۇ، بۇ دۇئانى ئاخشىمى ئوقۇغان كىشى ئاللاھ تائالانىڭ ئىزنى بىلەن يىلان-چايانلارنىڭ زىيان يەتكۈزىشىدىن ساقلىنىپ قالىدۇ". [دوكتۇرنىڭ سۆزى قىسقارتىپ ئېلىندى. "پىقھۇل دۇئا ۋەل ئەزكار" ناملىق ئەسەر 3 -توم 12-14-بەتلەرگە قارالسۇن].

ئاللاھ تائالانىڭ ئىزنى بىلەن يامانلىقتىن ساقلاپ، زىياندىن مۇداپىئە قىلىدىغان زىكىرلەردىن: ئابدۇللاھ ئىبنى خۇبەيب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: بىز يامغۇر يىغىۋاتقان قاپ-قاراڭغۇ بىر كېچىدە پەيغەمبەرئەلەيھسىسالامنى بىزگە ناماز ئوقۇپ بېرەمدىكىن دەپ ئىزدەپ چىقتۇق، بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى تاپقاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ناماز ئوقۇدۇڭلارمۇ؟ دېدى،مەن ھېچ نەرسە دېمىدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: بىر نەرسە دېگىن دېدى، مەن ھېچ نەرسە دېمىدىم، ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: بىر نەرسە دېگىن دېدى، مەن ھېچ نەرسە دېمىدىم، ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: بىر نەرسە دېگىن دېدى، مەن: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! نېمە دەيمەن؟ دېدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئەتتىگەندە ۋە كەچتەقۇلھۇۋاللاھۇ ئەھەدنى، مۇئەۋۋەزەتەيننى ئۈچ قېتىمدىن دېسەڭ، سەن ئۈچۈن ھەممە نەرسىگە كۇپايە قىلىدۇ، دېدى. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 5082-ھەدىس. تىرمىزى رىۋايىتى 3575-ھەدىس. ئۇ بۇ ھەدىسنى ھەسەن، سەھىھ، غەرىب دېگەن. ئىمام نەۋەىۋي رەھىمەھۇللاھ: "ئەلئەزكار" ناملىق ئەسەرنىڭ 107-بەتتە ئىسنادى سەھىھ دېگەن].

سۆزىمىزنىڭ خۇلاسىسى: يۇقىرىدا بايان قىلىنغان دۇئا-زىكىرلەر ئاللاھ تائالانىڭ ئىزنى بىلەن مۇسۇلماننى تۈرلۈك ئازار-كۈلپەتتىن ساقلايدۇ، بۇ چوقۇم شۇنداق بولىدۇ دېگەنلىك ئەمەس، مۇشۇ زىكىر-دۇئالارنى ئوقۇپ تۇرۇپمۇ ئازار-كۈلپەت يەتكەن بولسا بۇ ئاللاھ تائالانىڭ تەقدىرىدىن بولىدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ بىر ئىشنى بۇيرۇش ۋە تەقدىر قىلىشىدا كاتتا ھېكمەت بار. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  لَهُ مُعَقِّبَاتٌ مِنْ بَيْنِ يَدَيْهِ وَمِنْ خَلْفِهِ يَحْفَظُونَهُ مِنْ أَمْرِ اللَّهِ تەرجىمىسى: ھەربىر ئادەمنىڭ ئالدى - كەينىدە ئاللاھنىڭ ئەمرى بويىچە ئۇنى قوغدايدىغان نۆۋەتچى پەرىشتىلەر بار. [سۈرە رەئد 11-ئايەت].

ئەكرەمە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:  يَحْفَظُونَهُ مِنْ أَمْرِ اللَّهِ تەرجىمىسى: ئاللاھنىڭ ئەمرى بويىچە ئۇنى قوغدايدىغان نۆۋەتچى پەرىشتىلەر بار دېگەن سۆزنىڭ چۈشەنچىسى؛ ئۇ كىشىنى پەرىشتىلەر ئالدى-كەينى تەرەپتىن مۇھاپىزەت قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ قازائى-قەدەرى كەلگەندە پەرىشتىلەر ئۇ كىشىنى يالغۇز قويىدۇ.

مۇجاھىد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ھەرقانداق ئىنسانغا مۇئەككەل قىلىنغان پەرىشتە بولىدۇ، ئۇ پەرىشتە ئىنساننى ئويغاق ياكى ئۇخلىغان ۋاقىتلاردا جىن، زىيانداش ھاشارەتلەرنىڭ زېيىنىدىن ساقلايدۇ، بىرەر نەرسە زىيان يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلىپ كەلسە، پەرىشتە ئۇنىڭغا: كەينىڭگە قايت دەيدۇ، پەقەت ئاللاھ تائالا تەقدىر قىلغان، ئىزنى بەرگەن ئىش بولسا، ئۇ ئىش ئۇنىڭغا يېتىدۇ". ["تەپسىر ئىبنى كەسىر" ناملىق ئەسەر 4-توم 438-بەت].

ئىككىنچى: ئائىلىسىدىكىلەرگە ۋاكالىتەن دۇئا قىلىش، توغرا بولمايدۇ ۋە ئۇلار ئۈچۈن كۇپايە قىلمايدۇ، چۈنكى زىكىر-دئۇلاردا ھايات كىشىلەرگە ۋاكالىتەن قىلسا دۇرۇس بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ھېچ دەلىل بايان قىلىنمىغان، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر بىر مۇسۇلمان ئۆزىگە مەنپەئەتلىك بولغان ئىشلارنى قىلىشقا ھېرىسمەن بولىشى كېرەك، ئۇ كىشىنىڭ ئەھۋالى ئاللاھ تائالانىڭ زىكرىىدىن غاپىل قالغۇچىلارنىڭ ھالىغا ئوخشاش بولۇپ قالماسلىقى كېرەك.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَاذْكُرْ رَبَّكَ فِي نَفْسِكَ تَضَرُّعًا وَخِيفَةً وَدُونَ الْجَهْرِ مِنَ الْقَوْلِ بِالْغُدُوِّ وَالْآصَالِ وَلَا تَكُنْ مِنَ الْغَافِلِينَ . إِنَّ الَّذِينَ عِنْدَ رَبِّكَ لَا يَسْتَكْبِرُونَ عَنْ عِبَادَتِهِ وَيُسَبِّحُونَهُ وَلَهُ يَسْجُدُونَتەرجىمىسى: پەرۋەردىگارىڭنى يېلىنغان ۋە ئۇنىڭدىن قورققان ھالدا ئىچىڭدە ياد ئەتكىن، ئەتىگەندە - ئاخشامدا ئۇنى پەس ئاۋازدا زىكرى قىلغىن، غاپىللاردىن بولمىغىن. پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدىكىلەر (يەنى پەرىشتىلەر) ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن باش تارتمايدۇ، ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىدۇ ۋە ئۇنىڭغا سەجدە قىلىدۇ. [سۈرە ئەئراف 205-206-ئايەتلەر].

ئۈچىنچى: ئەمما ئەبۇ دەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مەھەللىسىدىكى ھەممە ئۆيلەر كۆيۈپ ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ساق قالغانلىقى توغرىسىدىكى ۋەقەلىك سوئالدا بايان قىلىنغان نامىنى تىلغا ئىلىش بىلەن زېمىن ۋە ئاسماندا ھېچ نەرسە زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن دېگەن بۇزىكىردە كەلمىگەن ، ئۇ ۋەقەلىك باشقا بىر دۇئانىڭ سەۋەبىدە بايان قىلىنىدۇ.

تەلق بىن ھەبىيب مۇنداق دەيدۇ: «بىر كىشى ئەبۇ دەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىغا كېلىپ : ئەي ئەبۇ دەردا! ئۆيۈڭ كۆيۈپ كەتتى دېدى، ئەبۇ دەردا: كۆيۈپ كەتمىدى، ئاللاھ تائالا ئۇنداق قىلمايدۇ، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بىر قانچە سۆزنى ئاڭلىغان، بۇ سۆزلەرنى ئەتتىگەندە دېگەن كىشىگە كەچ كىرگىچە مۇسىبەت يەتمەيدۇ، كەچ كېرگەندە دېگەن كىشىگە تاڭ يورۇغىچە مۇسىبەت يەتمەيدۇ. "ئەي ئاللاھ! سەن مېنىڭ پەرۋەردىگارىم، سەندىن باشقا ھەقىقى ئىلاھ يوق، ساڭا تەۋەككۇل قىلدىم، سەن بۈيۈك ئەرىشنىڭ پەرۋەردىگارى، ئاللاھ تائالانىڭ خالىغىنى بولىدۇ، خالىمىغىنى بولمايدۇ. كۈچ-قۇۋۋەت ئالى بولغان بۈيۈك ئاللاھقا خاستۇر. بىلگىنكى ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ھەممە نەرسىگە قادىردۇر، ئاللاھ تائالانىڭ بىلىشى ھەممە نەرسىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ. ئەي ئاللاھ! مەن، سەن بىلەن نەپسىمنىڭ يامانلىقىدىن، سەن كوكۇلىسىدىن تۇتۇپ تۇرغان بارلىق جانلىقلارنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن، پەرۋەردىگارىم! مېنى توغرا يولنىڭ ئۈستىگە قىلغىن".» [بۇ ھەدىسنى ئىبنى سىننىي"كېچە-كۈندۈزنىڭ ئەمىلى" ناملىق ئەسەر 57-بەتتە، تەبرانى"ئەددۇئا" ناملىق ئەسەر 343-بەتتە، بەيھەقىي "پەيغەمبەرلىكنىڭ دەلىللىرى" ناملىق ئەسەر 7-توم 121-بەتتە، ئەغلەب بىن تەمىيم دىن ئۇ كىشى ھەججاج بىن پەراپىسەدىن ئۇ كىشى تەلق بىن ھەبىيبتىن رىۋايەت قىلغان].

ئىبنى جەۋزى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىس مۇستەھكەم ئەمەس، بۇنىڭ ئاپىتى ئەغلەبتىن كېلىدۇ، يەھيا ئىبنى مەئىين ئۇنى ھەدىس رىۋايەت قىلىشقا يارىمايدۇ دېگەن، ئىمام بۇخارى: ئۇنىڭ ھەدىسى مۇنكەر دېگەن". "ئەل ئىلەلۇل مۇتەناھىيە" 2-توم 352-بەت. ھاپىز ئىبنى ھەجەر "نەتائىجۇل ئەفكار" ناملىق ئەسەر 2-توم 401-بەتتە مەزكۇر ھەدىسنى زەئىپ دېگەن. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ئەڭ ئاجىز ئىسناد، ئەغلەبنى ئىمام بۇخارى ۋە باشقا ئالىملار "ھەدىسى مۇنكەر" دېگەن. ھەججاج ئىبنى پەراپىسەمۇ ئاجىز راۋىي" زەئىپ ھەدىسلەر توپلىمى"6420-ھەدىس.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى